خىتاي ھۆكۈمىتى «بىڭتۇەن» نىڭ ئورنىنى كۈچەيتىشكە بۇ يىل داۋاملىق مەبلەغ ئاجراتقان

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  8-ماي

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەننى» نىڭ ئاساسى قاتلام قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىشكە بۇ يىل يەنە زور مىقداردا پۇل ئاجراتقان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەزكۇر يېرىم قوراللىق، يېرىم ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ بۇ يىللىق مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى مۇلازىمەت، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق 10 خىل قۇرۇلۇش تۈرىگە 34 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئاجراتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «بىڭتۇەن» گە سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سۈرۈش ۋە «بىڭتۇەن» ئۈچۈن زور يەنە زور مەبلەغ ئاجرىتىش قارارى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان «بىڭتۇەن» ھەققىدىكى دوكلاتىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دوكلاتىدا، مەزكۇر يېرىم قوراللىق، يېرىم ئىقتىسادى ئورگاننى خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىچىلىك ئاپپاراتى» دەپ تەنقىد قىلغان.

دوكلاتتا، ئۇنىڭ مۇھىت، يەرلىك خەلقنىڭ ئىقتىسادى تۇرمۇشى ۋە بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر ئورگانغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى قوبۇل قىلىشنى توختىتىشقا ۋە ئۇنى تارقىتىۋېتىشقا، ئۇنىڭ ئىلكىدىكى يەر-زېمىن ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى يەرلىك خەلققە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.

لېكىن، «بىڭتۇەن» تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، يۇقىرىقى مەبلەغنىڭ «بىڭتۇەن» نىڭ «جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشى، بىڭتۇەن ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش، يېزا-كەنتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى قوللاش» قا سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2006‏-يىلدىن بېرى «بىڭتۇەن» نى كۈچەيتىشكە ھەر يىلى زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشنى پىلانلاپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىڭتۇەن» گە سالغان مەبلىغى يېقىنقى 12 يىلدا ئاز كەم 40 ھەسسە كۆپەيگەن. 2017‏-يىلى ئۇنىڭ «بىڭتۇەن» گە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان بىر يىل بولغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ 2017‏-يىلى «بىڭتۇەن» گە سالغان مەبلىغى بۇ يىلقىدىن 8 مىليارد يۈەن ئارتۇق ئىكەن.