خىتاي چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلىماقتا. نېمە ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ياردەم قىلىشنى رەت قىلالمايدۇ؟

تۈركىستان ۋاقتى
2017 – يىلى 17– ئاۋغۇست

ئاپتور: جېسىكا باتكى(Jessica Batke)، خىتاينىڭ ئىچكى سىياسەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى بويىچە مۇتەخەسىس.

بۇ ھەرىكەت ئىس – بۇسىنى چىقارماي باشلاندى. چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىشى كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلدى. نۇرغۇنلىرى قايتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ ساۋاقداشلىرى شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىدى. ئالدىراپ بىر قارارغا كېلەلمىگەنلەرنىڭ ئائىلىسىنى ساقچى قولغا ئالدى. ئاخىردا، بۇنى پۈتۈنلەي رەت قىلغانلارغا زورلۇق كۈچى ئىشلىتىلدى.

خىتاي دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پېيىغا چۈشۈۋاتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. مىسىر ۋەقەسىدە، دائىرىلەر مىسىر بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا تايىنىپ، قاھىرەدىكى خىتاي گراژدانى بولغان ئۇيغۇرلارنى ئىزدىدى ۋە ئۇلارنى تۇتقۇن قىلدى. مىسىر ساقچىلىرى ئونلىغان ئۇيغۇرنى قولغا ئالدى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاللىبۇرۇن خىتايغا قايتۇرىۋېتىلدى. قاھىرەدىكى بەزى ئۇيغۇرلار قانۇنىي رەسمىيەتلەر بىلەن تۇرۇۋاتامدۇ ياكى ئوقۇغۇچى سالاھىيىتىدە تۇرۇۋاتامدۇ دېگەندەك نۇرغۇن تەپسىلاتلار ھېلھەم ئاشكارىلانمىدى. لېكىن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىلىرىدىن _ ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن بىرەر ئوچۇق زۆرۈرىيەت بولمىغان، يەنە كېلىپ ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپتىن ئۆتكۈزۈلمىگەن ئەھۋالدا _  قايتىپ كېلىشنى تەلەپ قىلىشى چوقۇم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى تارتىشى لازىم. بۇنىڭغا ئوخشاش چېگرا سىرتىدىكى قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىق ھەرىكەتلىرىگە سۈكۈت قىلىش، ئۈچىنچى تەرەپتىكى دۆلەتلەرنى بۇ شەخسلەرنىڭ قايتۇرۇلىشىدىكى جىنايەتكە شىرىك قىلىپ قويىدۇ. سۈكۈت قىلىش، كەلگۈسىدە باشقا دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭمۇ ئوخشاشلا ئەيىبلەنمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ؛ سۈكۈت قىلىش، بۇ دۆلەتلەردىكى يەرلىك بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنى خەلقئارادىكى تەنقىدلەرگە پىسەنت قىلمىساقمۇ بولىدۇ دېگەن ئاڭغا ئېلىپ كېلىدۇ.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى(ر ف ئا)نىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل يانۋارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك دائىرىلەر چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قايتىپ كېلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. يەرلىك بىخەتەرلىك تارماقلىرى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ر ف ئا غا، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي كۆز – قاراشلىرىنى تەكشۈرۈش ھەمدە «ئۇلارغا دۆلەتنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرى ۋە نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى ھەققىدە تەربىيە بېرىش» ئۈچۈن قايتىپ كېلىش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى ئېيتقان.

مىسىر، تۈركىيە ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بۇ ئۇقتۇرۇش يېتىپ بارغان. بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى تاكى ئۇلار قايتىپ كەلگىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان. خەۋەر قىلىنىشچە، قايتىپ كەتكەن بەزى ئوقۇغۇچىلار قاماپ قويۇلغان ياكى شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان. بۇ يىل فېۋرالدا ئۆزىنىڭ پەرزەنتى بىلەن بىرلىكتە مىسىردىن قايتىپ كەلگەن بىر جۈپ ئاتا – ئانا قولغا ئېلىنغان، ئۇلارنىڭ 12 ياشلىق ئوغلى سىياسىي تەربىيەلەشكە ئەۋەتىلگەن. مارتتا، 17 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن «قارا تېزىملىككە ئېلىنغان ۋە جازالانغان». ر ف ئا نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل مايدا بىر ئۇيغۇر زىيالىسى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ مىسىردىكى ئوقۇشى ئىزچىل خىتاي دۆلىتى قارمىقىدىكى خىتاي ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۆزلىكىدىن قايتىپ كەلگەن.

بۇ ۋەقە ئاساسەن خەۋەر قىلىنمىدى، بەلكىم بۇ بەك بىلىنىپ كېتىلمىگەنلىكى سەۋەبلىك بولغان بولسا كېرەك. ر ف ئا مۇ تاكى 5- ئايغىچە خىتاينىڭ قايتىپ كېلىش چاقىرىقى ھەققىدە خەۋەر بەرمىدى.

