ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسىنىڭ باياناتى: خىتاي باستۇرۇشلىرىنى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى» نامىدا داۋاملاشتۇرماقتا

 ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى

2017 – يىلى 18 – ئاپرىل

img_thumb

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى خىتاينىڭ يېڭىدىن يولغا قويغان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامنامىسى»نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىبادەتلىرىگە چەكلىمە قويۇش ئارقىلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇققا ئوچۇق ئاشكارا دەخلى تەرۇز قىلىشىغا قارىتا ئەندىشىسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەتلەر، كۆپ تەرەپلىك ئورگانلار ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىدىكى، بولۇپمۇ دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا ئەسكەرتىشكە چاقىرىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 29- مارت ماقۇللىغان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامنامىسى» 1- ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ يېڭى تەدبىرلەر بۇندىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان ئىجرا قىلىنغان قانۇن – نىزاملار، يەنى 2015- يىلى ماقۇللانغان «ش ئۇ ئا ر دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى» ۋە 2016- يىلى ماقۇللانغان «ش ئۇ ئا ر نىڭ خىتاينىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامنامىسى» ئاساسىدا ماقۇللانغان.

ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون بولغان شەرقىي تۈركىستاندا بۇنداق قاتتىق قانۇن – بەلگىلىمىلەرنىڭ ماقۇللىنىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇشىنىڭ قاراتمىلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. بۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى خىتاي باستۇرۇشلىرىنى قانۇن – تۈزۈملەر شەكلىدە قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات باياناتىدا مۇنداق دېدى: «يېڭى نىزامنامە <ئەسەبىيلىكنى> تۈگىتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدەنمىگەن. بۇ رايوندا سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىغا قويۇلغان چەكلىمىلەر  رايوندا جىددىي كەيپىياتنىڭ داۋاملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شۈبھىسىزكى، 1- ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان نىزامنامە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان. بۇ يېڭى نىزامنامە خىتاينىڭ بىر قاتار قانۇن ۋە سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پەقەت زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش ياكى تۈرمىگە كىرىشتىن باشقا تاللاش ئىمكانىيىتى قالدۇرمىغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى. خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بۇ خىل زىيانكەشلىكنى ئەيىبلىشى ۋە خىتاي ئۆزىنىڭ خەلقئارا مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەسكەرتىشى لازىم.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئىبادەتلەر ۋە سۆز ئەركىنلىكىگە دائىر قانۇن – نىزاملىرىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، مەزمۇنى مۈجمەل بولۇپ، دائىرىلەرنىڭ ئۆزلىرى خالىغانچە ئىجرا قىلىشىغا قولايلىق يارىىتپ بەرگەن. يېڭى «ئەسەبىيلكىنى تۈگىتىش» نىزامنامىسىدە، ئاپتونوم رايوندىن باشلاپ يەرلىكلەرگىچە ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلاردا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» گۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇش، ھەر قايسى تاماقلار ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىش، شۇنداقلا نىزامنامىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا قارىتا باھالاش ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

يېڭى نىزامنامىدا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ مەسئۇلىيىتى دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنداقلا، ج خ تارماقلىرى، مائارىپ، سەھىيە، ئەدلىيە، ئاخبارات، مەدەنىيەت، قاتناش ۋە تېلېگرافنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»تىكى مەجبۇرىيەتلىرى كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭدىن بۇ نىزامنامىنىڭ چېتىلىش دائىرىسىنىڭ نە قەدەر كەڭ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالغانىلى بولىدۇ.

يېڭى نىزامنامىنىڭ نۇرغۇن ماددىلىرى بۇندىن بۇرۇنلا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. مەسىلەن، يۈزىنى ئوراش ۋە بىنورمال ساقال قويۇشنى مەنئىي قىلىش بىر نەچچە يىل بۇرۇنلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سىياسەت سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان؛ «مۇسۇلمانچە ئۇقۇمىنىڭ كېڭەيتىۋېتىلىشى» ئاللىبۇرۇن «ش ئۇ ئا ر نىڭ خىتاينىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامنامىسى»دە مەنئىي قىلىنغان؛ ئۇنىڭدىن باشقا توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم مۇراسىملىرى ۋە مىراس ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىش قاتارلىق ماددىلارمۇ ئوخشاش. 17- ماددىسىدا، ئاللىبۇرۇن دۆلەتنىڭ كۈچلۈك نازارەتچىلىكى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىنغان. ئۇيغۇرلار ئاللىبۇرۇن يانفونلىرىنى خالىغانچە تەكشۈرۈپ، «ئەسەبىي مەزمۇنلار»نى كۆرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوبېكتىغا ئايلىنىپ قالغان. ھەتتا، ھۆكۈمەتنىڭ رادىئو، تېلېۋىزىيەلىرىنى كۆرمەسلىكمۇ «ئەسەبىزمنىڭ ئالامەتلىرى» دەپ قارالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى دائىم شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ سەