خىتاينىڭ زۇلۇم قىلىچى شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاقلارنىڭ بېشىدا پۇلاڭلاۋاتقاندا قازاقىستاننىڭ بۇ ھەقتەسۆزلەيدىغان سۆزى يوقمۇ؟

تۈركىستان ۋاقتى
2017 – يىلى 27– ئىيۇن

بۇ ماقالىنى تۈركچە يېزىپ ئۇيغۇرنېت تورىدا ئېلان قىلدىم. بىر قانچە گېزىت ۋە تورلار كۆچۈرۈپ باستى. قازاق دىپلومات ۋە مۇناسىۋەتلىك قازاق قېرىنداشلارنىڭ ماقالىنى ئوقۇغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. بىراق تۈركچە بىلمەيدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ تەلىپىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدىم.

مەھمەتىمىن ھەزرەت

خىتاي ھاكىمىيىتى كېيىنكى 25 يىلدىن بېرى شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا مىللىي ۋە دىنىي كەمسىتىش، بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتىنى يىلسېرى چىڭىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، قازاقلارنى بۇ بېسىم ۋە زۇلۇملاردىن خالى تۇتۇپ كەلگەن ئىدى. ھەتتا ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇھىم ھوقۇقلىرىنى خىتايلار قازاقلارغا بۆلۈپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى يەكلەش ۋە باستۇرۇشتا ئۇلارنى ئىشلىتىش تاكتىكىسىنى قوللاندى.

خىتايلار يۇرتىمىزدا قازاقلارنىڭ يايلاقلىرىنى ئەڭ كۆپ تارتىۋېلىپ سانائەت شەرھەرلىرىنى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرىنى، كانچىلىق رايونلىرىنى بەرپا قىلىپ مىليونلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈردى.  نەتىجىدە 1.5 مىليون قازاق خەلقى يايلاقسىز قالدى. بىراق سىياسى جەھەتتە قازاقلارغا كەڭ قول بولدى. قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى 25 يىل ئىچىدە قازاقىستان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 1 مىليون قازاقنى قازاقىستانغا يەرلەشتۈردى ۋە قازاق پۇقرالىغىنى بەردى. شەرقى تۈركىستاندىن [1]قازاقىستانغا كېتىپ قازاق پۇخراسى بولغان قازاقلارنىڭ سانى 200 مىڭ. قازاقىستان يېشىل كارتا ئالغانلار 300 مىڭ. يېشىل كارت ئالغانلار خالىغان ۋاقىتتا قازاقىستانغا ۋىزىسىز كىرەلەيدۇ، خالىغان ۋاقىتقىچە قازاقىستاندا قالالايدۇ.بىراق قازاقىستان ھۆكۈمىتى، خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ بۇ دۆلەتكە چىقىپ قالغان ھەتتا، بۇ دۆلەتتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسى تەرىپىدىن قوغدىنىش كارتىسى بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىمۇ تۇتۇپ خىتايغا تاپشۇرۇپ بەردى. خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئۇيغۇرلار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ تۈرۈپ، غەرب دۇنيا جامائىتىنىڭ نارازىلىقلىرىغا قارىماي ھەر قېتىم قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى تەكرار، تەكرار خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى. ۋەتەندە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر كۆزىدىن قان، بىر كۆزىدىن ياش ئېقىۋاتسا، قازاق قېرىنداشلىرىمىز «خۇدايىم بىزنى ئۇيغۇر قىلىپ ياراتمىغانغا شۈكرى قىلايلى.» دىيىشىپ بەخىرامان يۈرۈشتى. قاچانغىچە؟ 2017- يىلى 1- ئاپرىل كۈنى خىتاينىڭ [2]«دىنى ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىش» قانۇنى ئىجرا قىلىنغۇچە. 1- ئاپرېلدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىنى ئۇچۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيەت قېلىچى قازاقلارنىڭ بېشىدىمۇ پۇلاڭلاشقا باشلىدى.

قازاق دىنىي ئەربابلار تۈرمىگە تاشلانماقتا

بۇ يىل 4- ئايدا چىتەي (گۇچۇڭ) ناھىيىسىنىڭ مەسچىت ئىمامى [3]رىزات ئىرىسقات «جىنازا نامىزىدا قۇرئان تەبلىخ قىلىش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىندى. يەنە بۇ ناھىيدە قولغا ئېلىنغان ئادال كەنجىباي «قازاقىستاننىڭ مىللىي سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى. سوت داۋام قىلىۋاتىدۇ. مورى ناھىيىسىدىكى بۈيۈك جامىنىڭ ئىمامى [4]ئاقنىيەت موللا 4- ئايدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن «تۈرمىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى» دەپ ئۆلۈكىنى تاشلاپ بەرگەن. بىراق جىنازا نامىزىنى قىلغىلى قويماي كۆمدۈرۈۋەتكەن. ئاقنىيەت موللا خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تاللىنىپ ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنىستۇتىدا ئوقۇتۇلغان، خىتايغا سادىق بىر دىنىي زات بولىشىغا قارىماي، ئۇنىڭ قازاق جامائىتى ئارىسىدىكى ئابىرويىدىن قورقۇپ يوقىتىۋەتكەن. يەنە 4- ئايدا ئالتاينىڭ قابا ناھىيىسىدىكى بىر مەسچىت [5]ئىمامى ئوقان«دىنى ناخشا، مۇزىكىلارنى تارقىتىش» جىنايىتى بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قارمىقىدىكى بايانداي قازاق يېزىسى ئىمامى ئوبۇل ئاخۇن «قازاقىستان دىنى قانۇنىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ساقلاش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ 8 يىللىق كېسىلگەن. جېمىنەي ناھىيىسىدىن نىڭشاغا كېتىپ قۇرئان كۇرسىدا ئوقۇۋاتقان [6]سەلتەنەت مۇرات بىلەن ئالتۇنگۈل كەنجىبولات ئىسىمدىكى ئىككى ئوقۇغۇچى قىز 28- ئاپرىل نىڭشادا قولغا ئېلىنىپ جېمىنەي ناھىيىسىگە ئېلىپ كېلىنىپ تۈرمىگە سولاپ قويۇلغان. قاراماي ۋە مايتاغدا 2017- يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى [7]قابىيات بايمۇرات (47 ياش)، كەنجىتاي دۈشەن (49 ياش) … قاتارلىق 10 نەپەر قازاق  «ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە ناماز قىلىش، روزا تۇتۇش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان. ئىلى، چۆچەك، ئالتاي، سانجى، قۇمۇل قاتارلىق قازاقلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋىلايەت تەۋەسىدە قازاق دىنىي ئەرباپلارنى ۋە قۇرئان كۇرسىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنى تۇتۇش ئومۇميۈزلۈك داۋاملاشماقتا.

قازاقلارنىڭ پاسپورت ۋە يېشىل كارتلىرى يىغىۋېلىنماقتا

ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يېغىۋېلىش دولقۇنى چىن چوۋەنگونىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارلىقىغا قويۇلغان 2016- يىلى 29- ئاۋغۇست كۈنىدىن كېيىنلا باشلانغان ئىدى. پاسپورتلىرىنى تاپشۇرمىغان ئۇيغۇرلار ئېغىر جازاغا ئۇچرايتتى. قازاقىستانغا قاتنايدىغان يولۇچى پويىز، ئاپتوبۇس، ئايرۇپىلانلاردا خىتايلار بىلەن قازاقلار تولۇپ ئولتۇرىدىغان، ئۇيغۇرلار كۆرۈنمەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى. خىتايلار قازاقىستاننىڭ چوڭ ھەجىملىك تىجارىتىنى مونوپول قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار كېيىم- كېچە، ئاياق كىيىمى، رەخچىلىك، ئېلېكتىرونلۇق ماللار… قاتارلىق كىچىك ھەجىمدىكى تىجارەتتە ئورتا ئاسىيانىڭ بازىرىدا بەلگىلىك ئورۇن ئىگىلەپ كەلگەن ئىدى. ئۇيغۇرلار پاسپورتسىز قالغاندىن كېيىن، بۇ بازارنى قازاق قېرىنداشلىرىمىز ئىگىلىدى. چۈنكى، قازاقىستان يېشىل كارتى بولغان 300 مىڭ قازاق ئۈچۈن ھېچقانداق توسالغۇ يوق ئىدى. قولىدا خىتاي پاسپورتى بولغان قازاقلارمۇ ئۈرۈمچىدە قۇلاي ۋىزا ئالالايتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ تارتقان زىيىنىدىن قازاقلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈش ئەلۋەتتە خىتاينىڭ«ياۋايىلارنى كاللا سوقۇشتۇرۇپ ئاجىزلىتىش» تارىخى تاكتىكىسىنىىڭ دەۋرىمىزدىكى داۋامى ئىدى. 2017- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ «مەن مۇسۇلمان. ئەمما ئۇيغۇر ئەمەس» دېيىش تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا، ساقچىخانىلاردا، مېھمانخانىلاردا، مەسچىت دەرۋازىلىرىدا ۋە باشقا رەسمى ئورگانلاردا ئاقمايدىغان بولۇپ قالدى. ھازىر قازاق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بەزىلىرى گاڭگىراپ قالغان بولسا، بەزىلىرى خىتايغا بولغان غەزىپىنى يوشۇرالمايۋاتىدۇ.

تارىختا ئۇلۇغ تۈركىستاننىڭ تەقدىرى ئوخشاش بولمىدىمۇ؟

قازاق زىمىنلىرىنىڭ چاررۇسيە تەرىپىدىن ئىىشخال قىلىنىش قەدىمى 1730- يىللاردا باشلانغان ئىدى. قازاقلارنىڭ رۇس زۇلۇمىدىن شەرقى تۈركىستانغا كۆچۈش تارىخىمۇ بۇ يىللاردا باشلانغان. رۇسلارنىڭ غەربىي تۈركىستاننى ئۇمۇمىيۈزلۈك ئىشغال ھەرىكىتى ۋە كېڭىيىشى قازاقىستاننى بازا قىلىش ئارقىلىق باشلانغان. 19- ئەسىرنىڭ ئورتىلىرىدا رۇسلار، قوقەنت، بۇخارا، خىيۋە خانلىقلىرى ۋە ئەڭ ئاخىرقى قازاق خانلىقى زېمىنلىرىنى ئارقا ئارقىدىن ئىشخال قىلدى. بۇگۈنكى كۈندە شەرقى تۈركىستان زېمىنىدا ياشاۋاتقان قازاق، قىرغىز، ئۆزبەگ، تاتار ۋە تاجىكلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇ زامانلار رۇسلاردىن قېچىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتقان قېرىنداشلىرىمىزدۇر. ئۇيغۇرلار، بېشىغا ئېغىر كۈن كەلگەن بۇ قېرىنداشلىرىنى باغرىغا باستى، ئىككى نېنى بولسا بىرىنى، ئىككى كۆينىگىنىڭ بىرىنى ئۇلارغا بەردى. يايلاق بەردى، تېرىلغۇ يەر بەردى. ئۇلارنى يەكلىمىدى، يان كۆز بىلەن باقمىدى. چۈنكى بىز قان، جان، تىل، دىن قېرىنداشلار ئىدۇق.

