شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېڭى يىلى قۇتلۇق بولسۇن!

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2018-يىلى 1-يانۋار

پۈتۈن دۇنيا خەلقى، زور سىياسى داۋالغۇشلار، ئىقتىسادى كىرزىسلەر، رايون خارەكتىرلىك توقۇنۇشلار ۋە تېرور ھۇجۇملىرى بىلەن تولغان 2017 – يىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يېڭى ئۈمىد ۋە گۈزەل تىلەكلەر بىلەن 2018 – يىلىغا قەدەم قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىق بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېڭى يىلىنى قۇتلۇقلايمىز ۋە خەلقىمىزگە بۇ يېڭى يىلىدا ئامانلىق، خاتىرجەملىك، بەخت – سائادەت تىلەيمىز!

ئەپسۇسكى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىشغالىغا ئۇچرىغان 1949 – يىلىدىن بۇيان، خەلقىمىزنىڭ ھېچ بىر يىلى ئامان – ئېسەنلىك ئىچىدە ئۆتكىنى يوق، خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر يىلدىن – يىلغا ئېغىرلىشىپ باردى، خەلقىمىزگە سېلىنىۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىممۇ يىلدىن – يىلغا ئېشىپ باردى، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئەركىن دۇنيا خەلقلىرىنىڭ نەزىرىدە يېڭى بەخت ۋە شاتلىقنىڭ خەۋەرچىسى ھىساپلانغان يېڭى يىل، خەلقىمىزنىڭ نەزىرىدە يېڭى بىر شۇملۇقنىڭ، يېڭى بىر كۈلپەتنىڭ خەۋەرچىسىگە ئايلىنىپ قالدى.

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئۆتكەن بىر يىل، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ، ئەڭ زۇلمەتلىك ۋە ئەڭ مۇسىبەتلىك بىر يىل بولدى.

قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە شەھىد قىلىندى، يەنە سانسىزلىغان قېرىنداشلىرىمىز تۇتقۇن قىلىنىپ قاراڭغۇ زىندانلارغا مەھكۇم قىلىندى، قان ئىچىشكە تويمىغان خىتاي ھاكىمىيىتى ھازىرمۇ ھەر ھەپتە دىگۈدەك ئونلىغان قېرىنداشلىرىمىزنى زىندانلاردىن سۆرەپ چىقىپ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلماقتا.

ئەمما شۇ بىر ھەقىقەتكى، قەيسەر خەلقىمىز ھېچ بىر زامان زۇلۇم ۋە بېسىمغا تىز پۈككەن ئەمەس، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمى كۈچەيگەنسىرى، خەلقىمىزنىڭ زۇلۇمغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىمۇ شۇنچە كۈچۈيۈپ باردى.

خەلقىمىزنىڭ قېنى بىكارغا ئاققىنى يوق، مىڭلىغان باتۇر – ئەزىمەتلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ھاياتى بەدىلىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى پۈتۈن دۇنياغا نامايەن قىلدى، خەلقارا جامائەتچىلىكنىڭ خىتاينىڭ ياۋۇز ئەپتى – بەتشىرىسىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشۈنۈپ يېتىشىگە ۋەسىلە بولدى، خەلقىمىزنىڭ مىللىي بىرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە مىللىي تۇيغۇلىرىنى ئاشۇرۇشتا، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقئارالىق تەسىرىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىدە، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ جانلىنىشى ۋە زورىيىشىدا پەۋقۇلاددە زور تارىخىي رول ئوينىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئۆز مىللىتىنىڭ ھۆرلۈكى، ئەركىنلىكى ۋە شان – شەرىپى ئۈچۈن جانلىرىنى قۇربان قىلغان بارلىق شەھىدلىرىمىزگە يەنە قايتا ئالى ئېھتىرامىمىزنى ۋە چوڭقۇر ھۆرمەتلىرىمىزنى ئىزھار قىلىمىز! قەھرىمان شېھىتلىرىمىز نۇر ئىچىدە ياتقاي! ۋاپادار خەلقىمىز ئەزىز شەھىدلىرىمىزنىڭ روھىنى قەلبىدە ئەبەدىيەن ياشنىتىدۇ !

ئەزىز قېرىنداشلار،

شۇنىمۇ خوشاللىق بىلەن كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئۆتكەن بىر يىل، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقارا سىياسى سەھنىلەردە ئەڭ كۆپ تەكىتلەنگەن، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىش قەدىمى ئەڭ تىز بولغان، خىتاينىڭ خەلقىمىزگە سېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتى دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىپلەنگەن ۋە چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىمۇ ئەڭ جانلانغان ۋە زورايغان بىر يىل بولدى.

خەلقارا تەشكىلاتلاردىن، ئامېرىكا كونگىرەسىگىچە، ب د ت دىن ياۋرۇپا پارلامېنتىغىچە بولغان خەلقارالىق مەركەزلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىققەت ئوبۇكتىغا ئايلاندى. ئۇيغۇرلار ھەقىدە مەخسۇس قارارلار، قارار لاھىيەلىرى ماقۇلاندى، خىتاپنامىلەر، باياناتلار، تەكلىپلەر ئېلان قىلىندى.

دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتى تېما قىلىنغان مىڭلىغان خەۋەر – ماقالىلار ۋە پروگراممىلار ئېلان قىلىندى.

قىسقىسى،«ئۇيغۇر» دېگەن بۇ كەلىمىنى دۇنيا جامائەتچىلىكى تېخىمۇ ئوبدان تونۇغان بىر يىل بولدى.

ئەلۋەتتىكى بۇ نەتىجىلەرنى خەلقىمىزنىڭ پىداكارلىقىدىن ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى مەركەز قىلغان بارلىق تەشكىلاتلىرىمىز، پىداكار ئىنقىلاپچىلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.

بۈگۈن يېڭى يىلىمىزنى باشلىدۇق، ئارقىمىزدا كوممۇنىست خىتاينىڭ زۇلمى بىلەن ئۆتكەن 68 يىلىمىز قالدى، يەنە بىر يىلىغا قەدەم باستۇق، ئەمما، شۇ بىر ھەقىقەتكى، خەلقىمىزنىڭ بېشى تىك، روھى ئۈستۈن، ئىرادىسى كۈچلۈك، كېلەچىكىگە بولغان ئىشەنچىسى مۇستەھكەم ! شۇڭا ئىشەنچىمىز كامىلكى، خەلقىمىزنىڭ بۇ مىللىي ئىرادىسى بىزنى ھامان بىر كۈنى ئىستىقلالىمىزغا ئېرىشتۈرگۈسى !

2018 – يىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن خەيىرلىك بولۇشىنى تىلەيمىز! دۇنيادا ئادالەت ھوكۈمران بولغان، زۇلۇم، بېسىم، قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىلگەن بىر يىل بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز!

ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن: 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2017-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى