ئۈرۈمچى مېتروسىغا كىملىك بىلەن بېلەت سېتىۋېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ

ر ف ئا خەۋىرى
2018 – يىلى  12-ئاپرىل

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا «ئۈرۈمچى مېتروسىنىڭ قاتنىشىنى باشقۇرۇش چارىسى» نى ماقۇللاپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسىدىكى كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. مېترو قاتنىشىنى باشقۇرۇش چارىسىدە، ئۈرۈمچىنىڭ بۇ يىل 6‏-ئايدا باشلىنىدىغان مېترو قاتنىشىغا دائىرىلەر بەزى قاتتىق بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان. بەلگىلىمىدە، مېتروغا ئولتۇرىدىغان يولۇچىلارنىڭ كىملىك بىلەن ئۆز ئىسمىدا بېلەت سېتىۋېلىشى تەلەپ قىلىنىپ، باشقىلارنىڭ كىملىكى بىلەن ياكى ساختا كىملىك بىلەن مېتروغا ئولتۇرغان يولۇچىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. 

ئۈرۈمچى مېتروسىنىڭ، يەنى يەر ئاستى پويىز يولىنىڭ قۇرۇلۇشى 2013‏-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ دەسلەپكى 4 لىنىيەسىنىڭ 2020‏-يىلدىن بۇرۇن پۈتتۈرۈلۈپ، رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى پىلانلانغان ئىدى. خوڭكوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ‏‏1‏-لىنىيەسىنىڭ شىمالىي بۆلىكىنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتۈپ سىناق قىلىنماقتا ئىكەن. دائىرىلەر ئۇنىڭدا بۇ يىل 6‏-ئايدىن باشلاپ رەسمىي قاتناش باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مېترو 1‏-لىنىيەسىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكى خەلق سارىيىدىن باشلىنىپ ئۈچتاشقا بارىدۇ. خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 27 كىلومېتىرلىق مېترو 1‏-لىنىيەسىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشىدىكەن.

لېكىن، دائىرىلەر مېترو قاتنىشىدا كىملىك بىلەن بېلەت سېتىۋېلىشنى يولغا قويۇشى ئۈرۈمچىدىكى بەزى كۆچمەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمىگەن. سەيشەنبە كۈنى رادىيومىزنىڭ گۇاڭدۇڭ بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدە ئولتۇرۇشلۇق لىن فامىلىلىك بىر خىتاي پۇقراسى، دائىرىلەر خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايمىز دېسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ بۇ تۈزۈمنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لىن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ ئاسان يۈز بېرىشىنى توسۇشتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئەلۋەتتە زۆرۈر. بىراق، بۇ خىل ۋاسىتىلەرنى بەك ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش خەلقنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر قىلىپ، بەزى قۇلايسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەن بۇنداق مېترو بېلىتىنى كىملىك بىلەن سېتىۋېلىش تۈزۈمىنى قوللىمايمەن».

ئۇنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەت ئامانلىق تەدبىرلىرىنى خەتەرلىك، دەپ قارىغان شەخسلەرگە قارىتىپ، ئۇلارغا ئىدىيەۋى تەربىيە خىزمىتى ئىشلىشى، ھەممە ئادەمنى نازارەت قىلىش نىشانىغا ئايلاندۇرۇۋالماسلىقى كېرەك.

لېكىن بەزى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مېترو بېلىتىنى كىملىك بىلەن سېتىش تۈزۈمى ئۇنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش لاگېر» لىرىغا سولاش، تور ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى نازارەت قىلىش، د ن ئا ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىش، قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرۇشىنى كونترول قىلىش، چەتئەلگە چىقىشىنى چەكلەش، يۈز تونۇش ئاپپاراتى، ئاپتوموبىل ئىز قوغلاش ئەسۋابلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتەك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىش پىلانىنىڭ بىر پارچىسىدۇر.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت سەيشەنبە كۈنى مەزكۇر بەلگىلىمىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ ھېچقانداق جايىدا كۆرۈلمىگەن ئەھۋال بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بىر ئىنسان بېرىپ مېتروغا بېلەت ئېلىش ئۈچۈن كىملىك، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇشى ھەددىدىن ئاشقانلىق. بۇ سىياسەتنىڭ ئاستىدا ئىنسان قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، بۇ ئادەمنى ئەنسىرىتىدىغان بىر مەسىلە. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي ئۆزىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتىدىن ئۆزىمۇ چۆچۈۋاتىدۇ».

ئەگەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە مېترو قاتنىشى رەسمىي باشلىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مېترو قاتنىشىنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى چارىسى ئىجرا قىلىنىش باشلانسا، مەزكۇر شەھەر خىتايدىكى مېتروغا كىملىك بىلەن بېلەت سېتىش يولغا قويۇلغان تۇنجى شەھەر بولۇپ قالىدۇ. چەتئەلدىكى بەزى خىتاي كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ بەلگىلىمە نىشانلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى لى خوڭكۈئەن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇرۇن بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردىكى مېترولاردا بۇ خىل تەكشۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇشقا باشلاپتۇ، دەپ ئاڭلىغان ئىدى. لېكىن بۇ شەھەرلەردىكى تەكشۈرۈش پەقەت نىشانلىق بولۇپ، گۇمانلىق كىشىلەرنى توختىتىپ، ئۇلارنىڭ كىملىك كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش دېگەندەك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كەلگەن. ئەلۋەتتە شىنجاڭدا بۇنداق قاتتىق يولغا قويۇلۇشى تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئۇنىڭ چوقۇم قارا تىزىملىكى بار. بەزى كىشىلەرنى بىر تەكشۈرۈپلا مېتروغا چىقارماسلىقى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىشى ئېنىق. چۈنكى، ئۇ ئۇيغۇرلارنى ئىسيانچىلار، ئاساسلىق كاشىلا شۇلاردىن كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ».

لى خوڭكۈئەننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەلۇم مىللىي ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارغا قارىتىلغان بۇ خىل نىشانلىق بەلگىلىمىلەرنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىكەن. ئۇ، نىشانلىق بەلگىلىمىلەر مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئاجىزلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

لى خوڭ كۈئەن مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا شىنجاڭنىڭ مىللىي سىياسىتى مەغلۇپ بولدى. ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولدى. ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئالاقە قالمىدى. مۇناسىۋىتى ئۈزۈلدى دېسەك بولىدۇ، بولمىسا ھۆكۈمەت ھازىرقىدەك تۇغقان قىلىمىز، دەپ يۈرمەيتتى. ھازىر خەنزۇلار ئۇيغۇرلارنى كۆرسە، ئۇنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆزىگە زىيان سالىدىغان-سالمايدىغانلىقىغا قارىمايلا ئۇلارغا گۇمان بىلەن قارايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۇيغۇرلارنى چۈشەنمەيدۇ. چۈشەنمەسلىك ئۇلاردىكى قورقۇشنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئەندىشىدىن خالى قىلىشقا كاپالەتلىكلا قىلسا، ئۇنىڭ تەرىپىنى تۇتۇۋاتىدۇ. ئىنسانلار مانا مۇشۇنداق نەرسە. دېمەك، مىللەتلەر، ئىرقلار ئوتتۇرىسىدا مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن مەيلى خەنزۇ بولسۇن ئوتتۇرىدىكى نورمال ئالاقە ئاجىزلاشقان. بۇ ئەھۋال ياخشى ھادىسە ئەمەس».

خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشنى ئەڭ ئاۋۋال ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان. مەزكۇر رايوندا يولغا قويغان يۈز تونۇش تېخنىكىسىغا ئوخشاش بەزى ۋاسىتىلەر يېقىندا خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە كېڭەيتىلىشكە باشلىغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، كىملىك بىلەن مېترو بېلىتى سېتىۋېلىشقا خىتاي خەلقىنىڭ قارشى چىقىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، بولمىسا بۇ تۈزۈمىنىڭ باشقا ئۆلكىلەرگە كېڭەيتىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت: «شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلگەن ھەرقانداق سىياسەت، ھەرقانداق بىر يېڭى ھەرىكەت ئاستا-ئاستا خىتاي ئۆلكىلىرىگىمۇ كېڭىيىۋاتىدۇ. دېمەك، بىزنىڭ ۋەتىنىمىز بىر سىناق رايونى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، بۇرۇن بىزنىڭ تەۋەندە چەيدۇ-پىچاقلارغا كىملىك نومۇرى ئۇرۇشنى يولغا قويغان. خىتايلار ئۆز ۋاقتىنى بۇنى قوللاپ بۇنىڭغا قارشىلىق قىلمىغان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىتاينىڭ ئۆزىدە يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. دېمەك، ھازىر خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى سۈركىلىشمۇ ئېغىر. بۇنداق ئەھۋالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئاستا-ئاستا ئىچكىرىگە كۆچۈرۈپ ئاپىرىشتىنمۇ يانمايدۇ».

«ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مېترو قاتنىشىنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى چارىسى» دە يەنە، يولۇچىلارنىڭ مېتروغا ئولتۇرغاندا ئىناۋەتلىك بېلەت ئىشلىتىشى تەلەپ قىلىنىپ، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىناۋەتسىز بېلەت بىلەن مېتروغا ئولتۇرغانلار ياكى باشقىلارنىڭ كىملىكىنى ئىشلەتكەنلەردىن تۆۋىنى 50 يۈەن يۇقىرىسى 200 يۈەن مېترو بېلىتى ئېلىنىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مېترو قاتنىشىنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى مەزكۇر چارىسى 3‏-مارت ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ پىكىر بېرىشىگە سۇنۇلغان ئىدى. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 8‏-ئاپرېل كۈنى مەزكۇر چارىسىنى رەسمىي ماقۇللىغان.