د ئۇ ق نىڭ 22 نەپەر قېرىندىشىمىز ھەققىدىكى باياناتى

2009-يىلى12-ئاينىڭ 21-كۈنى

2009-يىل19-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، قارا كۈن بولدى. كامبودژا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا باش ئەگىپ،خىتايدىن قېچىپ چىقىپ كامبودژادا سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇۋەتتى. نەتىجىدە،خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ، بەزىبىر غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ۋە دۇق نىڭ ئۇلارنى 3-بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتاي تەھدىتىدىن خالاس قىلىش ئارزۇسى ئەڭ ئاخىرىدا ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.

گەرچە دۇنيادىكى ئالىي ھوقۇقلۇق كۈچلەردىن ئامېرىكا، ياۋروپا بىرلىكى، ب د ت ۋە دۇنيادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بولغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەزكۇر ئۇيغۇرلار كامبودژا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتكە ئۇچرىشى ۋە ھەتتا ئۆلۈمگە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە كامبودژا ھۆكۈمىتىنى قايتا-قايتا قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، كامبودژا ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قىلچە پىسەنت قىلماي، 20 ئۇيغۇر مۇساپىرنى ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا خىتايغا مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈپ بەردى.

20 ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشى ئۇيغۇرلارنى ئېغىر قايغۇغا، تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئەندىشىگە ۋە ئازابقا دۇچار قىلدى. بۇ ۋەقە تېخى يېقىندىلا يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن يۈرەك-باغرى لەختە-لەختە بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنە بىر چوڭ زەربە بولدى.

مەزكۇر ۋەقەنىڭ دۇق رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان سەلبىي سىياسىي تەسىرىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك بولىدىغانلىقى ۋە قانچىلىك ئۇزاققا سوزۇلىدىغانلىقىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس. شۇنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىمىزكى، 20 ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈمىدى ۋە ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئېغىر مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشى دۇق نىڭ خىزمىتىگە قارىتا نۇرغۇن سوئاللارنى قويدى.

بۇ ۋەقە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. كۆپلىگەن يۇرتداشلىرىمىز ھەقلىق ھالدا بۇ 20 نەپەر قېرىندىشىمىزنى نېمە ئۈچۈن قۇتقۇزۇپ قالالمىغانلىقىمغا قارىتا تەنقىد-پىكىرلىرى، ئۆكۈنۈشى ۋە ئاغرىنىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قۇرۇلتىيىمىزنىڭ بۇ ھەقتە جاۋاب ۋە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

بىز ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى سەمىمىي ھېسسىياتىنى توغرا چۈشىنىمىز ۋە بەرگەن تەنقىد-پىكىرلىرىنى چىن يۈرىكىمىزدىن قوبۇل قىلىمىز! ئالدى بىلەن شۇ نەرسە تەكىتلىنىشى كېرەككى، 20 نەپەر قېرىندىشىمىزنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە سەۋەبلىرى بار. ئەمما شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بىر تەشكىلات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتنىڭ تۇنجى مەسئۇلىيىتىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈستىمىزگە ئالىمىز!

ئوز نۆۋىتىدە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمىزكى، قۇرۇلتىيىمىز 22 نەپەر قېرىندىشىمىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن قولىدىكى مەۋجۇت ئىمكانلىرىمىزنىڭ ھەممىنى  ئىشلەتكەن بولسىمۇ، نەتىجىدە يەنىلا ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قالالمىدى. ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتكۈل ئۇيغۇرلاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمىز!

