خىتاينىڭ شەرمەندىلىكى: «ئۇيغۇرلارغا ھېچ قانداق زۇلۇم قىلمىدۇق»

تۈركىستان ۋاقتى
2017 – يىلى 30– ئىيۇن

يېقىندا، خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسى خىتايدىن كەلگەن تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ قاتنشىشى بىلەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەر ۋە دىنلارنىڭ ئەھۋالى» تېمىسىدا بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرغان. ساباھ تورى(Daily Sabah) تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئاكادېمىك دوڭ مەنيۈەن يىغىندا قىلغان سۆزىدە، «شىنجاڭ رايونىدا زۇلۇم بار دېگەن قاراشلار توغرا ئەمەس، تۈركىيە رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رايوندا دىن، جەمئىيەت ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بېرىلگەن كەڭچىلىكلەرنى باشقا ھەر قانداق كىشىگە قارىغاندا ياخشى بىلىدۇ، چۈنكى شىنجاڭ ئىزچىل ھەممە كىشى ئىجىل، ئىناق ياشايدىغان جاي بولۇپ كەلدى ھەم رەئىس ئەردوغان بارلىق زىيارەتلىرىدە بۇلارنى بىۋاستە ھېس قىلىدۇ.» دېگەن.

يۇقارقى سۆزلەرگە قارىتا، مەن تۆۋەندىكى رېئاللىقلارنى سەمىڭلارغا سېلىپ قويماقچىمەن. ئالدى بىلەن دەيدىغىنىم، رەئىس ئەردوغان شەرقىي تۈركىستاننى پەقەت بىرلا قېتىم زىيارەت قىلغان، يەنە كېلىپ 2012- يىلىدا، ئۇ زىيارىتىدە پەقەت نوپۇسنىڭ كۆپ قىسمىنى خىتاي كۆچمەنلىرى ئىگەللەيدىغان ئۈرۈمچىگىلا بارغان ۋە ئۇ يەردە بىر كۈنلا تۇرغان.

ئەگەر ئۇ ئۇزۇنراق تۇرغان بولسىمۇ، بەرىبىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيتتى. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق ئەھۋاللاردا كىملەرگە نېمىلەرنى دېگۈزۈش ئارقىلىق ئشىنىڭ ھەقىقى تەرىپىنى يوشۇرۇشنى باشقۇرالايدۇ. يەنە كېلىپ، ئەردوغاننى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىش ۋە ئۇنى دارىتىملاشنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى يوق، ئەگەر چوقۇم بىرەر نەرسىنى كۆرسىتىش كېرەك بولسا بۇ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇلاردا كۆپ يىللاردىن بۇيان رايوندا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلىنغان ناچار مۇئامىلىلەرگە دائىر ئىلمىي ۋە ئىشەنچىلىك ھازىرلانغان دوكلاتلار بار.

مەن يۈەندوڭ ھۆرمەتكە ئېرىشكەن بىر زىيالىي، شۇنداق بولغان ئىكەن ئۇ چوقۇم خىتاينىڭ ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىن كەلگەن رېئال پاكىتلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان قورچاق بولۇشنىڭ ئورنىغا، ھەقىقى ئەھۋالنى تەتقىق قىلىشى ۋە كۆرسىتىشى لازىم.

ئۇنىڭدىن شۇنى سوراپ باقسام. ئەگەر رايوندا ھېچقانداق زىيانكەشلىك بولمىسا، سىز تېخى يېقىندا ماقۇللانغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش نىزامنامىسى»نى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟

بۇ بەلگىلىمە ئېنىقلا رايوندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى كەمسىتىشنى مەقسەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ئەمەل قىلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئېتىقاد خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتاي كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيەسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدىغان بىر دىن دەپ قارالغان.

ئۇيغۇرلار ئەگەر پەرزەنتلىرى خىتايلار بىلەن توي قىلماقچى بولسا ھېچقانداق ئارىلىشالمايدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ مەيلى دىنىي قىممەت قاراش جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئىسلامىي ئەقىدە جەھەتتىن بولسۇن قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە دىنىي تەلىم – تەربىيە بېرىشى ۋە ئۇلاردا دىنىي ئەقىدىسى بويىچە ھالال – ھارام قارىشى يېتىلدۈرۈشى چەكلەنگەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىسلام بەلگىلىگەن قانۇن ۋە پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن باشقىلارغا بۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ ياكى ھارام دەيدىغان ھېچقانداق ھوقۇقى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش نىزامنامىسى»دە، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىۋاتقان دىن، ئەنئەئەنە ھەمدە ئۇلارنىڭ پايدىلىرى ۋە نېمە ئۈچۈن ئەگىشىدىغانلىقى ھەققىدە تەربىيە بېرىش ھوقۇقى مەھرۇم قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن، ئاتا – ئانىلار دۇنيادىكى ھەر قانداق كۈچكە قارىغاندا بەكراق ھوقۇق ۋە سۆيگۈگە ئىگە بولغان پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئاتا – ئانا بولماي قالىدۇ.

خىتاي چېگرا تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدىن كەلگەن ئاكادېمىك گۇاڭ چېنشىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدا تۈركىيەنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك شىرىك ئىكەنلىكىنى ھەمدە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشتە ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتقان.  لېكىن ئۇ، نېمە ئۈچۈن تۈركىيەگە بېرىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى ھەققىدە ھېچ نەرسە دېمىگەن. نېمە ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلىنىدۇۋە رەت قىلغانلىرىنىڭ ئاتا- ئانىلىرى بېسىمغا ئۇچرايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ياشلىر تۈركىيە بايرىقى چۈشۈرۈلگەن كۆڭلەكنى كىيىشتەك ئاددىي ئىشلار ئۈچۈنمۇ قولغا ئېلىنىدۇ؟

دوڭ ئەپەندى، سىز سۆزىڭىزدە ئۇ يەردە ھېچقانداق چەكلىمە يوقلۇقىنى، رامىزان ئېيىدىمۇ شۇنداق بولغانلىقىنى تىلغا ئاپسىز. ئۇنداقتا سىز نېمە ئۈچۈن كادىرلارنىڭ يەرلىك ئائىلىلەردە قونۇپ ئۇلارنىڭ روزا تۇتماسلىقىنى نازارەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز. %600 ئاھالىسى مۇسۇلمان بولغان بىر رايوندا، قانداقسىگە بۇنداق بىر قارارنىڭ چىقىرىلىشىنى قوللايسىز؟

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى تولۇق كونترول قىلىشتەك تېخمۇ چوڭ بىر نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. خىتاي بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگە ئىقتىسادىي ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسى جەھەتتە كېڭەيمىچىلىك قىلىش غەرىزىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىپ كەلدى. چۈنكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى تىراگېدىيەلىك تارىخى بىر بەلۋاغ بىر يولغا ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى تارىخىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي بۇ خىل يىغىنلارنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، دۇنيانىڭ دىققەت – نەزىرىنى ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلمىشلىرىدىن يۆتكىمەكچى. شۇنىسى ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى، خىتاينىڭ دۇنيا ئالدىدىكى مەسۇم ۋە ئەركىن يۈزىنىڭ ئارقىسىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى فاشىت قىلمىشلىرى يوشۇرۇنغان.

ئاپتورى: رۇقىيە تۇردۇش

ئەسلى ئىنگىلىزچە مەنبە: https://medium.com/@rukiyeturdush