ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» خەلقئارا ئاخباراتلاردا تونۇشتۇرۇلماقتا

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  3-ماي

27-ئاپرېل كۈنى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «5000 كىشىلىك نامايىش» تا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى تاقاش ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر مۇھىم شوئارلاردىن بولغان ئىدى.

شۇ سەۋەبتىن بۇ ھەقتىكى ئاخبارات خەۋەرلىرىدە «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىندى. بولۇپمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسىدە يەر ئېلىشتىن باشقا يەنە نۆۋەتتە ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ تونۇشتۇرۇلماقتا ئىكەن. يېقىندا ياپونىيەدىكى «خەۋەرلەر ھەپتىلىكى» گېزىتىگە بېسىلغان مىزۇتانى نائوكو ئىمزاسىدىكى مەخسۇس ماقالىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.

ماقالىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ سان ۋە كۆلەم جەھەتتە ئىزچىل ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى، بۇ ئەھۋاللارنى «ئۇيغۇر مىللەتچىلىرى» دەپ قارىلىۋاتقان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ھازىرقى دولقۇن ئەيسا قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ تۇغۇلغان جايلىرىدا ھازىر مەھبۇسقا ئايلىنىپ قالغان كىشىلەرنىڭ سانىدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقى كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا بايان قىلىنغان.

ماقالىدە يۇقىرىقى بىر قاتار ئەھۋاللارنى «خىتايدا 10 يىل داۋام ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش خالىغان ئادەمنى خالىغان ۋاقىتتا ئېلىپ كېتىدىغان سىياسىي باستۇرۇشنىڭ تەكرارلىنىشى،» دەپ كۆرسىتىدۇ.

ماقالىدە يەنە «سۈرىيەدىكى ئاشۇ مالىمانچىلىقتا ئۇ يەردە ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان قوراللىقلار ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش شارائىتىغا ئىگە. ئەمما ھازىر شۇنچە ‹تىنچ› ۋەزىيەتتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىش ئىمكانى يوق» ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.