ميۇنخېندىكى پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2017-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى


دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ لىدېرى رابىيە قادىر خانىم سۇنغان: ئومۇمىي مىللىي بىرلىكنى قوغداش، د ئۇ ق نى پارچىلىنىشتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن 7 – ئاينىڭ 21 -، 23 – كۈنلىرى گوللاندىيەدە چاقىرىلماقچى بولغان ئالىي كېڭەش يىغىنىنى ھەمدە 8 – ئاينىڭ 25 -، 27 – كۈنلىرى گېرمانىيەدە چاقىرىلماقچى بولغان د ئۇ ق 6 – نۆۋەتلىك (پەۋقۇلئاددە) ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى توغرا قارار دەپ قارايمىز ۋە ميۇنخېندىكى پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاي ئېچىش پلانىمىزدىن ۋاز كەچكەنلىكىمىزنى ئېلان قىلىمىز. ھىچقانداق نەرسە مىللىي داۋادىن ئۈستۈن تۇرالمايدۇ. د ئۇ ق نىڭ بىرلىكى، مۇكەممەللىكى ۋە تەرەققىياتى مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ زۆرۈر ئىھتىياجىدۇر. رابىيە خانىمنىڭ ھالقىلىق پەيىتتە د ئۇ ق نىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالىي كېڭەش بىلەن پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە دائىمىي كومېتىت يىغىنى ئېچىپ، ئىچكىي كىرىزسلارنى ئىچكىي قىسىمدا ھەل قېلىش تەشەببۇسى مىللەتنى ئۈمىدسىزلىكتىن ئازات قىلىدىغان، مىللىي دەۋاغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدىغان توغرا قاراردۇر.؛شۇڭا رابىيە خانىمنىڭ بۇ قارارىنى قوللايدىغانلىقىمىز ۋە ئەگىشىدىغانلىقمىزنى بىلدۇرىمىز.

قۇرۇلتاي دائىمىي كومېتىتىدا پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينى ميۇنخېندا ئېچىشھەققىدە ئاۋاز بەرگۈچىلەرگە ۋاكالىتەن:

د ئۇ ق باش كاتىپى: دولقۇن ئەيسا