قېرىنداش قازاق خەلقىنىڭ شۇ تارىخى ۋەقەلەردىن خەۋىرى بارمۇ؟

قېرىنداش قازاق خەلقىگە، بولۇپمۇ قازاق تارىخچى ۋە قازاق زىيالىلارغا شۇ نۇقتىنى ئەسلىتىپ ئۆتمەي تۇرالمايمەن: 1863- يىل شەرقى تۈركىستاننىڭ جەنۇبى ۋە شەرقىدە ئۈرۈمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زېمىنلاردا ياقۇپبەگ قەشقەرىيە دۆلىتى قۇرۇلدى. 1864- يىلى ئىلى رايونىدا ئىلى سۇلتانلىغى دۆلىتى قۇرۇلدى. ھەر ئىككى ئۇيغۇر ھاكىمىيىتى بىرلىشىش يولىدا دىئالوگ قىلىۋاتقان زامانلار ئىدى. رۇسلارغا يېڭىلگەن [10}قازاق خانلاردىن تازەبېك تۆرە ئۆز قەبىلىسىدىن 1000 ئەتىراپىدا ئائىلە بىلەن ئىلى سۇلتانلىغى زىمىنلىرىغا قېچىپ كەلدى ۋە ئىلى سۇلتانلىغىدىن سىياسى پانالىق تىلىدى. تازابېك تۆرەنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلگەن رۇسلار دەرغەزەپ ئىدى. چار رۇسيە پادىشاھى، ئىلى سۇلتانلىغىغا [11]ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، 1871- يىلى 3- مايدىن بۇرۇن تازابېكنى رۇسلارغا تاپشۇرۇپ بېرىش كېرەكلىكىنى، ئەكسى تەقدىردە ئىلى سۇلتانلىغى تۇپراقلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ تازەبېك ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىلى سۇلتانلىغىنىڭ دۆلەت رەئىسى ئەلاخان سۇلتان دەرھال مىنىستىرلار كابىنېتنى يېغىنغا چاقىردى ۋە رۇسلارنىڭ ئۇلتىماتۇم مەكتۇپىنى مۇزاكىرىگە قويدى. مىنىستىرلار كابىنىتىدىن، ئىلى سۇلتانلىغى دۆلتىىدىن سىياسى پانالىق تىلىگەن قان، دىل، دىن قېرىنداشلىرى بولغان قازاقلارنى ۋە ئۇلارنىڭ خانى تازەبېكنى، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان رۇسلارغا تەسلىم قىلماسلىق، ئۇرۇشقا ھازىرلىق قىلىش قارارى چىقتى. قارارنىڭ ئاقىۋېتى نىمە ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن ئىنىق بىلەتتى. شۇنداقتىمۇ بۇ قارار يېزىلىپ، سۇلتاننىڭ ئىمزاسى قويۇلۇپ رۇسلارغا ئەۋەتىلدى.

ئىلى سۇلتانلىغى دۆلىتى ئاسمىنىدا قارا بۇلۇت ئەگىشكە باشلىغان ئىدى. ئىلى سۇلتانلىغىنىڭ سادىر پالۋان باشچىلىقىدىكى مىللىي ئارمىيىسى ۋە تازەبېك قىسىملىرى ئۇرۇش تەييارلىغىغا جىددى تۇتۇش قىلدى. 1871- يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى {12]چار رۇسيە ئارمىيىسى ئىلى سۇلتانلىغى زېمىنغا ھۇجۇم باشلىدى. بىراق رۇسلار ھېچ تەخمىن قىلمىغان قارشىلىققا ئۇچرىدى ۋە ئېغىر چىقىم تارتتى. رۇسلار تەكرار قوشۇنلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، ياردەمگە كەلگەن ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە 5- ئاينىڭ 22- كۈنى قايتا شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتتى. ھەر ئىككى تەرەپتىن كۆپ ساندا ئەسكەر ۋە ئات ئۆلدى. ئۇيغۇرلار پەۋقۇلئاددە قەھرىمانلىق كۆرسەتتى. رۇسلارنىڭ قولىدا زامانىۋى توپ- زەمبىرەك، مىلتىق، قىلىچلىرى بار ئىدى. قوماندانلىرى ئۇرۇش ئىستىراتىگىيەسىنى پىششىق بىلىدىغان تەجرىبىلىك گېنېراللار ئىدى. رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش تەجرىبىسى بار ئىدى. كەيپىياتى يۇقىرى ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا ئۆزلىرى ياسىغان ئوۋ مىلتىقى، چۇماق، كالتەك، ئۆزلىرى ياسىغان قىلىچ، نەيزىلەر بار ئىدى. شۇنداقتىمۇ رۇسلارنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇر يېزىسىنى ئېلىشى بۈيۈك چىقىم بەدىلىگە كەلدى. قورغاس، سۈيدۈڭ يوللىرى شېھىت بولغان ئۇيغۇر قىز- يىگىتلەرنىڭ جەسەتلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەچكە، رۇس گېنىراللىرىنىڭ پەيتۇن، مەپىلىرى، زەمبىرەك سۆرەيدىغان ھارۋىلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن جەسەتلەرنى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېرىق، ئۆستەڭلەرگە تاشلاپ ئىلگىرلىدى. ئېرىق، ئۆستەڭلەر قانچە كۈنلەپ قىزىل رەڭدە ئاقتى. دۆلەت رەھبەرلىرى، قۇماندانلارنىڭ كۆپىنچىسى ۋەتەننى قوغداش يولىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەڭداشسىز قەھرىمانى، ئىلى سۇلتانلىغى دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق قۇماندانلىرىنىڭ بىرسى بولغان سادىر پالۋان مانجۇ- خىتايلارنى ۋەتەندىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن قانداق قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن بولسا، چار رۇس ئارمىيەسىگە قارشى ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن يەنە شۇنداق قەھرىمانلىق بىلەن ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلدى. سادىر پالۋان ئېغىر يارىلىنىپ رۇسلارغا ئەسىر چۈشتى. رۇس ئارمىيىسى 1871- يىلى 6- ئاينىڭ 22- كۈنى ئىلى سۇلتانلىغىنىڭ پايتەختى غۇلجىنى ئىشخال قىلدى. 8- ئاينىڭ ئاخىرغىچە ئىلى رايونى ئاساسەن رۇسلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئۆتۈپ كەتتى.

