دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ «5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى»نى خاتىرىلەش چاقىرىقى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018 – يىلى 13– يانۋار

ئەزىز ۋەتەنداشلار،

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى يۇقىرى چەككە يېتىپ، خەلقىمىز مۇستەملىكە تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر، ئەڭ پاجىئەلىك ھاياتنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان بىر چاغدا، «5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى»نىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلەش دەۋرى يېتىپ كەلمەكتە. دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي زۇلۇمىغا قارشى باشقا ئەمەلىي ھەرىكەتلەرگە قۇربىتى يەتمىگەن تەقدىردىمۇ، نامايىش ئارقىلىق مىللەتنىڭ ئىرادىسىنى، ئۆزىنىڭ زۇلۇم ۋە ئاسارەتكە قارشى غەزەپ – نەپرەتلىرىنى ئىپادە قىلىشىغا قۇربىتى يېتىدۇ. زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش گۇناھ بولغىنىدەك، زۇلۇمغا قارشى ئىسسىق قانلىرىنى تۆككەن، ئەزىز جانلىرىنى بەرگەن شېھىدلىرىمىزنى ئۇنتۇشمۇ گۇناھتۇر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى «5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى»نىڭ 21 يىللىقىنى داغدۇغا بىلەن خاتىرىلەشكە چاقىرىدۇ. بۇ ئارقىلىق، مۇستەملىكىچى خىتاي ھاكىمىيىتىگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زۇلۇم ۋە ئاسارەتكە باش ئەگمىگەنلىكىنى، مۇستەقىللىق ئىرادىسىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى، مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنىڭ ۋەتەن تۇپراقلىرىدا ھۆرلۈك تۇغى لەپىلدىگەنگە قەدەر توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، دۇنيا جامائىتىگە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھاياتلىقىنى يەنە بىر قېتىم تونۇتۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ!

ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائىتىنىڭ پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ھازىردىن باشلاپ «5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى»نى خاتىرىلەشنىڭ تەييارلىق ھەرىكەتلىرىنى باشلىشىنى، ئىمكانى يار بەرگەن دائىرىدە، بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىرلىك، كۆلەملىك رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلىشىغا كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

دولقۇن ئەيسا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى

2018-يىلى 13-يانۋار