ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئادەم ئورگانلىرى ئوپېراتسىيەسى ۋە ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى گۇمان قوزغىماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 16– ئۆكتەبىر

تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت 1-دوختۇرخانىسى تور بېكىتىنىڭ بۆرەك كېسەللەر بۆلۈمى ۋە جىگەر كېسەللەر بۆلۈمى تونۇشتۇرۇلغان قىسمىدىكى تونۇشتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر دوختۇرخانا جىگەر يۆتكەش ئوپېراتسىيەسىدە 12 يىللىق تارىخقا، بۆرەك يۆتكەش ئوپېراتسىيەسىدە 20 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن.

دوختۇرخانىنىڭ جىگەر يۆتكەش ئوپېراتسىيەسى ھەققىدىكى بايانىدا مەزكۇر دوختۇرخانىدا 2005-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى تۇنجى قېتىملىق جىگەر ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، 2007-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى يەنە 2-قېتىملىق تىرىك جىگەر ئوپېراتسىيىسى قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى، شۇندىن بۇيانقى 12 يىل ئىچىدە مەزكۇر دوختۇرخانىدا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا جىگەر يۆتكەش ئوپېراتسىيىسى يولغا قويۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما تونۇشتۇرۇشتا بۇ ئىككى قېتىملىق جىگەر ئوپېراتسىيەسىدە زاپاس جىگەردىن نەچچىسى تەييارلانغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە توختالمىغان. تونۇشتۇرۇشتا يەنە بۇ ئىككى قېتىملىق جىگەر ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسىدىن باشقا يەنە كونكرېت نەچچە قېتىم تىرىك جىگەر يۆتكەش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە ئىشلىتىلگەن جىگەرلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە ھېچقانداق ئىزاھات بېرىلمىگەن. 

دوختۇرخانىنىڭ بۆرەك بۆلۈمى ھەققىدىكى بايانلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلاردىن ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچى ئوپېراتسىيەدىن كېيىن 22 يىل ياشىغان. بۆرەك ئالماشتۇرغاندىن كېيىن بىر يىل ياشىغانلار 90 پىرسەنتكە، 3 يىل ياشىغانلار 70 پىرسەنتكە يەتكەن. دوختۇرخانىنىڭ تونۇشتۇرۇشىدا بۆرەك بۆلۈمىدىكى بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىدىغان دوختۇرلارنىڭ تەرجىمىھالى تونۇشتۇرۇلغان. تونۇشتۇرۇشتا يەنە دوختۇرخانىنىڭ بۆرەك بۆلۈمىدە 2017-يىلغا قەدەر 200 قېتىمدىن كۆپ بۆرەك يۆتكەش ئوپېراتسىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى بايان قىلىنىپ، بۇنىڭ ئىچىدە يۈزگە يېقىن كىشىگە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىئانە قىلغان بۆرەك ئىشلىتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما تونۇشتۇرۇشتا قالغان 100 قېتىملىق بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسىدە ئىشلىتىلگەن بۆرەكلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە ھېچقانداق ئەسكەرتىش بېرىلمىگەن.

مەزكۇر دوختۇرخانىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تۇنجى قېتىملىق جىگەر ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، سۇمرۇغ تېلىۋېزىيەسى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەرلىرىدە ئوپېراتسىيە ئۈچۈن 24 سائەت ئىچىدە 3 دانە زاپاس تىرىك جىگەر تەييارلانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، ئەمما خەۋەردە تىرىك جىگەرنىڭ كېلىش مەنبەسى يەنىلا ئەسكەرتىلمىگەن.

جىگەر ئالماشتۇرۇش ۋە بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى ۋە ئوپېراتسىيەدە ئىشلىتىلىدىغان ئورگانلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقلاش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىدىكى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت 1-دوختۇرخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق.

دوختۇرخانىنىڭ جىگەر كېسەللەر بۆلۈمىگە قىلغان تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.

دوختۇرخانىنىڭ بۆرەك كېسەللەر بۆلۈمىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان ئىككى نەپەر سېسترا ۋە بىر ياردەمچى دوختۇر دوختۇرخانىدا بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسى ۋە ئالاقىدار دوختۇرلار ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

ئۇلار يەنە بىمارنىڭ دوختۇرخانىنىڭ ئۆزىگە كېلىپ نومۇر ئالغاندىن كېيىنلا دوختۇرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ئاندىن بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسىگە ئائىت پىلاننى تۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما مەزكۇر دوختۇرخانا خادىملىرى ئوپېراتسىيەگە لازىم بولىدىغان ئادەم ئورگانلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئوپېراتسىيەگە كېتىدىغان خىراجەت قاتارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ پەقەت بىمار بىلەن دوختۇر ئارىسىدىكى «مەخپىيەتلىك» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئانالىزچىلاردىن ئەنگلىيەدە ئولتۇرۇشلۇق دوكتور ئەنۋەر توختى، يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدا ئادەم ئورگانلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ رايوندىكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى بۇ خىل ئوپېراتسىيەلەرگە ئىشلىتىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەنۋەر توختى ئەپەندى يەنە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىدە كۈنتەرتىپكە قويۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكىدىكى خىتاي دوختۇر ۋاڭ جېيۈەن، ئىلگىرى خىتاي ھاۋا ئارمىيىسى دوختۇرخانىسىدا 30 يىل دوختۇر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى 20 نەچچە يىل ئىچىدە خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرى ئوپېراتسىيەسى شىددەت بىلەن كۆپەيگەن ئىكەن. 2015-يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئىشلىتىش چەكلەنگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنمۇ ئادەم ئورگانلىرى ئوپېراتسىيەسىنىڭ قېتىم سانى 60 مىڭدىن 80 مىڭغا قەدەر بولغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا 2015-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلەش قارارى ئېلان قىلىنغان. خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن 2013-يىلدىن كېيىن باشلانغان ئادەم ئورگانلىرىنى ئىئانە قىلىش تەشەببۇسىدىن كېيىن، 2017-يىلى 1-ئايغا قەدەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆلگەندىن كېيىن ئىچكى ئورگانلىرىنى ئىئانە قىلىشنى خالايدىغانلار ئاران 200 ئەتراپىدا بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئۆلگەندىن كېيىن ئىچكى ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىشنى خالايدىغانلار ئاران 23 كىشى ئىكەن.