رۇس گېنېراللار، سادىر پالۋانغا بۈيۈك ھۆرمەت كۆرسەتتى. داۋالاپ ساقايتتى ۋە ئۇنى پەيتۇنغا ئولتۇرغۇزۇپ يېزىسىغا ئۇزاتماقچى بولدى. سادىر پالۋان رۇس پەيتۇنغا ئولتۇرۇشنى رەت قىلدى. پىيادە شەھەردىن ئايرىلدى. سادىرغا يۈزلىگەن تارانچى ھەمرا بولۇپ ئۇنى ئۆيىگىچە بىللە كەلدى. سادىر پالۋان، ۋەتەننى دۈشمەنگە تارتقۇزۇپ قويۇشنىڭ ئازابى ۋە نومۇسى ئىچىدە ھەسرەت چېكىپ شۇ يىلى ئالەمدىن ئۆتتى.

ئۇيغۇر مىللىتى بىر قازاق خاننىڭ ھاياتى ۋە غۇرۇرىنى قوغداپ قېلىشنى، بىر ۋەتەن، بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇدىيىتىدىن ئەلا كۆردى. قان بىلەن يۇغۇرۇلغان ئۇيغۇر، قازاق قېرىنداشلىقى ھەر قېتىمقى بوران- چاپقۇنلاردىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيدى.

چاررۇسىيىسىنىڭ ئاخىرقى نەپىسىنى ئېلىۋاتقان كۇنلەر ئىدى.1916- يىلى چار رۇسيە، غەربىي تۈركىستاندا تارىختا كەم ئۇچرايدىغان [13]مىللىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى. شۇ يىلى 300 مىڭ قازاق، قىرغىز قېرىندىشىمىز شەرقى تۈركىستانغا قېچىپ كىردى. شەرقى تۈركىستاندىكى بارلىق جامى، مەسچىتلەردە ئۇلار ئۈچۈن ئىئانە توپلاندى. چارۋا ماللىرى بارلارغا يايلاق بېرىلدى. ئۆيى يوقلارغا ئۆي بېرىلدى. كېيىم- كېچەك، ئۇزۇق- تۈلۈكلەر تارقىتىلدى. يىتىملەرنى ئائىلىلەر بالا قىلىپ باقتى. قازاق تارىخچى ئا. كۇزېمباي “ئىستورىيا ر.ك” (1998. ئالماتا نەشرى) كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قازاق، قىرغىزلارغا قىلغان ياخشىلىقلارنىڭ ھەددى ھېسابى يوقلىقى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بېرىدۇ.

سىتالىننىڭ 1928- 1932 يىللىرى ئارىسىدىكى يۈرگۈزگەن مىللىي قىرغىنچىلىغى تۈپەيلى 4 يىل ئىچىدە غەربىي تۈركىستاندىن شەرقى تۈركىستانغا قېچىپ كەلگەن قازاق، قىرغىز، ئۆزبەگ، تاتار، تاجىكلارنىڭ سانى 500 مىڭغا يېتىپ بارىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۇلارغا يەنىلا قۇچاق ئاچتى، باغرىغا باستى. بارنى بىللە ئورتاقلاشتى. ئەڭ مۇھىمى ۋەتەنسىز قېرىنداشلار بىلەن ۋەتىنىنى ئورتاقلاشتى.

شەرقى تۈركىستاندا ئەڭ ئاخىرقى دۆلەت قۇرۇلغاندىمۇ ئۇيغۇرلار ھېچبىر قېرىندىشىنى چەتكە قاقمىدى. ھەتتا ھەر ۋاقىت بولغىنىدەك بېشىغا ئېلىپ كۆتۈردى. غۇلجىدا 1944- يىلى قۇرۇلغان شەرقى تۇركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت رەئىسى ئۆزبەگ، باش مىنىستىر ئۇيغۇر، باش ھەربىي قوماندان قىرغىز، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قازاق ئىدى. ئۇيغۇر خەلقى تارىختىن بۇيان ياخشى، يامان كۈنلەرنىڭ ھەممىسىدە قازاق،قىرغىز، ئۆزبەگ، تاتار، تاجىك… قېرىنداشلىرىنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن. ھېچبىر زامان تار مىللەتچىلىك پىكىرىدە بولغان ئەمەس. تۈركىي مىللەتلەر تارىخىدا قەۋملەرنىڭ ئۆزئارا ئۇرۇشقان تارىخى كۆپ بولغان. بىراق تارىختا ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلار ھېچقاچان، ھېچبىر يەردە، ھەرقانداق بىر سەۋەپتىن ئۇرۇشۇپ باققان ئەمەس. ئەمما مۇستەقىل قازاقىستان دۆلىتى ھۆكۈمىتى، خىتاي زۇلۇمىدىن قازاقىستانغا قېچىپ چىقىشقا، قازاق قېرىنداشلارنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولۇشقا مەجبۇر قالغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي تەلەپ قىلدى دەپلا خىتايغا بېرىپ كەلمەكتە. بۇ ئەھۋال بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىدە ساقايماس يارا پەيدا قىلدى.

قازاقىستان دۆلىتى ۋە قازاق قېرىنداشلىرىمىز شۇنى بىلىشى لازىم: يېقىنقى تارىختا غەربىي تۈركىستاننىڭ پاجىئەلىك بۈگۈنى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەتىسى بولغان. دەۋرىمىزدە شەرقى تۈركىستاننىڭ قارا تەلىيى، غەربىي تۈركىستاننىڭ ئەتىسى بولۇش خەۋپى يىلدىن يىلغا كۈچىيىپ بارماقتا. قازاقىستان بىلەن شەرقى تۈركىستان ئارىسىدا 1700 كىلومېتىر چىگىرا بار. بۇ چېگرىدا 300 مىڭ خىتاي ئەسكىرى 8 مىليون پۇخراچە كىيىنگەن قۇراللىق خىتاي كۆچمەن جىم جېت كۆرۈنگەن قىياپەتتە بۇيرۇق كۈتۈپ ياتماقتا. سوۋىت ئىتتىپاقى زامانىدا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ چېگرىغا يىغقان قورال- ياراغلىرى ۋە خىتاي ھازىر ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان زامانىۋى قوراللار قازاق چىگرىسىدا توپلانغان ۋەزىيەتتە. ھەتتا خىتاي 3 ئاي ئالدىدا ئەڭ يېڭى راكىتا سىستىمىسى بولغان دوڭفېڭ-41 نى قازاق چېگرىسىغا ئېلىپ كېلپ قۇراشتۇردى. بۇنى قازاقىستان كۆرۈپ تۇرىۋاتىدۇ.

خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستانلىق قازاقلارغا قىلغان مىللىي ۋە دىنىي زۇلۇمىغا قازاقىستان دۆلىتى بىرنېمە دىيىشكە جۈرئەت قىلالامدۇ؟

