دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6-نۆۋەتلىك (پەۋقۇلاددە) ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە ئۇختۇرۇش

د ئۇ ق: 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئاخباراتى

No: 19.08.2017

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ  6-نۆۋەتلىك (پەۋقۇلاددە) ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە ئۇختۇرۇش

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) كېڭەيتىلگەن دائىمى كومىتېتىنىڭ 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى قارارىغا ئاساسەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پەۋقۇلاددە قۇرۇلتىيىنى 11-ئاينىڭ 10-12-كۈنلىرى گېرمانىيەدە چاقىرىش قارار قىلىنىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلاش ۋەزىپىسىنى باش كاتىپلىققا تاپشۇرغان ئىدى. بۇ قارارغا ئاساسەن، باش كاتىپلىق رىياسەتچىلىگىدە تەييارلىق كومىتېتى قۇرۇلۇپ،  قۇرۇلتاي تەييارلىق خىزمەتلىرى رەسمىي شەكىلدە باشلاندى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتى، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن قۇرۇلتاي ۋەكىللىگىگە سايلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى ۋە شەرتلىرى ھەقىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ تۆۋەندىكى شەرتلەر ئاساسىدا سايلىنىشى قارار قىلىندى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا مۇھاجىرەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، جامائەت ئەربابلىرى، ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، زىيالىيلار ۋە ياشلار ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلىدۇ. 

ھەر قايسى دۆلەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى، جامائەتچىلىك (تەشكىلات مەۋجۇت بولمىغان دۆلەتلەردە)، ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ۋەكىللەرنىڭ سۈپەت، سالاھىيىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش پرىنسىپى ئاساسىدا، تۆۋەندە بەلگىلەنگەن ماددىلار بويىچە، ۋەكىللەرنىڭ تىزىملىكىنى 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن بۇرۇن قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتىگە يوللاپ بېرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز.

قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلار ياكى جامائەتچىلىك تەرىپىدىن دېموكراتىك ئاساستا ئېلىپ بېرىلغان سايلام ئارقىلىق ۋە ياكى تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.

ۋەكىللەرگە قويۇلىدىغان تەلەپ ۋە شەرتلەر تۆۋەندىكىچە:

– ۋەكىللەر 18 ياشنى تولدۇرغان بولۇشى؛

– ۋەتەنپەرۋەر  ۋە مىللەتسۆيەر بولۇشى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھېچ قانداق پائالىيەتكە قاتناشمىغان بولۇشى؛

– تەشكىلاتلاردا خىزمەت قىلغان بولىشى ياكى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تەشكىلاتلاردا ۋەزىپە ئالمىغان بولسىمۇ ئۆز ئالدىغا مىللى داۋايىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇشى؛

– ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى جامائەت ئىچىدە بەلگىلىك ئىجابى تەسىرگە ئىگە بولىشى؛

– تەشكىلاتلار ياكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىگى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرغان ھەر تۈرلۈك سىياسىي، مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان بولىشى كىرەك؛

– قۇرۇلتاي ئېچىلغۇچە بولغان مۇددەتنىڭ ئەڭ ئاز 1 يىل ئىلگىرگىچە (يەنى 2016-يىلى11-ئايدىن كىيىن) ۋە  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ خىزمەت قىلغان مۇددەت ئىچىدە، شۇنداقلا ۋەكىللىك مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە خىتاي ۋە خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانغا بارمىغان ۋە بارمايدىغان بۇلۇشى؛

– سىياسىي جەھەتتىن بەلگىلىك ئاڭ ۋە تەجرىبىگە ئىگە بولىشى، خەلقئارا سىياسەت، خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە بەلگىلىك چۇشەنچە ۋە مەلۇماتقا ئىگە بولغان بولۇشى؛

– دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز ۋە ھەرىكەتلەرنى قىلمىغان ۋە بۇندىن كېيىنمۇ د ئۇ ق مەنپەئەتىنى جان ۋە دىل بىلەن قوغدايدىغان، تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ئورۇنلايدىغان بولۇشى كىرەك.

د ئۇ ق 6-نۆۋەتلىك ( پەۋقۇلاددە) ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتى
2017-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى