ياۋرۇپا پارلامېنتى ئالدىدا 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش چاقىرىقى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018 – يىلى 22– يانۋار

مۆھتىرەم ۋەتەنداشلار،

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كۈنسىرى ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا قىينىلىۋاتقان ئەزىز خەلقىمىزنىڭ يۈرەك ساداسىنى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە تەسىرلىك رەۋىشتە ئاڭلىتىش ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىغا قارشى جىددىي قارارلار قوبۇل قىلىش ھەمدە ئەمەلىي بېسىم قىلىشقا چاقىرىش مەقسىدىدە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى پارلامېنت ۋە ياۋرۇپا كومىسىيونۇ بىناسى ئالدىدا  4 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.

نامايىشتا ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ياۋرۇپا پارلامېنتى، ياۋرۇپا كومىسىيونىنىڭ رەھبەرلىرىدىن نامايىشچىلار ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپ – ئىستەكلىرى ئۇلارغا بىۋاستە يەتكۈزىلىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچىنى ئاساس قىلغان بۇ پائالىيەتنى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار،  گېرمانىيە،  نورۋېگىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، شىۋەتسارىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، بېلگىيە ۋە فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائەت ۋەكىللىرى ھەمدە سىياسىي ئاكتىپلار بىرلىكتە تەشكىللەيدۇ. بۇ نامايىشقا ياۋرۇپادىكى تۈرك ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر، ئۇيغۇر داۋاسىغا ھېسداشلىق قىلىۋاقتان ياۋرۇپالىق دوستلارمۇ كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىنىدۇ.

ياۋرۇپادىكى بۇ نامايىشقا قاتنىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغان، شىمالى ئامېرىكا،  ئاۋسىترالىيەدە، تۈركىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق  قىتئە ۋە دۆلەتلەردىمۇ ئوخشاش كۈندە نامايىش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە، ۋەتەن سىرتىدىكى خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئۆزلىگىدىن تەشكىللىنىپ، 3-ئاينىڭ 15-كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان “ئۈن-تۈنسىز ئىتىراز بۈلدۈرۈش” نامايىش چاقىرىقىغا بارلىق تەشكىلاتلارنىڭ يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ، خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ بۇ ئالىيجاناپ، جەسۇرانە ھەرىكىتىنى قوللاشقا چاقىرىدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتى تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرىدىغان كەڭ كۆلەملىك بۇ پائالىيەتلەرنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى، ۋەتەنسىزلىك دەردىدە يۈرەك – باغرى قان بولغان ئەلسۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ باھانە – سەۋەب كۆرسەتمەستىن بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى جىددىي تەلەپ قىلىمىز!

ۋەتەن – مىللەتنىڭ دەردىگە تىلىمىزدىكى شۇئار ياكى قەلبىمىزدىكى ھېس –ھاياجانلار دەرمان بولالمايدۇ.  ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ياۋرۇپا پارلامېنتى ئالدىدا مىللەتنىڭ ئىرادىسىنى، خەلقىمىزنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى شۇنداق بىر ھاياجانلىق جاكارلايلىكى، مىڭلارچە ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراق، جاراڭلىق شۇئار سادالىرىمىز پارلامېنت بىنالىرىنى لەرزىگە سالسۇن ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان توغرۇلۇق ئۈنۈملىك قارارلار ئېلىپ، مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇشلىرىغا چەك قويۇشىغا  تۈرتكە بولسۇن!

قەلبىدە ۋەتەن سۆيگۈسى، مىللىي ھېسسىياتى ھاكىم بولغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن 3 ئاي تەييارلىق قىلىش زامانى بار. ئىش ئورنىدىن رۇخسەت سوراپ، بىر كۈنلىك ۋاقتىنى بۇ مۇبارەك غەليانغا ئاجرىتىش پۇرسەتلىرى مەۋجۇد. بۇ، ھەربىر ئۇيغۇر ئۈچۈن بىر ئىمتاھان. بۇ سىناقتىن ئۆتەلمىگەن ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىگە، ئەقىدىسىگە، ئىنسانلىق شەرىپىگە سوئال قويۇشقا مەجبۇردۇر.

بىز ياۋرۇپا تۇپراقلىرىدىكى بارلىق ئەر – ئايال قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتى رەھبەرلىرى ۋە ياكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەركىزى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىپ، 4 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن بۇرۇن تىزىمغا ئالدۇرۇشلىرىنى ۋە بىر كۈنلۈك سەپەر ھازىرلىقىدا بولۇشلىرىنى تەلەپ قىلىمىز.

قىسقا مۇددەت ئىچىدە، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرىدىن تەركىپ تاپقان <<نامايىش تەييارلىق كومىتېتى>> قۇرۇلىدۇ ۋە نامايىش ھازىرلىق ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ.

ئاللاھ قەلبلىرىمىزنى بىرلەشتۈرسۇن! ئاللاھ كۈرەشلىرىمىزگە نۇسرەت ئاتا قىلسۇن!

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2018-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى