د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىمنىڭ پەۋقۇلاددە قۇرۇلتاي چاقىرىش ھەققىدىكى قارارى

دۇنيا ئ‍ۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتى
2017-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۆرىشىنىڭ زۆرۈر ئىھتىياجلىرىنى نەزەرگە ئالغان، مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ئىچىدە تېخىمۇ روناق تېپىشىنى، كۈچلىنىشىنى نىشان قىلغان، د ئۇ ق نىڭ خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ جانلىق بولۇش؛ جىددىي ۋەزىيەت ئۆزگىرىشلىرىگە قارىتا مەيلى ئىدىيە، مەيلى ھەركەت جەھەتتىن ھازىر جاۋاپ ھالەتتە تۇرۇشىنى مەقسەد قىلغان ھالدا د ئۇ ق نىڭ كەلگۈسى خىزمەت پىرىنسىپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن 12 – كۈنىگىچە، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە پەۋقۇلاددە قۇرۇلتاي (6 –نۆۋەتلىك د ئۇ ق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى) چاقىرىشنى قارار قىلدىم.

2017 – يىلى 8 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چاقىرىلغان د ئۇ ق دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتناشقان 30 نەپەر ۋەكىلنىڭ 21 ئاۋازىنىڭ ماقۇللىقى، 9 نەپەر ئاۋازنىڭ رەت قىلىشى بىلەن مەزكۇر قارارىم تەستىقتىن ئۆتتى.

مەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ لىدەرى، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن 11 – ئاينىڭ 10 – 12 – كۈنلىرى 6 – نۆۋەتلىك د ئۇ ق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىپ،  بارلىق ئىچكىي ئىختىلاپلارغا خاتىمە بېرىپ، پۈتۈن كۈچنى خىتاي زۇلمىغا قارشى مەيدانغا مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ۋەتەنپەرۋەر قېرىنداشلىرىمنى بۇ پەۋقۇلاددە قۇرۇلتاينى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاشقا چاقىرىمەن.

د ئۇ ق رەئىسى:

رابىيە قادىر

2017- يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى