شىلىنغول ۋىلايىتىدىكى موڭغۇل نامايىشچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش باشلاندى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى

داىرىلەرنىڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىغا نارازى بولغان موڭغۇل نامايىشچىلار قوشۇنى كۆپەيدى. بۈگۈن ساقچى داىرىلىرى 30 نەپەر موڭغۇلنى تۇتقۇن قىلدى.

ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ ياپونىيىدىكى باش كاتىپى كەرىد كۇۋاسگالت ئەپەندى رادىومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈن شىلىنغول ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى كۆك تۇغلۇقلار قوشۇنىدىكى چارۋىچىلار ھەم ناھىيە تەۋەسىدىكى بىر قىسىم ئامما بولۇپ 300دەك كىشىنىڭ نامايىش قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كەرىد ئەپەندى ئۆزلىرى رايوندىن ئىگىلىگەن ئەھۋالنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى.

«ئىگىلىشىمىزچە، بۈگۈن شىلىنغول ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى موڭغۇل چارۋىچىلىرى ۋە ناھىيە بازىرىدىكى موڭغۇللاردىن تەخمىنەن 300دەك كىشى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئالدىغا توپلىنىپ نامايىش قىلغان. نامايىش قىلغۇچى چارۋىچىلار ناھىيىلىك موڭغۇل ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى نامايىشقا دەۋەت قىلىپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئالدىغا قەدەر بارغان. ئەمما قوراللىق ساقچىلار مەكتەپ دەرۋازىسىنى قامال قىلىۋالغىنى ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلار نامايىشقا قاتنىشالمىغان. بىزنىڭ رايوندىن ئىگىلىشىمىزچە، بۈگۈنكى كۆك تۇغلۇقلار نامايىشىدا يەرلىك ھۆكۈمەت داىرىلىرى چارۋىچىلاردىن نەچچە ئونلىغان كىشىنى، جەمئىيەتنى قالايمىقان قىلدى دېگەن باھانىدە تۇتۇپ كېتىپتۇ. بىز ھازىر رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ بارغانچە جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەت داىرىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنى باشلاش ئېھتىمالى بارلىقىنى ھېس قىلماقتىمىز.»

شىلىنغول ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى كۆك تۇغلۇقلار خوشۇتىدىن بولغان، ھازىر شۋېتسىيىدە يەرلەشكەن موڭغۇل زىيالىيسى دولگىون خاتگىن ئەپەندى، رادىومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى رايوندىن ئىگىلىگەن ئەمەلىي ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.

دولگىون ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك داىرىلەر 27-مايدىن باشلاپ شىلىنغول ۋىلايىتىنى قامال قىلغان. رايوندىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىرتقا چىقىشى قاتتىق چەكلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئىچىدە ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ۋىلايەت داىرىسىدىكى ئىنتېرنېت ئالاقىسى ئۈزۈۋېتىلگەن. داىرىلەر بۈگۈنكى كۆك تۇغلۇقلار نامايىشىغا نىسبەتەن قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش سىياسىتى قوللانغان. رايوندىكى تېلېۋىزور خەۋەرلىرىدە شەھەر ئاھالىسىنى ئۆز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۆيدىن تالاغا چىقماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

دولگىون ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ ئۆز ئۇرۇق-تۇغقان دوستلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر كۆك تۇغلۇقلار خوشۇنىدىن 30 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ «جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزدى» دېگەن باھانىدە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزى ئىلگىرى يېقىن ئۆتكەن 3 نەپەر دوستىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئىچكى موڭغۇلنىڭ تۇڭلياۋ شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالماس شىرنۇد ئەپەندى، نۆۋەتتە ئىچكى موڭغۇلنىڭ ھەممىلا يېرىدە ۋەزىيەتنىڭ چىڭىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالماس ئەپەندى سۆزىدە، ھۆكۈمەت داىرىلىرىنىڭ موڭغۇللار 30-ماي كۈنى ئېلىپ بارماقچى بولغان زور كۆلەملىك نامايىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كۆكخوت ھەم تۇڭلياۋ قاتارلىق بىرنەچچە شەھەرلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېت، ئالىي تېخنىكوم ھەم ئوتتۇرا مەكتەپلەردە شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ بىردەك دەرس ئۆتۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالماس ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ ئىككى كۈندىن بۇيان خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى.

«25-مايدىن باشلاپ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش خادىملىرى بىرنەچچە قېتىم مېنى ئىزدەپ كەلدى. ئۇلار مېنى ئاگاھلاندۇرۇپ، نامايىشقا ئائىت رەسىملەرنى تورغا قويماسلىققا ھەم چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىققا ئۈندىدى. ئەمما ھازىر يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئادالەتسىزلىكلەر ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرالمايمەن.»

كەرىد ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، شىلىنغول ۋىلايىتى ھەم باشقا جايلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشلارنىڭ موڭغۇللارنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقى ھەم ئىنسانىي غۇرۇرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەققانىي نامايىش ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. ئۇ يەنە نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرى ھەم موڭغۇللارنىڭ رايوندىكى نامايىشقا قاتناشقان موڭغۇل قېرىنداشلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى جەنۇبىي موڭغۇلىيىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/mongghul-namayish-05252011155325.html/shilingul-namayish-05272011200529.html/story_main?ئەنچودىڭ=لاتىن