ئارتۋىن چورۇخ ئۇنىۋېرسىتېتىدا « شەرقى تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» توغرىسىدا مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەۋىرى
2018 – يىلى  12-ماي

م. ئۇيغۇرئوغلى خەۋىرى:

2018 – يىلى 5- ئاينىڭ 9 – كۈنى ئارتۋىن چورۇخ ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەزكۇر ئۇنىۋېرستېتنىڭ  ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەرخان گىرەي ئەپەندى تەرىپىدىن نىھات كۆك يىگىت مەجلىس ۋە كۈلتۈر يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن« شەرقى تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» تېمىسىدىكى يىغىنغا شەرقى تۈركىستان داۋاسىنىڭ موھىم رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرىستېتى چاغداش تۈرك لەھچىلىرى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت ئەركىن ئەمەت تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

      كۆپ ساندىكى ئاكادېمىك ۋە ئوقۇغۇچىلارغا شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالىنى تەپسىلي تونۇشتۇرغان ئەركىن ئەمەت ئۆز لېكىسىيەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانادولۇ تۈركلىرى بىلەن بولغان قان – قېرىنداشلىقى، تىل ، مەدەنىيەت ، ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە كۈلتۈر قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە تارىخى ئورتاقلىق ۋە ئوخشاشلىقىنىڭ بارلىقى ھەققىدىمۇ توختالدى. تۈرك كۈلتۈر تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمي مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ – ئادەت ئامىللىرىنى بۈگۈنگىچە ساقلاپ كەلگەن ۋە سۈردۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنىمىزدە خىتاي تەرىپىدىن يوق قىلىۋىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە  تەكىتلىدى.

    ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ خىتاي تەرپىىدن تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زۇلۇمغا ئۇچىراۋاتقانلىقىنى سۆزلىگەن ئەركىن ئەمەت لېكسىيە داۋامىدا دېدى: سىلەر ئاڭلاپ قۇلۇقىڭلارغا ئىشنەلمەيۋاتقان شەرقى تۈركىستاندىكى بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى توغرا ۋە ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ ئىغىردۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىننى ئىشغال قىلغان ۋە دۆلىتىنى يوق قىلغان خىتايلار بۈگۈن شەرقى تۈركىستانغا خىتاي پۇخرالىرىنى تۈركۈملەپ يەرلەشتۈرمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلىمەكتە ۋە بۈگۈن ئۇيغۇرلار مەسچىتكە كىرىش ئۈچۈن كىنىشكە بىجىرىشكە مەجبۇرلانماقتا. رامىزان ئايلىرىدا پىۋا ئىچىش مۇسابىقىسىگە مەجبۇرى قاتناشتۇرۇلماقتا. سالامەتلىكى يار بەرمەي ئىچمىگەنلەرنى بولسا « سىياسەتكە قارشى چىققانلىق» جىنايىتى بىلەن تۈرمىلەرگە تاشلىماقتا. ئىماملارنى مەيدانغا يىغىپ ئۇسۇل ئويناتقۇزماقتا ۋە « ئاللاھ بىزگە مۇئاش بەرمەيدۇ، مۇئاشنى بىزگە كومپارتىيە بىرىدۇ» دەپ مەجبۇرى ناخشا ئېيىتقۇزماقتا.

خىتايدا تۈركىيەگە قارشى ناھايىتىى كۈچلۈك بىر تارىخى دۈشمەنلىكنىڭ بارلىقىنى دىگەن ئەركىن ئەمەت  ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستانغا بولغان قېرىنداشلىق ھېسياتىنى بىلگەنلىكى ۋە تۈركىيەنى پانتۈركسىتلەرنىڭ بۆشۈكى دەپ بىلگەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيەنى ئۆزىگە تەھتىت ۋە دۈشمەن دەپ قارايدىغانلىقىنى، شەرقى تۈركىستاندىكى پۈتۈن تۈرك ماركىلىرىنڭ ۋە ئىستانبۇل ئىسملىك رېستورانلارنىڭ تاقالغانلىقىنى،ئۇيغۇرلارنىڭ توردىن تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر خەۋەر ياكى ئۇچۇر ئىزدىگەندە دەرھال ئۆيىگە ساقچىلارنىڭ كىلدىغانلىقىنى ،لىكىن بۇلارنى تۈركىيەدىن قاتتىق مەخپىي تۇتىدىغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ رەئىس جۇمھۇرى ئەردوغاننىڭ ئۈرۈمچىگە بارغىنىدا ئۇنڭ كىردىغان كىرىدىغان مەسچىتىگە ياڭراتقۇلارنىڭ ئورناتقانلىقىنى ۋە سا ختا كۆرنۈش پەيدا قىلغانلىقىدەك ئەمەلى مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئەركىن ئەمەت داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

خىتايلارنىڭ ئىنسان چىدىغۇسىز زۇلۇملىرىدىن يەنە بىرى بولسا « تۇققان ئائىلە » سىياسىتى ئاستىدا ئۇيغۇر ۋە قازاق ئەركەكلىرىنى « تەربىيلەش مەركىزى» ئىسملىك لاگىرلاردا تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىز – ئاياللىرى يىنىغا خىتاي ئەركەكلىرىنى مەجبۇرى يەرلەشتۈرۈشتۇر. نۇمۇس ئېڭى بولمىغان خىتايلار ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ نۇمۇس ئېڭىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ سىياسىتنى يۈرگۈزمەكتە. بۇنىڭغا قارشى چىققان ئاياللارنى بولسا ياكى تۈرمىلەرگە تاشلىماقتا ۋەياكى ئۆلتۈرمەكتە. مۇشۇ سەۋەپتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان قىز – ئاياللارمۇ ناھايىتى كۆپ .

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇچۇر مەركىزى