مەرھۇم ئۇستازىمىز مىرسۇلتان ئوسمان ۋە غازى ئەمەتنىڭ ئاخىرەتلىكى خەيىرلىك بولسۇن

دۇنيا ئ‍ۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2017-يىلى 1-دېكابىر


 مەرھۇم غازى ئەمەت ۋە مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندىلەرنىڭ ئارقا – ئارقىدىن بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىشى ئۇيغۇر مىللىتىنى مۇسىبەت قايغۇسىغا چۆمدۈردى. ھەر ئىككى زات ئۆز مىللىتىنىڭ قەلبىدە تەخت قۇرغان، مىللىتى ئۈچۈن كۆپ ئەجىرلەر قىلغان، نۇرغۇنلىغان شاھانە ئەسەرلەرنى مىراس قالدۇرغان مۆتىۋەرلەردىن ئىدى.

مەرھۇم مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئارىسىدىكى مول ھوسۇللۇق ئىجادكارلاردىن بىرى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئىجادىي ئەسەرلەرگە مۇئەللىپ بولۇپلا قالماي <<تۈركىي تىللار دىۋانى>>، <<قۇتادغۇ بىلىك>>، <<چاھار دىۋان>>، <<دىۋان خاراباتى>> قاتارلىق كۆپلىگەن كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشىرگە تەييارلاش ئىشلىرىغىمۇ زور تۆھپىلەر قوشقان ئىدى. نۇرغۇنلىغان ياش تىلشۇناسلارنى، تۈركوگلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىپ، تىلىمىزنى قوغداپ قېلىش يولىدا بىباھا خىزمەتلەرنى قىلغان، قابىل ئۇستاز ۋە مېھرىبان باغۋەن ئىدى.

مەرھۇم غازى ئەمەت ئۇيغۇر ھازىرقى زامان رەسسامچىلىقىغا ئاساس سېلىپلا قالماي، قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە رەسىملىرى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت، سەنئىتىنى تونۇتۇشقىمۇ زور ھەسسىلەر قاتقان. پارىژ قاتارلىق دۇنيا سەنئەت مەركەزلىرىدە ئۆز ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ، خەلقئارادا زور ئۇتۇق قازانغان تالانتلىق سەنئەتكار بۇلۇپ،  ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت دەۋىرلىرىدە ئۆز مىللىتىگە سادىق ياشىغان ۋە ياراملىق بىر بۆلۈك ئىز باسارلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن ئىدى.

مىللەتنىڭ بۇ تەۋەرۈك زاتلىرى، ئۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن نادىر ئەسەرلەر بىلەن بىرگە ئۆز خەلقىنىڭ قەلبىدە ئەبەدىي ياشايدۇ.

 د ئۇ ق غا ۋەكالىتەن، جانابى ئاللاھتىن مەرھۇملارنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ خەيىرلىك بولۇشىنى،  ئۇرۇق – تۇققانلىرىغا سەبىرلەر ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن. نۇر ئىچىدە ياتسۇن.

ھۆرمەت بىلەن:

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا

2017-يىلى 1-دېكابىر