باستۇرۇش كۈچەيگەنسىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قارشىلىق پائالىيەتلىرىمۇ كۈچىيىدۇ

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى خەۋىرى
2017 – يىلى 21– ماي

ئامېرىكىدىكى خادسېن تەتقىقات ئورنى(Hudson İnstitute) يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان – ت)دىكى باستۇرۇشلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رادىكال پائالىيەتلىرى ھەققىدە بىر ئىلمىي مۇھاكىميە يىغىنى ئۆتكۈزدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان «پۇقرالار كۈچى»نىڭ قۇرغۇچىسى ياڭ جيەنلى يىغىندا سۆز قىلىپ، ھەتتا مۆتىدىل قاراشتىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشلىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيەسى، ناھايتى ئېنىقكى ئەڭ مۆتىدىل ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىمۇ باستۇرۇش ئارقىلىق تەڭشىگەن ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇلارنىڭ تېخىمۇ رادىكال ئۇسۇللارنى قوللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئارقىدىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ ۋەھشىي، ئومۇمىيۈزلۈك بولغان باستۇرۇش ۋاستىلىرىنى قوللىنىشىغا باھانە ئىزدىگەن.»

ئۇ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىغا كۆۋرۈك سېلىشقا تىرىشقان مۆتىدىل قاراشتىكى ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختىنىڭ دىلوسىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئىلھام توختى 2014- يىلى 9- ئايدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئىلھام توختى ئىلگىرى خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، شۇنداقلا «ئۇيغۇر بىز» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىدى. ئىلھام توختى ئاساسلىقى شىنجاڭ رايونىدىكى كىرىم پەرقى ۋە ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان. ئىلما توختى ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر بىز» تورىنى قۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشغا ياردەم بېرىش، شۇنداقلا خىتايلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. لېكىن، خىتاي دائىرىلىرى ئىلھام توختى «ئۇيغۇر بىز» تورىدىن پايدىلىنىپ مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلغان دەپ بېكىتتى.

باستۇرۇش ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ رادىكاللاشتۇردى

شان روبېرتس(Sean Roberts) ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پىروفېسسورى بولۇپ، ئۇ 1990- يىللاردىن باشلاپ مەخسۇس ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلغان. ئۇ ئىلمىي مۇھاكىميە يىغىنىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشى كۈچەيگەنسىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنىڭمۇ بارغانسىرى كەسكىنلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش» ئۇيغۇر خىتاي زىددىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى

شان روبېرتس ۋە ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پىروفېسسورى قىلىچ قانات بىردەك ھالدا، ئامېرىكىدا 2001- يىلى يۈز بەرگەن 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان زىددىيىتىنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشنى بىر پۇرسەت دەپ بىلىپ، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بارلىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى خەلقئارالىق تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇش رامكىسىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇندى.

قىلىچ قاناتنىڭ ئېيتىشىچە، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش نامىدا شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش پەقەت ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە توقۇنۇشنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇر خىتاي ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى زىددىيەتكە ئايلاندۇردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ توقۇنۇشنىڭ شەكلىدە غايەت زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. بۇندىن بۇرۇن، بۇ بىر مىللەت بىلەن خىتايلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دۆلەت ئارىسىدىكى ئۆچ – ئاداۋەت بولۇپ، مىللەت بىلەن دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىدى. لېكىن 11- سېنتەبىردىن كېيىن، خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا ھەر خىل تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلار مىللىي مەسىلىنى جىنايى ئىشلار مەسىلسىگە ئايلاندۇردى. 2009- يىلىدىكى 5- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، بىز بۇنىڭ ھەقىقەتەن مىللەتلەر ئارىسىدىكى بىر توقۇنۇشقا، بىر مىللەتنىڭ باشقا بىر مىللەتكە بولغان ئۆچ – ئاداۋىتىگە ئايلانغانلىقىنى كۆردۇق.»

روبېرتسنىڭ دېيىشىچە، ب د ت ۋە ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭدا مۇستەقىل بىر ئىسلام دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى»نى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشى، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

شىنجاڭ مەسىلىسى قانداق ھەل قىلىنىشى كېرەك؟

روبېرتسنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىياغا كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى بارغانسىرى مۇرەككەپلەشكەن. ئەگەر داۋاملىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىلسا، ئۇيغۇرلارنىڭ رادىكال پائالىيەتلىرىنى كەسكىنلەشتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى مۇقىمسىزلىق ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرىۋېتىدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۇيغۇرلار بىلەن مۇرەسسەلىشىدىغان بىر خىل سىياسەت يولغا قويۇشى لازىم، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاھىدە ئورنى ئېتىراپ قىلىنىشى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىدارە قىلىنىشىدا ئۇيغۇرلار ئاۋازىنى تېخىمۇ بەكراق چىقىرالىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۆلەتلىرى خىتايغا بېسىم چۈشۈرىشى كېرەك، چۈنكى شىنجاڭ مەسىلىسى پەقەت رايون بىخەتەرلىكىگىلا ئەمەس، ھەتتا پۈتكۈل يەرشارى بىخەتەرلىكىگە يۇشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.»

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بېسىم چۈشۈرۈشىدىكى باشقا بىر سەۋەب بولسا، خىتاينىڭ تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ مەنبەسى ئامېرىكا باشلىغان تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشتىن كېلىپ چىققان، مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، ئامېرىكا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىدە بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

قىلىچ قاناتنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى جەريانىدا ھەقىقەتەن كەمسىتىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى لازىم، يەنە كېلىپ، بىر مىللەتنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قاراش، پەقەت ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدۇ.

تەرجىمىدە: تۈركىستان ۋاقتى