چەتئەللەردىكى ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ بۇ 22 نەپەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھاياتىغا يۈكسەك دەرىجىدە جىددىي كۆڭۈل بۆلىشى، بىزنى بىر تەرەپتىن بىزنىڭ ئورتاق مىللىي تەقدىر قارىشى ئۈستىگە قۇرۇلغان مىللىي مەسئۇلىيەت ئېڭىمىزنىڭ قانچىلىك كۈچلۈكلۈكىدىن سۆيۈندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئالدىمىزدا تاكى ئۇيغۇر خەلقى ئارزۇ قىلغان ئەركىنلىكىمىزنى ئالغۇچە بولغان جەرياندا بىز دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلاردا بۇرۇنقىدىنمۇ ئىتتىپاقلىشىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى يەنە بىر قېتىم جىددىي بىلدۈردى. ئەمما شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز لازىمكى، 22 ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەقدىرىگە ئېچىنىپ تۇرۇپ ۋە قۇرۇلتىيىمىزغا بولغان ئىشەنچ سەۋەبىدىن بېرىلىۋاتقان تەنقىد-پىكىرلەرنىڭ بىر قىسىم بەزى يامان غەرەزلىك كىشىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلتىيىمىزنىڭ ۋە لىدىرىمىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوبرازىنى ئەل ئارىسىدا خۇنۈكلەشتۈرۈش ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتىدۇ. خەلقىمىزنى خىتاينىڭ مىللىي ھەرىكىتىمىزگە قاراتقان ھۇجۇمىغا ئاستىرتىن ماسلىشىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل سىياسىي سۇيىقەستلەردىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرىمىز !

ئەزىز ۋەتەنداشلار، شۇنى ئېيتىش كېرەككى، قۇرۇلتىيىمىز 22 نەپەر ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بېرى بېزىلەر ئىلگىرى سۈرگىنىدەك جىم ئولتۇرۇۋالغىنى ھەم مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ ئۇلارنىڭ قايتۇرۇلۇشىغا يول ھازىرلاپ بەرگىنى يوق. ئەكسىچە، ئۇ 22نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ مەسىلىسى دەسلىپىدە ۋيېتنامدا ئوتتۇرىغا چىققاندىن بېرى ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ھەرىكەت قىلدى. بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دۇق بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتاي چېگراسىدىن ھالقىپ، ۋيېتنامغا قېچىپ چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بۇ مۇساپىرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىي مۇزاكىرە قىلدى. بۇنى مەخپىي ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مەسئۇل خادىملار مەخسۇس بەلگىلەندى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ب د ت مۇھاجىرلار يۈكسەك كومىسسارلىقى ۋاسىتىسى ۋە باشقا يوللار بىلەن بىخەتەر 3-بىر دۆلەتكە يۆتكىلىشى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلدى. مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىلدى، ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەم قىلىندى. قۇرۇلتىيىمىز ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ مەسئۇللىرى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، 22 ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ پاناھلىق مەسىلىسىنى تېزرەك بىر تەرەپ قىلىشقا كۈچىدى. بولۇپمۇ قۇرۇلتىيىمىز يۇقىرىدىكى ئورۇنلاردىن ئۇلارنى بىخەتەر بىر دۆلەتكە يۆتكەش ۋە ئۇلارنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە كامبودژا ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كامبودژادىكى 22 بالا ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، رەئىسىمىز رابىيە خانىم باشچىلىقىدا ھەيئەت مەخسۇس جەنۋە بېرىپ، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، 22 بالا مەسىلىسىنى يەنە قايتا سۈيلىدى. ئېلىپ بارغان بارلىق پائالىيەتلەر ۋە تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە بىزنىڭ ئالغان جاۋابىمىز، “22بالىنىڭ ھاياتىغا ۋە ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.” دېگەندەك ۋەدىلەر بولدى. شۇنداقتىمۇ بىز يەنە تۈرلۈك قۇتقۇزۇش يوللىرى ئۈستىدە جىددىي ئىزدەندۇق، ئەمما كامبودژانىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ مەزكۇر دۆلەتتىكى كۈچىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بولۇشى سەۋەبىدىن تىرىشچانلىقىمىز بىكارغا كەتتى.

12-ئاينىڭ 17-كۈنى كامبودژا ساقچى ئورگانلىرى تۇيۇقسىز مۇتتەھەملەرچە ھەرىكەت قىلىپ، ب د ت نىڭ ھىمايىسى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ، پان پەم شەھىرىدىكى بىر تۈرمىگە قامىدى. بىز جىددىي سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ18-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىگە يولغا سېلىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق ۋە بۇ ھادىسىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى، ياۋروپا بىرلىكىنى ۋە ب د ت نى خەۋەردار قىلدۇق.

ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ كامبودژادىكى خادىملىرىمۇ ئۇشبۇ ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۈچى پەقەت ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى بىر كۈن كېچىكتۈرۈشكە يەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا خىتاي بىلەن كامبودژانىڭ تارىخىي يېقىن مۇناسىۋىتى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدا يېقىندا ئەمەلىيلىشىدىغان بىر مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋىتى ئېغىر بېسىپ كەتتى. نەتىجىدە، 19-دېكابىر كۈنى 20 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر كامبودژادىكى بىر ھەربىي ئايرودروم ئارقىلىق خىتايغا مەخپىي يولغا سېلىندى.(بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىشنى خالايدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇرۇلتىيىمىزنىڭ مەسئۇل خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىنى قارشى ئالىمىز.)

ئەزىز ۋەتەنداشلار،

بۇ قېتىمقى پاجىئە ئۆزىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئەسىرلەردىن بېرى قۇربان بېرىپ كېلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ تارىخىدىكى تۇنجى ۋەقە ئەمەس، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقىسىمۇ ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشىغان ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرىقىدەك ۋە يۇقىرىقىدىنمۇ ئېغىر قىسمەتلەرگە كەلگۈسىدە يەنە دۇچار بولۇشىمىز مۇمكىن. بۇ قېتىمقى پاجىئە كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى ئۈستۈن كۆرۈشكە بارغانسېرى يۈزلىنىۋاتقان بۇ دۇنيادا مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ ئالدىدا تاشلىنىپ ياتقان تېخىمۇ قىيىن مەنزىللەردىن بېشارەت بېرىدۇ.  بۇ قېتىمقى پاجىئە 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ-ۋەتەن ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى ۋەتەننىڭ سىرتىدىمۇ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ-ئاچچىق ئىسپاتىدۇر.

20ئۇيغۇرنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش تەھدىتكە ۋە ئەركسىزلىككە قايتۇرۇلغان ھاياتى، بىزگە ئۇلار ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان مۇقەددەس ۋەزىپىنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇلار مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلدى، ئەمما ئۇلار ئەركىنلىككە ئېرىشىشنى كېچە-كۈندۈز ئارزۇ قىلىۋاتقان پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ ئارمىنىنى بىزگە ئامانەت قويۇپ كەتتى. ئۇلار مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلدى، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرى سۆزلەشكە ئۈلگۈرەلمىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بەشىدىكى قانلىق كەچمىشلەرنى بىزنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ سۆزلىشىمىزگە قالدۇرۇپ كەتتى. خىتايلار تەرىپىدىن “جىنايەتچى” دەپ قارىلانغان  ئىككى نارەسىدە بالىنى ئوز ئىچىگە ئالغان 20ئۇيغۇرنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى پۈتكۈل دۇنيا جامائەتلىرىگە-مەيلى ئۇيغۇرلارغا تا ھازىرغىچە ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان ياكى ئۇلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشىنى كۆرمەسلىككە سېلىۋاتقان دۇنيا جامائەتلىرى بولسۇن-ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتىنى سوراق قىلدى، ئۇلارنىڭ پۇل-مەنپەئەت ئالدىدىكى ئارىسالدىلىقنى قاتتىق مەسخىرە قىلدى.بۇ قېتىمقى پاجىئە بىزگە يەنە شۇنىمۇ بىلدۈرىدۇكى، ئۇلۇغ بىر غايىنىڭ ئېغىر-ئېغىر بەدەللىرى بولىدۇ. ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ ئەسىر ئىچىدە سانسىزلىغان كۈرەشلەرنى قىلىپ، مىڭلىغان، يۈزمىڭلىغان قۇربانلىرىمىزنىڭ بەدىلىگە ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرغان ۋە بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت يىقىلغاندىمۇ ئۈمىدىنى ۋە ئىشەنچىنى يوقاتمىغان، غەيرىتى ئاجىزلاشمىغان، كۈرەش ئىرادىسى سۇنمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مىللىي كۈرىشىمىز بۈگۈنگىچە ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر ئەجداد روھىغا ۋارىسلىق قىلىمىز دەيدىكەنمىز، بۇ پاجىئەدىن تەجرىبە-ساۋاق ئېلىشىمىز، ئەمما كۈرەشتە بەل قويۇۋەتمەسلىكىمىز، يۇقىرىقىدەك ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغاندا بىرلىك-ئىتتىپاقلىقىمىزنى ۋە ئۆز-ئارا ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز لازىم.

