دﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪﺳﻰ رەسمىي ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ

دﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ خەۋىرى
2018 – يىلى  16-ئاپرېل


ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ (ﺩ ﺋﯘ ﻕ) ﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﮔﺎﻥ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﻗﺎﻧﯩﻠﻰ ﮪﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ «ﺩ ﺋﯘ ﻕ.ﺕ ﯞ» ﺭﻩﺳﻤﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ.
ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ، ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻱ ﺋﯘﭼﯘﺭ – ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﺎﻟﺪﺍ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ تۈرلۈك ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ، ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ، ﮪﻪﺭﺧﯩﻞ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ، ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩﻗﻪ – ﮪﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ تۈرلۈك ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻼﺭ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ ﺳونۇﻠﯩﺪﯗ.

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﯞﺟﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺋﻪﻓﻜﺎﺭﻯ، ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﯞﻩ ﺯﺍﻟﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﻗﻮﺭﺍﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯗﺭ!

«ﺩ ﺋﯘ ﻕ.ﺕ ﯞ»ﻧﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﯞﻩ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﭘﻪﺭﮪﺎﺕ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﯩﺪﻯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﺮﯨﻚ ﻧﯘﺗﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ، ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ.

ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﯩﻜﻰ، ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ، ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﻳﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺑﯘﺭﭼﯩﻤﯩﺰ. ﺋﻪﺯﯨﺰ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ «ﺩ ﺋﯘ ﻕ.ﺕ ﯞ» ﻧﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﻪﯞﯨﻲ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﺳﯘﻥ!

تۇنجى قېتىملىق پروگراممىمىزنى تۆۋەندىكى ئادرېسدىن كۆرۈڭ:

https://www.facebook.com/Qurultay/videos/445903135864904/

دﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭ – ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ
2018-يىلى 16-ئاپرېل