دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 6 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئاخباراتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2017-يىل 13-نۇيابىر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 6 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئاخباراتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى(تۆۋەندە قىسقارتىپ د ئۇ ق دەپ ئاتىلىدۇ) 6 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 19 دۆلەتتىن كەلگەن 120دىن ئارتۇق رەسمىي ۋەكىل، مېھمان ۋە كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئىشتىراكىدا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە 11-ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلدى.

دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي شەرقىي تۈركىستاندا كۈنسىرى يامانلىشىۋاتقان ئۇمۇمىي ۋەزىيەت ۋە تەشكىلاتنىڭ ئىچكىي كىرىزىسلىرىنى ھەل قىلىش ئىھتىياجىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن چاقىرىلغان بولۇپ، قۇرۇلتايدا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىك ئورگىنى بولغان د ئۇ ق نىڭ تەشكىلىي تۈزۈلمىسى ئىسلاھ قىلىندى ۋە كېلەچەكتىكى مىللىي مۇجادىلىنىڭ يول خەرىتىسى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلدى.

قۇرۇلتايدا ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن نوپۇزلۇق دەۋا ئادەملىرى ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك پىكىر – تەكلىپلىرى، تەنقىت ۋە تەۋسىيەلىرى ئارقىلىق قۇرۇلتاينىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ زورايتىشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى سەۋىيەدە ئېلىپ بېرىشقا ئاساس سالدى. تەشكىلات نىزامنامىسىغا زۆرۈر بولغان تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلۈپ، نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان ئاساسىي قانۇن ۋە نىزامنامە ئارقىلىق د ئۇ ق نى پىرىنسىپچان، ئىنتىزامچان، تەشكىللىك، جەڭگىۋار بىر قوشۇنغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئۇلىنى قۇرۇپ چىقتى.

قۇرۇلتايدا دېموكىراتىك ئۇسۇلدا سايلام ئېلىپ بېرىلىپ، مىللىي داۋايىمىزدا سىياسى  تەجرىبىگە، كەسپى ئىقتىدارغا ئىگە يېڭى رەھبەرلىك  ھەيئىتى سايلىنىپ چىقىلدى.

قۇرۇلتايدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئالىي رەھبەرلىك سالاھىيىتى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋازى بىلەن تەستىقلاندى.

دېموكراتىك ۋە ئادىل سايلامدىن كېيىن، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قۇرۇلتاي رەئىسلىكىگە، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە پەرھات مۇھەممىدى(يورۇڭقاش) ئەپەندىلەر مۇئاۋىن رەئىسلىككە، ئۆمەر قانات ئەپەندى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسلىكىگە سايلاندى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى تەركىبىدىكى ئورگانغا ئىقتىدارلىق خادىملار سايلام ئارقىلىق ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ، كۈچلۈك بىر رەھبەرلىك قوشۇنى دۇنياغا كەلدى.