ئاخىرىدا مىسىردىكى قولغا ئېلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. مىسىر بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۆزلىكىدىن ۋەتىنىگە قايتمىغان ئۇيغۇرلارنى _ شۇنداقلا خىتاي گراژدارنى قازاقلارنى _ قولغا ئېلىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قاھىرەدىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ۋە ھازىرقى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. 30- ئىيۇندىن باشلاپ، بىخەتەرلىك قىسىملىرى 70 تىن 200 گىچە بولغان ئۇيغۇرنى ئۆيلىرىدىن ۋە ئاشخانىلاردىن قولغا ئالدى. ئاز دېگەندە نەچچە ئون كىشى زورلۇق بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلدى، بىر قسىمى بولسا تۈركىيەگە قاچتى(بەزىلىرى قېچىش جەريانىدا قولغا ئېلىندى)، بەزىلىرى ھېلھەم ب د ت مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسى ئارقىلىق پاناھلىق تىلەۋاتىدۇ. قولغا ئېلىنغانلاردىن زور بىر تۈركۈمى تورا تۈرمىسىدە مىسىر دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇ يەردە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنىۋاتقانلىق ئېھتىمالى بار.

خىتاي بۇ قولغا ئېلىش ۋە قايتۇرىۋېتش مەسىلىسىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلمىدى. ئەكىسچە، مىسىردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى 8- ئىيۇل يەنى ئۇيغۇرلار قولغا ئېلىنىشقا باشلاپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، بىر سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا شىنجاڭنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۆكۈمەتنىڭ مىسىردىكى شىنجاڭلىقلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا قايتىپ خىزمەت تېپىشقا داۋاملىق ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. يىغىندا خىتاينىڭ قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن بىر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلىمۇ بار ئىدى.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى ھەققىدە رەسمىي بىر بايانات ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەرىكەتلەرنى بېيجىڭنىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ خىتاي سىرتىدا رادىكال كۈچلەرگە باغلىنىپ، ۋەتىنىگە قايتىپ ھۇجۇم ئېلىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىشىغا باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئەمەس.

بۇ خىل ئەندىشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلىشىنىڭ تېررورىزمغا ئالاقىدار ھەر قانداق بىر پائالىىيەت بىلەن ئەيىبلىنىشىكە مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىدەك بىر ھەقىقەتنى كۆرۈشكە بولىدۇ.

مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سالاھىيىتى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر _ بىر ئەر ئۆزىنىڭ بۇ يەردە ياشاۋاتقىنىغا 15 يىل بولغانلىقىنى ئېيتتى _ مۇھىمى ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندا زىيانكەشلىككە ئۇچراش قورقۇنچىسىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز لازىم. بىر ئەرنىڭ ب ب س غا ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن مىسىر تۈرمىسىدە يېتىشنى ياخشى دەپ قارايدىكەن، چۈنكى مىسىر تۈرمىلىرىدە ھېچ بولمىغاندا ئۇلارنىڭ دىنى ھۆرمەتلىنىدىكەن.

خىتاينىڭ بۇندىن كېيىن يەنە گېپىگە كىرىدىغان ھەر قانداق بىر دۆلەتكە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بېسىم چۈشۈرۈش مۇمكىنچىلىكىنى ھېچكىم يوق دېيەلمەيدۇ، گەرچە مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا قەدەر بارمىسىمۇ. 26- ئىيۇل، ئىتالىيە ساقچىلىرى ئىتالىيە يۇقىرى پارلامېنتىدا دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان گېرمانىيە گراژدانلىقىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى دولقۇن ئەيسانى خىتاينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن سەۋەبسىزلا قولغا ئالغان. بۇ خىل ۋەقەلەر بۇندىن بۇرۇنمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، ئاپرېلدا دولقۇن ئەپەندى نيۇيوركتىكى ب د ت باش شىتابىدا بىر يىغىنغا قاتنىشىۋاتقاندا مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىلگەن ۋە قايتى كىرىشىگە يول قويۇلمىغان. بۇ ئايدا، ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى نىسبەتەن بىخەتەر پاناھگاھى بولغان تۈركىيە، ئۆز زېمىنىدا «خىتايغا قارشى پائالىيەتلەر»گە يول قويماسلىققا ۋە تۈركىيە مېدىيالىرىدا خىتايغا قارشى خەۋەرلەرنىڭ بېرىلىشىنى چەكلەشكە قوشۇلدى. خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى مېڭ خوڭۋېي نۆۋەتتە خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ 2020- يىلىدىكى ۋەزىپە مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن بۇنداق ھادىسىلەر يەنە يۈز بېرىشى مۇمكىن.

بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ خىل مەسىلىلەر ئالدىدا تىلىنى تېخىمۇ قىسقا قىلىپ قويىدۇ. خىتاي تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ چەتئەلدىكى ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ پېيىغا چۈشۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ياردەم سورايدۇ. بۇنى رەت قىلىشنى خالايدىغان كىشىلەر نەدە؟

خىتاي ھۆججەتلىرى  | 14-08-2017