د ئۇ ق 6 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىقتىسادى ياردەم ھەققىدىكى مۇراجىئەتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2017-يىل 27-سىنتەبىر

ئەزىز ۋەتەنداشلار،
11 – ئاينىڭ 10-12 كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە چاقىرىلىدىغان 6 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلاددە قۇرۇلتىيىمىزنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي داۋام قىلماقتا.
6 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي، تەشكىلاتىمىزنىڭ تەشكىلىي تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەش، رەھبەرلىك قاتلىمىدا زۆرۈر ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ كېلىچەك ئىستراتېگىيىلىرىنى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كۆچۈرۈپ، د ئۇ ق نىڭ مۇھاجىرەتتىكى مىللىي مۇجادىلىنىڭ ھەقىقىي ۋەكىللىك ئورگىنى سالاھىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە زۇلۇم ئاستىدىكى خەلقىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش ئىقتىدارىنى يۈكسەلتىشنىڭ بارلىق چارە – تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.
6 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلاددە قۇرۇلتاينىڭ ئىقتىسادىي ياردەمگە ئىھتىياجى بار. بىز بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا 21 دۆلەتتىن كېلىپ ئىشتىراك قىلىدىغان يۈزدىن ئارتۇق ۋەكىلنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە مۇراجىئەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئومۇمىي خەلقىمىزنىڭ ماددىي ياردەملىرىگىمۇ ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىمىز. ۋەتەن – مىللەت مەنپەئەتى ئۈچۈن بېسىلغان بۇ خەيىرلىك قەدەملەرگە قۇربىنىڭ يېتىشىچە يار-يۆلەكتە بولغۇسى قېرىنداشلىرىمىزغا چەكسىز تەشەككۈرلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز.
ئىئانە قىلىشنى راۋا كۆرگەن قېرىنداشلارنىڭ تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن، ئىختىسادى ياردەملىرىڭىزنى يەتكۈزۈپ بېرىشىڭلارنى ئىلتىماس قىلىمىز.
بانكا ھاۋالىسى بىلەن بىۋاستە يولىماقچى بولسىڭىز:
Name: Weltkongress der Uiguren e.V / (The World Uyghur Congress)
بانكا كودى/ Bank code: 700 700 24
ھىساپ نۇمۇرى / Account No.: 244 089 901
IBAN: DE 93 700 700 24 0244 089 901
BIC-Code: DEUTDEDBMUC
بانكا ئادرېسى: Schwanthalerstr.32, 80336 München
مەسئۇل كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ، يوللىماقچى بولسىڭىز:
تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىم

( tel: +49 176 10382764), email: [email protected]

دولقۇن ئەيسا
( tel: +49 179 8196260), email: [email protected]