د ئۇ ق نىڭ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 8 -يىللىقى مۇناسىۋېتى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتىگە چاقىرىقى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2017-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى


شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى ئەڭ پاجىئەلىك قەتلىئاملاردىن بىرى بولغان 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 8 يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆلتۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش، تۈرلىك شەكىللەردە باستۇرۇش، مېڭە يۇيۇش سىياسىتى تېخىمۇ ۋەھشى، بارغانسىرى ۋەھىمىلىك بىر شەكىلدە داۋاملىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 8 يىللىقىنى جىددىي پوزىتسىيەدە خاتىرىلەش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلماقتا.

شەرقىي تۈركىستاندا شېھىد بولغان، خىتاي تۇرمىلىرىدا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەزىل ۋاستىلار بىلەن خارلىنىۋاتقان، مىللىي، دىنىي كىملىكلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، دۇنيادىكى تىپىك ئۈستى ئوچۇق تۇرمىغا ئايلانغان مۇقەددەس ئانا ۋەتەندە ئاھۇ – زار چېكىۋاتقان ئەزىز خەلقىمىز ئالدىدىكى ئىنسانىي، مىللىي ۋە دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى ئادا قىلىشنىڭ بىر پۇرسىتى بىزنى كۈتمەكتە.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنى، مىللىي مەۋجۇدلىقىمىزنى تەھلىكىلەرگە ئۇچرىتىۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىنى، ئېتىقادىمىزغا قىلىۋاتقان ھاقارەتلىرىنى، جاھاندا مىسالى تېپىلمايدىغان قانلىق باستۇرۇشلىرىنى دۇنيا جامائىتىگە بىلدۈرۈش، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىزدۇر.

د ئۇ ق 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 8 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋېتى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى تۆۋەندىكى پائالىيەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇرۇشقا چاقىرىدۇ:

1. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائىتى ھازىردىن باشلاپ جىددىي تەييارلىق قىلىپ، 5 – ئىيۇل كۈنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ياكى كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش. قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، سەپلىرىگە قوشۇش. ئاخبارات ساھەسىنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىش.

2. نامايىش ئۆتكۈزۈش ئىمكانى يار بەرمىگەن دۆلەتلەردە 5 – ئىيۇل شېھىدلىرى روھىغا دۇئا – تىلاۋەت قىلىش ياكى شېھىدلەرنى خاتىرىلەش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇش. ئىمكان يار بەرسە، خەلقارالىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ئىلمىي يىغىن ئۆتكۈزۈش.

3. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە، ياۋرۇپا پارلامېنتىغا، ئىسلام دۆلەتلىرى تەشكىلاتلىرىغا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىغا، تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىگە، دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتلىرىغا خەلقارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا 5 – ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىن بۇيانقى خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسەتلىرى توغرۇلۇق د ئۇ ق ھەمدە يەرلىك تەشكىلاتلار نامىدىن مەخسۇس خەت يوللاش.

4. د ئۇ ق نامىدىن ھەرقايسى ئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىغا مەخسۇس خەت ئەۋەتىپ، 5 – ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانلىرى ھەققىدە جاۋاپ تەلەپ قىلىش ۋە بۇ خەتنى خەلقارا مەتبۇئاتلاردا ئورتاقلىشىش.

5. ئۈرۈمچىدە 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نامايىشى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەپتى – بەشىرىسىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان بىر ھەرىكەتتۇر. پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر ئاياللار تەشكىلاتلىرى بۇ كۈننى نامايىش ياكى باشقا پائالىيەتلەر بىلەن چوقۇم خاتىرىلەش.

6. پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار شېھىدلارغا بولغان ھۆرمىتى ۋە بۇ پاجىئەگە بولغان ئىنكاسى سۈپىتىدە ئۆزلىرىنىڭ تور ياكى باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا 5 – ئىيۇل كۈنى ماتەم سىمۋولى (سۈرەتلەرنى قارايتىشغا ئوخشاش) نى ئىپادىلەش. 5 – ئىيۇل كۈنى توي ۋە باشقا مۇراسىملارنى ئۆتكۈزمەسلىك. شۇنداقلا ئۆيلىرىمىزنىڭ دەرىزە ۋە بالكونلىرىغا شەرقىي تۇركىستان بايرىغىنى ئەسىش.

7. ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيانقى ۋەزىيەتنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئاخىرقى بىر يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلىك ۋەھشىي سىياسەتلىرىنى پاش قىلىپ، مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قىززىق نۇقتىغا ئايلاندۇرۇش.

8. ھەر قايسى تەشكىلاتلار پائالىيەت پىلانىنى 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن بۇرۇن دۇق باش كاتىپلىقىغا يوللاپ بەرىشنى ئىلتىماس قىلىمىز.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2017 – يىلى 6 – ئاينىڭ 12 – كۈنى

گېرمانىيە / ميۇنخېن