د ئۇ ق 6 ‏-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ئالىي رەھبەرلىك ھەققىدىكى قارار

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2017-يىل 22-نۇيابېر


ئىزاھات :   بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا 5 ‏-قۇرۇلتاي دائىمىي كومېتىتى بۇ يىل 6 -ئاۋغۇست كۈنى ئالغان تۆۋەندىكى قارار ،  ۋەكىللەرنىڭ سەمىگە سېلىندى ۋە قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن مۇتلەق كۈپ سانلىقنىڭ ئاۋازىدا ماقۇللاندى. قاراردىكى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قۇرۇلتاي ئىچىدىكى ئورنى ۋە ۋەزىپىسىگە ئالاقىدار  قىسىملار تۆۋەندىكىچە:

1.  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتى بۈگۈن ئېچىلغان پەۋقۇلئاددە كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئارقىلىق شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ يولباشچىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنى قۇرۇلتاينىڭ ئالىي رەھبىرلىك ئورنىغا تەيىنلىدى

2.  قۇرۇلتاي رەئىسى قۇرۇلتاي ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم ، ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ؛ جىددىي مەسىلىلەر ئۇستىدىن پىكىر ۋە مەسلىھەت سورايدۇ.

3. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم خالىغان ۋاقتىدا قۇرۇلتاي ئىچى -سىرتىدىن ۋەكىل تاللاپ ۋە تەيىنلەپ، خەلقائارۋىي پائالىيەتلىرىنى، مۇستەقىل ھالدا داۋاملاشتۇرىدۇ.

4. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم قۇرۇلتاينىڭ بارلىق سىمۋوللۇق يىغىن-پائالىيەتلىرىدە (جۇمھۇرىيەت كۇنى، 5- ئىيۇل ۋە 5-فېۋرال ۋە بارىن ئىنقىلابى خاتىرىسى، ھېيت ۋە نورۇز پائالىيىتى، يېڭى يىل پائالىيىتى قاتارلىق ) سەھنىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ، ئېچىلىش نۇتىقى ياكى تەبرىك سوزى سۆزلەشكە دەۋەت قىلىنىدۇ، ئالىي رەھبەر مۇراسىمغا قاتنىشالمىغان ئەھۋالدا يىغىن ۋە پائالىيەت ئۇنىڭ ھاۋالە سۆزلىرى بىلەن باشلىنىدۇ.

قۇرۇلتاي بۇ قائىدىنى ئۆز تەركىۋىدىكى بارلىق تارماق تەشكىلاتلارنىڭ يۇقارقىچە سىمۋوللۇق يىغىن -پائالىيەتلىرىدىمۇ ئىجرا قىلدۇرىدۇ.
5. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ داۋا يولىدىكى بارلىق خىراجىتى ، جۈملىدىن سەپەر ۋە ئىشخانا خىراجىتى قۇرۇلتاي تەرپىدىن تەمىنلىنىدۇ. ھەر بىر نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي رەئىسى، ئالىي رەھبەر رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ چىقىملىرىنى تەمىنلەشنى ئۆزىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىدۇ.

6. ھەر قېتىملىق قۇرۇلتايدا ئالىي رەھبەر رابىيە قادىر خانىمنىڭ ، زۆرۈر دەپ قارىسا، دائىمىي كومېتىتقا بىردىن ئىككىگە قەدەر ھەيئەتنى تەيىنلەش ھەققى بولىدۇ. بۇ ھەيئەت ياكى ھەيئەتلەر رەئىسلىكتىن باشقا ۋەزىپىلىرىگە تەيىنلىنىدۇ، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن تەستىقلىنىدۇ.7. ھەر قېتىملىق قۇرۇلتايدا يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتى ئالىي رەھبەر رابىيە قادىر خانىمنىڭ دىققەت-نەزىرى ئاستىدا ۋەتەن-مىللەتكە بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالىدۇ.

8. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم پەۋقۇلاددە قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق نۇتقى سۆزلەيدۇ ؛ ئۇيغۇر خەلقىغە ۋۋە قۇرۇلتاي يېڭى رەھبەرلىك يادروسىغا قارىتا مۇھىم چاقىرىق ۋە يوليورۇقلىرىنى بايان قىلىدۇ.