د ئۇ ق 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا رەھبەرلىك ئورگانلىرىغا ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2017-يىل 17-ئۆكتەبىر

د ئۇ ق 6 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتى، قۇرۇلتايدا رەھبەرلىك ئورگانلىرىغا ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكۈچىلەرگە قويۇلىدىغان شەرتلەرنى تۆۋەندىكىچە بېكىتىپ چىقتى. تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ئورۇنلىغان كىشىلەرنىڭ 10-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە  نامزاتلىققا كۆرسىتىش جەدۋېلىنى تولۇق تولدۇرۇپ، تەييارلىق كومىتېتىگە يوللىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. نامزاتلىق ئىلتىماسى تاپشۇرۇپ ئېلىنغاندىن كىيىن، تەييارلىق كومىتېتى تەرىپىدىن  ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇپبولمىغانلىقى ھەققىدە تەكشۈرۈش بېرىپ بېرىلىپ، 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن بۇرۇن كاندىدات بولغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. كاندىداتلىقى قوبۇل قىلىنغانلار قۇرۇلتايدا سايلامغا قاتنىشالايدۇ.

رەھبەرلىك ئورگانلىرى نامزاتىغا  قويۇلىدىغان شەرتلەر:

1. د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا ۋەكىللىك سالاھىيىتى بىلەن قاتناشقان بولۇشى؛

2. كاندىداتلىق جەدۋەلىنى تولۇق ۋە تەلەپ بويىچە تولدۇرغان بولۇشى؛

3. شەرقىي تۈركىستانلىق يەرلىك مىللەت بولۇشى؛

4. ئۇيغۇر تىلىنى بىلگەن بولۇشى ۋە ئەڭ ئاز بىر چەتئەل تىلىنى بىلىشى؛

5. ۋەتەن، مىللەت سۆيگۈسى كۈچلۈك، مىللىي دەۋا سېپىمىزدە مىننەتسىز پىداكارلىق كۆرسىتىش روھىغا ئىگە ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى سەمىمىي ھىمايە قىلىدىغان، قوللايدىغان، شۇنداقلا قۇرۇلتايغا قارشى سۆزھەركەتلەردە بولمىغان بولۇشى؛

6. مىللىي دەۋا سېپىدە  بەلگىلىك خىزمەت تەجربىسىگە ئىگە بولغان بولۇشى، د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئ‍ىتىدە ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى د ئۇ ققا قاراشلىق تەشكىلاتلاردا ئاز دېگەندە  5  يىل خىزمەت قىلغان بولۇشى؛

7. ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە، جۈملىدىن ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەلگىلىك ئىجابىي تەسىرگە، ئىناۋەتكە ئىگە بولغان، ئارقا كۆرۈنىشى پاكىز، ئەخلاقلىق  كىشى بولۇشى؛

8. ئۆزى ۋە چەتئ‍ەلدىكى بىۋاستە ئائىلە ئەزالىرى ئۆتكەن  ئۈچ يىل ئىچىدە، قۇرۇلتايدا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مۇددەت ئىچىدە ۋە ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 3 يىل ئىچىدە  خىتاي ۋە خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانغا بارمىغان بولۇشى؛

9. ئۆزى، چەتئ‍ەلدىكى ئائىلە ئەزالىرى خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە باغلىنىشلىق  بولغان سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە تىجارىي ئورۇنلار بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ئالاقىدە بولمىغان بولۇشى؛

10. ئۆزىنى كاندىداتلىققا كۆرسەتكەن كىشىدە چوقۇم كۈچلۈك مەسئ‍ۇلىيەتچانلىق، جاۋاپكارلىق تۇيغۇسى بولۇشى، ئىلتىماس قىلغان ۋەزىپىگە سايلانغان تەقدىردە، ۋەزىپە ئالغان مۇددەت ئىچىدە خىزمەتنى قانداق ئىشلەيدىغانلىقى، مىللى دەۋايىمىز ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە(سايلىغۇچىلارغا) ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى دەسلەپكى  پىلان، تەسەۋۋۇرلىرىنى تەقدىم قىلالايدىغان بولۇشى لازىم.

 

قۇرۇلتاينىڭ رەئىسلىك كاندىداتىغا قويۇلىدىغان شەرتلەر:

1. د ئۇ ق رەھبەرلىكىگە قويۇلغان يۇقارقى شەرتلەرنى ئورۇنلاش بىلەن بىرگە، تۆۋەندىكى شەرتلەرنىمۇ ئورۇنلىغان بولۇشى؛

2. ئۇيغۇر  مىللىتىدىن بولۇشى؛

3. ۋەتەن ئىچى ياكى سىرتىدا سىياسىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇلۇپ، ئىتىراپ قىلىنغان بولۇشى،

4. خەلقئ‍ارادا بەلگىلىك تەسىرگە ۋە ئابرويغا ئىگە بولغان بولۇشى؛

5. د ئۇ قتا ئەڭ ئاز 8 يىل رەھبەرلىك خىزمىتىدە بولغان بولۇشى لازىم.

سايلىنىدىغان ئورۇن (ۋەزىپە) لەر:

1. رەئىس ( 1 نەپەر)

2. ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ( 1 نەپەر)

3. باش تەپتىش ( 1 نەپەر)

4. مۇئاۋىن رەئىسلەر  (2 نەپەر )

5. ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسلىرى ( 3 نەپەر)

6. تەپتىشلەر ( 2 نەپەر)

7. باياناتچىلار ( 2 نەپەر)

8. فوند مۇدىرى ( 1 نەپەر)

9. ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ( 1 نەپەر)

10. ياشلار كومېتېتى مۇدىرى ( 1 نەپەر)

11. ئاياللار كومىتېتى مۇدىرى ( 1 نەپەر)

12. دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ( 1 نەپەر)

13. تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ( 1 نەپەر)

14. ئۇيغۇر مەدەنىيەتمائارىپ كومىتېتى مۇدىرى (1 نەپەر)

15. ئۇيغۇر مۇھاجىرلار مەركىزى مۇدىرى ( 1 نەپەر)

16. نەشىريات مەركىزى مۇدىرى ( 1 نەپەر)

17. ئىنفورماسىئون ۋە تەشۋىقات مەركىزى مۇدىرى ( 1 نەپەر)

18. خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ( 1نەپەر)

19. ئالاقە مۇدىرى ( 1 نەپەر)

يۇقارقى ئورگانلارنىڭ پەقەت مۇدىرلىرى (مەسۇللىرى) قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى تەرىپىدىن سايلىنىدۇ، مۇئاۋىنلىرىنى ھەرقايسى ئورگانلارنىڭ مۇدىرىلىرى تەكلىپ قىلىدۇ ۋە دائىمىي كومىتېت تەستىقلاپ، ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ.

د ئۇ ق 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتى

2017-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى

قوشۇمچە:

نامزاتلىق جەدۋىلىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

Mezkur Uqturushni Laten Yeziqida körmekchi bolsigiz bu yerni besing.