نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيەلەش يىغىنى ئېچىلىدۇ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018 – يىلى 8– فىۋرال

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى(د ئ‍ۇ ق)، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ۋە نورۋېگىيە رافتو فوندى جەمئ‍ىيىتىنىڭ ھەمكارلىشىشى ھەمدە ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى(NED) نىڭ ياردىمى بىلەن، 2018-يىلى 16-مارتتىن 18-مارتقىچە نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلىملىرى بۇيىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلىدۇ.

بۇ پائ‍الىيەت ئىككى بۆلەكتىن تەركىپ تاپىدىغان بولۇپ،
بىرىنچى بۆلىكى 16-مارت كۈنى رەسمى يىغىن (كونفېرانس) ۋە يۇمۇلاق ئۈستەل مۇلاھىزىسى شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ يىغىنغا، نورۋېگىيەدىكى ياشلارنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر ۋەكىللەردىن سىرت، د ئۇ ق ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئۇيغۇر مەسىلىلىرى بۇيىچە چەتئەللىك مۇتەخەسىسلەر شۇنىڭدەك، نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ بىرقىسىم ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلىدۇ. يىغىندا شەرقى تۈركىستاننىڭ كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىپ كېتىۋاتقان نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، جۈملىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللى ئاسمىلاتسىيە سىياسىتى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەكتەپلەردە چەكلىنىشى، دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ ۋە ئەركىن مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ.

ھەپتە ئاخىرى، يەنى 17-، 18-مارت كۈنلىرى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيلەش كۇرسى قىسمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك تەربىيىلەش كۇرسى د ئۇ ق تەرىپىدىن 2007 –يىلدىن بېرى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ خىلدىكى تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ 14-نۆۋەتلىكى بولۇپ، ئىلگىرىكى كۇرسلار ستوكھولىم، بېرلىن، برۇسسېل، جەنۋە، دەنھاگ، سېدنىي، ۋاشىنگتون، توكيو قاتارلىق شەھەرلەردە مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

د ئۇ ق بۇ قېتىم ئوسلودا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ كۇرستا ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن كۇرسلاردىن توپلىغان قىممەتلىك بىلىم ۋە تەجرىبىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ئاساستا، نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش، قاتنىشىش ھەمدە بۇ ساھەدىكى خىزمەتلەرنى مەھەللىۋى ۋە دۆلەت سەۋىيىسىدە قانات يايدۇرۇش ھەققىدىكى بىلىم، ماھارەت ۋە ئىمكانىيەتلەرنى ئۈگۈتىدۇ.
تەربىيەلەش كۇرسى داۋامىدا يۇقارقى ساھەلەردە نۇقتىلىق توختالغاننىڭ سىرتىدا، يەنە ب د ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مىخانىزىمى ئۈستىدە، يەنى ئۇنىڭ ۋەزىپىسى، رولى، شۇنىڭدەك بەزى خەلقئ‍ارا قانۇنلار ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسى، نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا، شۇ جۈملىدىن ياشلارغا بىر قېتىملىق ئۆزئ‍ارا ئۇچرىشىش، تونۇشۇش، ئۆگۈنۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقە تورى شەكىللەندۈرۈشىنىڭ ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسىتى. بولۇپمۇ بۇ يىغىننىڭ خىتاي دائىرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچەيگەن مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۆتكۈزۈلۈشى، نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتى ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈدىغان بارچە ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ بولۇۋاتقان زۇلۇمنى نورۋېگىيە خەلقى، مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە ئاڭلىتىش خىزمەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

نورۋېگىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان، 16-40 ياش ئارىسىدىكى تەشكىلات رەھبەرلىرى، سىياسىي پائالىيەتچىلەر، ياشلار ۋە قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلغان باشقا بارلىق ۋەتەنداشلارنى يىغىنغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشقا چاقىرىمىز!

ئۈچ كۈنلۈك يىغىن داۋامىدىكى تاماق چىقىمىنى د ئۇ ق ئۈستىگە ئالىدۇ.

تەربىيەلەش كۇرسى 18-مارت چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزىلىدىغان نورۇز پائالىيىتى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

نورۇز پائالىيىتىنىڭ ئېنىق ئورنى، ۋاقتى ۋە پروگراممىلىرى ھەققىدە ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئالدىن ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك.

تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقىت چېكى: 2018-يىلى، 12 مارت

يىغىن ئورنى: Anker Hotel, Oslo sentrum

تىزىمغا ئالدۇرۇش ئالاقە ئۇچۇرى:

بەختىيار ئۆمەر : 99850702
ئادىلجان ئابدۇرېھىم : 46385652

2018-يىل 2-ئاينىڭ 8-كۈنى