ئۇشبۇ ۋەقە سەۋەبىدىن دۇنياغا دەيدىغىنىمىز: ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭلا مەغلۇبىيىتى بولماستىن، بەلكى ئۆزلىرىنى ئىنساننىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدىغۇچىلار دەپ ئاتىۋالغانلارنىڭ دەل شۇ ھوقۇقلارنى دۇنيانىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ دەپسەندە قىلىۋاتقان بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەت-خىتاي ھاكىمىيىتى-ئالدىدىكى مەغلۇبىيىتىدۇر. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك غايىسىگە بېرىلگەن زەربىلا ئەمەس، بەلكى، تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، دەل مۇشۇ ئەركىنلىكنى قوغداشنى ۋەدە قىلغان خەلقئارالىق قانۇنلارغا، ب د ت غا، ئامېرىكىغا ۋە ياۋروپا بىرلىكىگە بېرىلگەن زەربىدۇر.

دۇنيا مەيلى ئېتىراپ قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارا قانۇنلارنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىنىڭ ۋە سىياسىي پاناھلىق تىلەش ھەققىدىكى قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا قارىتا باشتىن ئاخىر بىر ئېغىر سوئال، ئاچىق مەسخىرە ۋە باش تارتىپ بولماس مەسئۇلىيەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

ئۇشبۇ ۋەقە سەۋەبىدىن خىتايغا دەيدىغىنىمىز: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ئىزدىنىشىنى فىزىكىلىق نۇقتىدىن كونترول قىلىش ھازىرچە مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك ئىنتىلىشىنى ئىرادىسىنى، روھىنى كونترول قىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئۇيغۇرلارغا شۇ نەرسە ئاللىبۇرۇن ئايانكى پەقەت ئەركىنلىككە ئىنتىلىشلا، مەيلى ئۇ قانچىلىك بەدەلنى تەلەپ قىلسۇن، ئۇلارنى بۇ دۇنيادىكى چىدىغۇسىز ئازابتا خۇددى پاختىنىڭ ئىچىدە ئوتنى ساقلىغاندەك ساقلاپ كېلىۋاتقان بىردىنبىر ئامىلدۇر. ئۇلار بۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۆتمۈشتىمۇ قۇربان بەرگەن، ھازىرمۇ قۇربان بېرىۋاتىدۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ قۇربان بېرىدۇ، تاكى شۇ ئەركىنلىك ئۈزۈل-كېسىل رېئاللاشقىچە.

ئۇشبۇ ۋەقە سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارغا دەيدىغىنىمىز: خۇددى 20 ئۇيغۇرغا ئوخشاش ھەممىمىز، مەيلى نەدە ياشايلى ۋە مەيلى كىم بولايلى ھېلىھەم ئەركىنلىك ئىزدەۋاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتىمىز. مۇشۇ ئەركىنلىك غايىسى ھەممىمىزنى تېخىمۇ ئۇيۇل، ئىرادىلىك قىلسۇن. خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان 20 ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى قىسمىتى بىزنىڭ كۆز يېشىمىزدۇر؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ئەتىگە بولغان غايىسى بىزنىڭ كۈرەش يولىمىزدۇر. بۇ يول مۇقەددەستۇر، بۇ يولدىن بىزنى ھېچكىم قايتۇرالمايدۇ.

ھۆرمەت بىلەن،

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى