دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى ھەققىدىكى ئاخباراتى

دۇنيا ئ‍ۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2017-يىلى 1-دېكابىر

 

ئەسسالامۇئەلەيكۇم شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلار، ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، 10 – دېكابىر بولسا دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال باياننامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى.

ب دت تەرىپىدىن 1948-يىلى ماقۇللانغان «ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى» دۇنيادا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنى دەپ بىلىنىدۇ. خىتابنامىدە، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئانىسىدىن تۇغۇلغان ۋاقتىدا ئىگە بولغان ئەركىنلىكى ئىكەنلىكى، ھەركىمنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇشى، ئىنسانلارغا قارىتا تەن جازاسى ئېلىپ بېرىشقا، ئىنسانلارغا يامان مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدىغانلىقى جاكارلانغان.

بۇ قارار 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇ كۈن دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى دەپ تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.

دېمەك، دۇنيادا ئۇيغۇر خەلقىگە ئوخشىغان ئېزىلىۋاتقان، خورلىنىۋاتقان ئەسىر مىللەتلەر ئۈچۈن 10 – دېكابىر ئىنتايىن زور تارىخىي ۋە سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈندىن ئىبارەت !

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەر يىلى 10 – دېكابىر كۈنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خىتايغا قارشى تۈرلۈك شەكىلدىكى نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى بىگۇناھ خەلقىمىزگە قارىتا رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە پاش قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز.

شۇنىڭ ئۈچۈن، قۇرۇلتىيىمىز تەركىبىدىكى پۈتۈن تەشكىلاتلىرىمىزنى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتلىرىنى ئالدىمىزدىكى 10- دېكابىر كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش، ئاخبارات ۋە باياناتلار ئېلان قىلىش، مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈش، خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرى پاش قىلىنغان مەخسۇس تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى ھازىرلاپ چىقىپ تارقىتىش، ئەزىز شەھىدلىرىمىزنىڭ روھى ئۈچۈن قۇرئان – تىلاۋەت ئۆتكۈزۈش … قاتارلىق تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنى جانلىق شەكىلدە خاتىرلەشكە چاقىرىمىز !

ئالدىمىزدىكى 10 – دېكابىر يەكشەنبە كۈنىگە توغرا كەلىدىكەن، يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرى تاقاق بولىدۇ، شۇڭا تەشكىلاتلىرىمىزنى ئېلىپ بارماقچى بولغان نامايىش ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆۋلەتلەردىكى شەھەر مەركەزلىرىدە ئېلىپ بەرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئەزىز قەرىنداشلار، بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا ھەر كۈنى دېگۈدەك بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ قېنى ئاقماقتا، بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرمىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشتىن باشقا گۇناھى بولمىغان يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر بىلەن تولۇپ  تاشتى !

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن تۇل – يېتىم قالغان سانسىزلىغان ئانا – بالىلارنىڭ يىغا-زارى ۋە ئاھ –پەريادلىرى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى لەرزىگە كەلتۈرمەكتە !

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىي، مائارىپ، دىنىي، قانۇنى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىكى ھەق – ھوقۇقلىرى ھېچ بىر زامان بۈگۈنكىدەك ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلمىگەن ۋە ئاياق – ئاستى قىلىنىشقا ئۇچراپ باقمىغان ئىدى !

دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرى پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئايلانغان ۋە ئەسىر مىللەتلەر بىر – بىرلەپ ئەركىن دۇنيا ئەللىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان بۈگۈنكى خەلقئارالاشقان دۇنيادا ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق تەقدىر، ھەقىقەتەن كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ ۋە قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ !

بۈگۈن قاراپ بېقىڭ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى يۈكسەك دەرىجىدىكى مۇستەبىت ۋە فاشىستىك تۈسنى ئالغان دۆلەت تېرورى قاپلىدى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانى ھەق – ھوقوقلىرى تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىدى، قانلىق كۆز يېشى ئىچىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داد – پەريادلىرى پۈتۈن زېمىننى لەرزىگە سالدى، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن < دۈشمەن مىللەت > دەپ قارىلىپ، پۈتۈن خىتاي مىقياسى بويىچە خىتاي ساقچى – ئەسكەرلىرىنىڭ ۋە ھەتتا خىتاي پۇخرالىرىنىڭ خالىغانچە بوزەك قىلىشىغا، خورلىشىغا، تۇتقۇن قىلىشىغا، قىينىشىغا ۋە ئۆلتۈرۈلۈشىگە تۇتۇپ بېرىلدى، بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە بىر مەھەللىدىن يەنە بىر مەھەللىگە بېرىشىمۇ چەكلەندى،مەھەللە – مەھەللىلەرگە قۇرۇلغان تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان نۇرغۇنلىرىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلار < تېرور گۇماندارى > دەپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، …

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 68 يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە يولغا قويۇپ كەلگەن كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى تۈپەيلىدىن بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە ئازسانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا 50 قېتىمغا يېقىن ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە تۈرلۈك غەيرى كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولۇشىغا سەۋەپچى بولدى.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئۈزلۈكسىز سۆمۈرۈش ۋە تالان – تاراج قىلىش ئارقىلىق، بۇ گۆھەر زېمىننىڭ ھەقىيقى ئىگىلىرى ھىساپلانغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي بويىچە ئەڭ نامرات مىللەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا نەسلىنى يوقۇتۇشنى مەقسەت قىلغان مەجبۇرى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇش ۋە بۇ سىياسەتنى قاتتىق قوللۇق بىلەن رەھىمسىزلەرچە ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، مىليونلىغان ئانا – بالىلارنىڭ بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىشىگە بىۋاستە سەۋەبچى بولدى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي مائارىپنى مەجبۇرى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى تۈپەيلىدىن ھازىر ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ سېستىمىسى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلىرى ئۆزىنىڭ ئانا تىل – يېزىقىنى، ئۆرب – ئادەت ۋە مەدىنىيىتىنى يوقۇتۇپ قويۇش گىردابىغا بەرىپ قالدى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1949 – يىلىدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئاتالمىش < مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىش > دىگەن نامدا ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ۋە تۈرلۈك سىياسى ھەرىكەتلەر جەريانىدا يۈزمىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئايرىلدى، يەنە يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار قاراڭغۇ زىندانلارغا مەھكۇم بولدى.

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ يۇرت – ماكانلىرىدىن باشقا يۇرتلارغا ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى ھەيدېلىپ، خانىۋەيرانچىلىق ۋە مۇساپىرلىق ئىچىدە ياشىماقتا، يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە خىتاي خوجايىنلارنىڭ قولىدا قۇل – دىدەك ئورنىدا ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا.

يەنە ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقادىدىن ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن تامامەن ۋاز كېچىشكە قىستالماقتا ….

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 68 يىلدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىدىن تارتىۋاتقان يۇقارقىدەك كۈلپەتلىرىنى ساناپ تۈگۈتۈش مۇمكىن ئەمەس !

كوممۇنىست خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلمەتلىك 68 يىلى پۈتۈن خەلقىمىزگە بەش قولدەك ئايان، خەلقىمىز بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئەپتى – بەشىرىسىنى ئاللىبۇرۇن تولۇق كۆرۈپ يەتتى.

خىتاي ھاكىمىيىتى ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 68 يىللىق جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ جاۋاپكارلىقىدىن قېچىپ قۇرتۇلالمايدۇ !

 

دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە  ياشاۋاتقان ئەزىز قەرىنداشلار، مىللىي، ۋىجدانى بۇرچىمىزنى ئادا قىلايلى ۋە ھەچ بىر باھانە – سەۋەپ كۆرسەتمەستىن بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرگە تولۇق قاتنىشىشقا تىرىشايلى !

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2017-يىلى 1-دېكابىر