ياۋرۇپا پارلامېنتى ئالدىدىكى 5000 كىشىلىك نامايىش ئۈچۈن ئالغا!

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018 – يىلى 13– فىۋرال

ئەزىز ۋەتەنداشلار، 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىرۇسسېلدىكى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان 5000 كىشىلىك نامايىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي داۋام قىلماقتا.

د ئۇ ق ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى (UNPO) بىلەن بىرلىكتە، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكى <<نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى>>، <<شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى>>، <<فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتى>>، <<بېلگىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى>>، گوللاندىيەدىكى <<ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى>>، <<شىۋېتسارىيە شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتى>>، <<ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى>>، <<فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى>>، <<گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتى>> ۋە گېرمانىيەدىكى <<ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى>> قاتارلىق 10 ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى ئاستىدا <<نامايىش تەييارلىق كومىتېتى>> نى قۇرۇپ چىقتى. مەزكۇر كومىتېتقا ئەزا تەشكىلاتلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە نامايىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرماقتا.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت، شىمالىي ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق 20 گە يېقىن دۆلەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ قاتنىشىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بىز ياۋرۇپادىكى بارلىق ۋەتەنداشلارنىڭ مەسىلىگە جىددىي قاراپ، يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىكى 5 مىڭ كىشىلىك نامايىشقا تەييارلىق قىلىشلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

نامايىش تەييارلىق كومىتېتى