مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ئاخىرەتلىكى خەيىرلىك بولسۇن!

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018 – يىلى 29– يانۋار

<<قۇرئان كەرىم>>نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ۋە <<مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ تەرجىمىھالى>>، <<سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى>>، <<ياخشىلارنىڭ باغچىسى>> قاتارلىق مەشھۇر تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى بولغان يىتۈك ئالىم، ئۆلىما مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا تارقالغان خەۋەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى قايغۇغا ئەسىر قىلدى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارىتا غەزەبلىرىنى ئۆرلەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىن ۋە پەن ساھەسىدىكى يولباشچىلىرىنى، خەلقى تەرىپىدىن سۆيۈلگەن، ئېتىراپ قىلىنغان مۇنەۋۋەر زاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش، ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا جاھالەت ھەم ئاسارەت ھۆكۈمرانلىقىنى ھاكىم قىلىش يولىدا پۈتۈن چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلماقتا.

خىتاي تۈرمىلىرىدىكى مىڭلارچە تۇتقۇن ئارىسىدىن شېھىتلىك مۇقامىغا ئۇلاشقانلار قاتارىدىن يەر ئالغان مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ھاياتى بويىچە ۋەتەن تۇپراقلىرىدا ئىسلامنى ياشىتىش، ئاللاھنىڭ نامىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن بەدەللەر تۆلەپ ئۆتكەنلىكى خەلقىمىزگە مەلۇمدۇر.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللام يەنە ئىسلام دۇنياسىدىمۇ تونۇلغان ۋە ئىتىراپ قىلىنغان ئاتاقلىق زات ئىدى. ئۇ 1988 – يىللىرى ماراكەش پادىشاھى ھەسەن سانى تەرىپىدىن، 1990 – يىلى مىسىر رەئىسى مۇبارەك تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئۆلىما بولۇپ تەقدىرلەنگەن ھەمدە قازاقىستان پىرىزدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايىۋنىڭ ھۆرمىتىگە مۇشەررەپ بولغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مۇسىبەت ئىچىدىكى خەلقىمىزگە، مەرھۇمنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا سەبىرلەر تىلەش بىلەن بىرگە، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى يەنە مىڭلارچە مۇھەممەد سالىھلارنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە ئۈمىد بىلەن قاراشقا، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بارلىققا كەلگەنگە قەدەر ئۇلارنىڭ كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە چاقىرىمىز!

مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن.

ھۆرمەت بىلەن:

دولقۇن ئەيسا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى