«ئۇيغۇرلارنى بوزەك ئېتىش»: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى خورلىشى دىققەت قوزغىماقتا (1)

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 12– ماي

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان دىنىي ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرى، بولۇپمۇ يېقىندا ئېلان قىلىنغان دىنىي ئىسىملارنى چەكلەش قاتارلىق بىرقىسىم تەدبىرلىرى خەلقئارا مەتبۇئات ساھەسىدە كۈچلۈك ئەكس تەسىر قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان ماقالىلەردە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىلدىكى دىننى چەكلەش ئۇرۇنۇشلىرى «ئۇيغۇرلارنى بوزەك ئېتىپ، مۇسۇلمانلارنى خورلاش» دەپ تەسۋىرلەنمەكتە.

خىتاي ئاخباراتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ھازىر جىددىي يولغا قويۇۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنىڭ قانات يېيىشىغا ئەگىشىپ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بىلەن بولغان باغلىنىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە بازىلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ تېخىمۇ زور قىممەتكە ئىگە بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ھەمدە ئىسلام دىنى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇۋاتقان بىر قىسىم سىياسەتلەر بولسا، بۇ خىل «قىممەت» بىلەن باراۋەر يوسۇندا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. بولۇپمۇ بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇر بوۋاقلارغا مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇشنى، ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن ساقال قويۇۋېلىشىنى، ئاياللارنىڭ ھېجابلىنىشىنى مەنئى قىلىش مەزمۇنلىرى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

مۇشۇ مەسىلە ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرنىڭ بىرى «ئىقتىسادشۇناسلار» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دېگەن نامدا يولغا قويۇۋاتقان، شۇنىڭدەك ئىسلامى كىملىكنى رەت قىلىشنى ئاخىرقى نىشان قىلغان تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى «ئۇيغۇرلارنى ئاشكارا بوزەك قىلىش» دەپ ئاتىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇنى «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى خورلىشىدىكى پەۋقۇلئاددە ئۇسۇللار» دەپ تەسۋىرلىگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق قول سىياسەتلىرى ئىچىدە ھەج قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىش، ئوقۇغۇچىلارنى رامىزان تۇتۇشتىن توسۇش، ئىسلامى شەكىلدىكى كىيىم-كېچەكلەرنى چەكلەش، ھېجابلىق ئاياللارنى ئاپتوبۇسلارغا چىقارماسلىق، 18 ياشتىن كىچىكلەرنى مەسچىتكە كىرگۈزمەسلىك قاتارلىقلار ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىكەن. چۈنكى، ھۆكۈمەت تەرەپ مۇشۇ ئامىللارنى چەكلىمىگەندە، ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي كىملىكنىڭ ياشلارنى ئەسكىرىي يولىغا باشلاپ قويۇشىدىن ۋايىم يېمەكتە ئىكەن.

گېرمانىيەدىكى «ياۋروپا مەدەنىيەت ۋە تېخنىكا ئىنستىتۇتى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادريان زېنز (Adrian Zenz) خىتايدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسى بويىچە ئىزدەنگەن ئالىملارنىڭ بىرى. ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ مۇشۇنداق غۇلغۇلا بولغۇدەك بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇنىڭدىكى ئالدىنقى يېتەكچى ئىدىيىنىڭ خىتايدىكى «ئاز سانلىق» دەپ ئاتىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يوق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كىملىكىنى قايتا لايىھەلەشتە ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «شۇنداق، مېنىڭچە بۇنىڭ يىلتىزىنى خىتاينىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك بولغان نوپۇس قۇرۇلمىسىنى قانداق ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى چۈشەنچىسىدىن ئىزلەشكە بولىدۇ. بۇ ھازىر نېمىدىن بېشارەت بېرىۋاتىدۇ دېسىڭىز، خىتاي ھازىر ئىجتىمائىي نۇقتىدىن ئالغاندا خىتاي دۆلىتىدىكى خەلقنى، بولۇپمۇ سان جەھەتتە ئاز سانلىق بولغان مىللەتلەرنىڭ روھىيىتىنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىشقا بەكرەك تىرىشىۋاتىدۇ. دەرۋەقە بۇنىڭغا خېلى ئۇزۇن بولۇپ قالدى، يەنە كېلىپ بۇ ھال كوممۇنىستلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ئاندىن باشلانغان ئىش ئەمەس. ماۋ زېدۇڭ دەۋرىنى ئالساق، شۇ ۋاقىتلاردىلا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بىرلا قىلىپ يۇغۇرۇۋېتىش خاھىشى سىياسىيلاشقان مائارىپ ئەندىزىسى شەكلىدە باشلانغان. بۇ خىل مائارىپ ئەندىزىسىدە دىننىڭ رولى قاتتىق چەكلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قارايدىغان بولساق، خىتايلار كۆپلەپ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنى ئاتا قىلىش، يەنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىدە كۆپلەپ ۋاسىتىلەرنى ھەدىيە قىلىش ئىستراتېگىيىسىنى قوللانغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ۋە تىبەت رايونلىرىغا كۆپلەپ ئىقتىسادىي ياردەمنى يۆتكىگەن، پۇلنى ئايىماي خەجلىگەن. شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ماددىي جەھەتتە قايسى دەرىجىدە مەردلىك قىلىۋاتقانلىقىنى پۈتكۈل خەلققە كۆرسەتمەكچى بولغان. دەرۋەقە سەرپ قىلىنغان بۇ ئىقتىسادىي ياردەملەر ماھىيەتتە ئادىل تەقسىم قىلىنمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قاتتىق ئامانلىق تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان. ھازىر بولسا بىخەتەرلىك ئۈچۈن كۆپلەپ ئادەم قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ، بىخەتەرلىك بويىچە نازارەت قىلىش مېخانىزملىرى بارلىق ھالقىلارغا سىڭىپ كىرىپ بولدى.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئاشۇ خىل قاتتىق قول سىياسەتلىرى داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلدە 2016-يىلى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئەمەلدارلىققا تەيىنلەنگەن چېن چۇەنگو رايوندا مەۋجۇت بولۇۋاتقان بۇ سىياسىي بۇرۇقتۇملۇقنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقارغان. ئۇ ئالدى بىلەن، ئۆزىنىڭ تىبەت رايونىدىكى «قارشى پىكىرنى يانچىپ تاشلاش» تاكتىكىسى بويىچە، ئالدى بىلەن كىشىلەرنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋالغان. بۇنىڭ بىلەن چەتئەلگە چىقماقچى بولغانلار ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ ماڭالماس بولۇپ قالغان. ئارقىدىنلا رايون تەۋەسىدىكى ئاپتوموبىللارغا ئىز قوغلىغۇچ ئورنىتىپ كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكچى بولغان. ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ بولسا، ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن ساقال قويۇشى، ئاياللارنىڭ ئىسلامى شەكىلدە كىيىنىشىنى مەنئى قىلىش، شۇنداقلا بوۋاقلارغا دىنىي ئىسىملارنى، جۈملىدىن مۇھەممەد، مەدىنە، سادام، يۇلتۇزئاي دېگەنلەرنى ئىسىم قىلىپ قويۇشنى مەنئى قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇشۇ شەكىلدە يولغا قويۇۋاتقان يەرلىك سىياسەتلىرى ھەققىدىكى مۇھاكىمىگە ئىشتىراك قىلغانلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى پېتېر ئىرۋىن بولۇپ، ئۇ «دىپلومات» ژۇرنىلىدا «خىتاي نېمە ئۈچۈن شىنجاڭدا بوۋاقلارنىڭ ئىسمىنى ۋە ساقالنى مەنئى قىلىدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبەت جەريانىدا، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ئۇسسۇللارنى يولغا قويۇشتا ئالدى بىلەن بىر قاتار قانۇنلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قانۇنلاشتۇرۇۋالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن يېقىنقى يەنى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «ش ئۇ ئا ر نىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامى» نىڭ ئاۋازغا قويۇلۇشى ھەمدە ئۇنىڭ ماقۇللىنىشى بىلەن تەڭ دېگۈدەك ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ساقالنى ھەمدە بوۋاقلارنىڭ ئىسمىنى مەنئى قىلىشىغا ئىنچىكىلەپ قارايدىغان بولسىڭىز، تارىخ نۇقتىسىدىن شۇنى بايقايسىز: بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ئۆتكەن يىگىرمە، ئوتتۇز يىل مابەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئاللىقاچان باشلىنىپ بولغان ئىشلاردۇر.»

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى سىياسەتلەر ھەققىدىكى غۇلغۇلىغا، شۇنداقلا ئالاقىدار ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكلىپلىرىگە قارىتا ئىزچىل ھالدا بۇنى «تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» دەپ شەرھلەپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا قارىتا پېتېر ئىرۋىن بۇنى «تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىسى» دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:«ياق. مەن ئۇنداق دەپ قارىمايمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن، ئاشۇ رايوندا راستىنلا مۇشۇنداق تېررور تەھدىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى جەزمەنلەشتۈرگىلى بولۇشى لازىم. ھازىر بىزگە مەلۇم بولغىنى پەقەت ئازغىنە ئۇيغۇرلارنىڭ رايون تەۋەسىدە زورلۇق كۈچى ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىشى، خالاس. ھالبۇكى، چاتاق دېگەندە چاتاقنى قانداق ئوڭلاش، شۇ خىلدىكى چاتاقنىڭ قايتا سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇ ئارقىلىق رايون مىقياسىدا تىنچلىق بەرپا قىلىشنى بىلمەسلىكتۇر. خىتاي ھازىر مۇشۇ خاتالىقنى قايتا-قايتا سادىر قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن باشلانغانلىقىغا قاراش ناھايىتى مۇھىم. كىشىلەرنىڭ دىنىي بېسىم ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولدى. يەنە كېلىپ ئۆتكەن يىگىرمە، ئوتتۇز يىلدا مەدەنىيەت جەھەتتىكى بېسىممۇ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى نارازىلىققا تۇتۇرۇق بولغىلى تۇردى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇنى تېررورلۇقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى توسۇپ قالالايدىغان مۇۋاپىق سىياسەت، دەپ قارىمايمەن.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ خىل سىياسەتلەرنىڭ يەرلىك خەلق ئارىسىدىكى نارازىلىقنى پەسەيتىش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىش رولىنى ئويناۋاتقانلىقى كىشىلەرنى ھەممىدىن بەكرەك تەشۋىشكە سالماقتا ئىكەن.