ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪﺩﻩ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ  ” ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ  ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ”  ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺶ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ مۇراجىئەت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى
2017-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى

ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ،

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺭﻩﮪﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ 2017 – ﻳﯩﻠﻰ 5 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 3 – ﻛﯜﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ” ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ  ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ”    ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ 2017 – ﻳﯩﻠﻰ 7 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21 – ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 23 – ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﺴﺘﯧﺮﺩﺍﻡ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﭽﯩﺶ  ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.

ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﻨﯩﯔ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺭﻩﮪﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺩﯗﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ  ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ   ” ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ  ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ”  ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﺧﯘﺩﺩﻯ 2011 – ﻳﯩﻠﻰ 5 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2 – ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 6 – ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﺍ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ  ” ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ  ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ”   ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﮪﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﯩﻐﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ :

ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺳﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ، ﮪﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ، ﺳﻮﺩﺍ – ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺳﺎﮪﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﻛﯩﻞ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻼﺭ ، ﻳﺎﺷﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻼﺭ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺩﯗﻕ ﻧﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ،  ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﺎﺷﻘﺎ  ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.

ﺑﯘ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮﻯ، ﺗﯜﺭﻙ – ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮﻯ، ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﯞﻩ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ  ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ  ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ  ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻤﯘ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﯞﻩ ﻓﺎﺷﯩﺴﺖ ﺗﯜﺳﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﯧﺮﺭﻭﺭﻯ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ  ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻰ ﮪﻪﻕ – ﮪﻮﻗﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻣﯩﺴﻠﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﭘﺴﻪﻧﺪﯨﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺯ ﻳﺎﺵ  ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺕ – ﭘﻪﺭﻳﺎﺩﻟﯩﺮﻯ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﻟﻪﺭﺯﯨﮕﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺖ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ” ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ” ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﭗ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﻰ – ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺑﻮﺯﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ، ﺧﻮﺭﻟﯩﺸﯩﻐﺎ، ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ، ﻗﯩﻴﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯜﺷﯩﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﯘﻳﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ “ﺩﯨﻨﻰ ﺭﺍﺩﯨﻜﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ”  ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺷﻮﺋﺎﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ  ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻳﯜﺯﻟﯜﻙ ﺟﻪﯓ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﯩﺪﻩﻙ ﮪﺎﻟﻘﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﮪﯩﺒﺨﺎﻧﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪﺩﻩ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ  “ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ  ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ”  ﻧﯩﯔ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﯩﺸﻰ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ   “ﺧﻪﻟﻖ ﺯﻭﺭ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ” ﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﻮﻝ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺴﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ،  ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ،  ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﺑﯘﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ،  ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ  ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﯗﻟﯘﻣﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﺵ، ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ، ﺋﺎﻣﺮﯦﻜﺎ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﻰ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ، ﯞﻩ  ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ، ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﻯ، ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭﻧﻰ  ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻗﻮﺯﻏﺎﭖ، ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﮪﻪﻡ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻰ ﺑﯘﺭﭼﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﺶ، ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﺘﻪ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ  ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﺳﯜﻛﯜﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﻩﻙ ﺑﯩﺰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺭﯤﺋﺎﻟﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻴﻠﯩﻜﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻨﻰ ﺳﯘﻳﻰﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻚ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ  ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯘﺳﯘﺷﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﯘﻳﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ،  ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ، ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﮕﯘﻧﺎﮪ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﮪﯘ ﺯﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ ﻳﻮﻕ،  ﺧﯩﺘﺎﻱ  ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺗﯘﺵ،    ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﮪﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.

ﺑﯘ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ :

– ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ؟

– ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯨﻤﯩﺰ؟

– ﺑﯩﺰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ؟

– ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺯﻭﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﭘﺎﺟﻰﺋﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ؟

– ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﻤﯩﺰ ؟

– ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﯩﻞ ﻳﻮﻝ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ؟

– ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯩﭽﻰ – ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ؟

– ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؟ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ ؟

– ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ؟

– ﺋﯩﭽﻜﻰ-ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﻤﯩﺰ ؟

– ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ؟

– ﺋﯩﭽﻜﻰ – ﺗﺎﺷﻘﻰ ﮪﯘﺟﯘﻣﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ؟

-ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ  ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ؟

ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ.؟

– ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺶ ، ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﺵ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﺳﺘﺎ – ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؟

– ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﭼﻘﯘﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮﻻﺭ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮪﻪﺭﺧﯩﻞ ﻛﺮﯨﺰﯨﺲ ﯞﻩ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﭼﺎﺭﯨﺴﻰ ﻧﯧﻤﻪ ؟

ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪﺩﻩ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ  ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ  “ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ  ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ”    ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ  ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﭼﯚﺭﯨﺪﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﻣﯘﮪﺎﻛﯩﻤﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ

ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﯤﺋﺎﻝ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﺎﺏ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﻳﻮﻝ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺴﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﮪﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺗﺎﭘﯩﻤﯩﺰ . ﮪﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ، ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ، ﮪﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ  ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺷﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻛﯧﯖﻪﺷﻜﻪ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺷﻰ ﯞﻩ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

ﮪﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ :

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ  “ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ  ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﻰ”   ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ

ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