خىتاينىڭ سودا مىنىستىرلىكىنىڭ تورىدا، [15]قازاقىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان 400 خىتاي دۆلەت شىركىتىنىڭ تىزىملىكى بار. 2017-يىلى 9-، 10- ئىيۇن كۈنلىرى ئاستانادا [16]شى جىنپىڭ بىلەن نەزەربايېۋ ئارىسىدا 8 مىليارد دوللارلىق 20 توختام ئىمزالاندى. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسى بولغان 4 يىل ئىچىدە نەزەربايېۋ بىلەن 16 قېتىم كۆرۈشتى. 4 يىل ئىچىدە شى، قازاقىستانغا 3 قېتىم كەلدى. نەزەبايەۋ خىتايغا 10 نەچچە قېتىم باردى. خىتاينىڭ كونا سوۋىت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە سالغان مەبلىغىنىڭ 80% تى قازاقىستانغا مەركەزلەشكەن. خىتاي، قازاقىستاننى خام ئەشيا ئامبىرى دەپ قارايدۇ. قازاقىستاننىڭ نەزىرىدە خىتاي پۇل مەنبەسى بولۇپ كۆرۈنىدۇ. شۇڭا خىتاي، ئاستانىنىڭ بۇرنىغا نەپەس ئېلىش ئۈچۈن تاقالغان شلانكىنىڭ ئوكسىگېنى بېيجىڭ دەپ چۈشەنگەچكە «خالىغان ۋاقىتتا ئوكسىگېننى ئۈزۈپ قويىمەن» دېگەن بېشارەتلەرنى قازاقىستانغا قورقماي بېرىپ قويىدىغان بولدى. 23-25 ئىيۇن كۈنلىرى 5- دۇنيا [17]قازاق قۇرۇلتىيى ئاستانادىكى پىرېزىدېنت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلتايدا گىرمانىيەدىن كېلىپ قاتناشقان ۋەكىل ئۆمەرخان ئالتۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى قازاقلارنىڭ پاسپورت، يېشىل كارتىلىرىنى يېغىۋېلىش ئەھۋالىنى ئورتىغا قويغاندا، قۇرۇلتاينىڭ باشقۇرۇۋاتقان نەزەبايېۋ «مېنىڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋىرىم يوق ئىكەن» دىيىشكە مەجبۇر قالدى. ئەپسۇس، ئىككى ھەپتە بۇرۇن شۇ سارايدا نەزەربايەۋ، شى جىنپېڭ بىلەن كۈرۈشۈۋاتقاندا، شەرقى تۈركىستاندا ياشاۋاتقان قازاقلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇم ئەڭ يۇقىرى باسقۇچقا ئۆرلىگەن ئىدى.

قازاق قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ غېمىمىزنى يېمىسە كېرەك يوق. ۋاقتى كەلگەندە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بىز يەنىلا ئۆز ئىشىمىزنى ئۆزىمىز قىلىمىز. ئامما، قازاقىستان دۆلتى ۋە قازاق قېرىنداشلارنىڭ شەرقى تۈركىستاندا خىتايلار كاۋاپ قىلىپ يەۋاتقان قازاق قېرىنداشلىرىغا ئىگە چىقىش مەسئۇلىيىتى يوقمۇ؟ بۇ ھەقتە قازاقىستان دۆلىتىنىڭ سۆزلەيدىغان ئىككى ئېغىز گېپى يوقمۇ؟

مەنبەلەر:

中国要求哈萨克族国民交回护照 数十万人无法与家人团聚

新疆维吾尔自治区去极端化条例

Xitay dairiliri sanjida bir qazaq imamni 7 yilliq qamaq jazasigha buyrughan

新疆哈萨克族阿訇奥坎被判囚10年 阿訇阿克马提被“自杀”

Uyghur élidiki qazaq diniy ölimalarmu siyasiy teqibleshlerge uchrighan

新疆昌吉阿訇热杂提被判7年 甘肃清真寺两女穆斯林被抓

新疆克拉玛依10名哈萨克族人被捕 近百维吾尔族人拒封斋被罚款

新疆伊犁一哈萨克男子网上发帖法院秘密判囚10年

新疆退还扣押哈萨克族人绿卡 逾二十哈萨克族网站被强行关闭

Char rusiyening 1871‏-yili ilini bésiwélishi

沙俄为什么出兵强占伊犁

абилайхан вә әл бирлиğи

13-14. а. күзембай л, е. әбил “история рк“ алматий , 1998-ж. 293.бәт

 

15.нәзәрбайев: хитайниң оттура асияға улинишида қорғас муһим рол ойнидихитай дөләт рәиси ши җинпиң қазақистанда рәсмий зиярәттә болди.

16.在哈萨克斯坦投资的中国企业名单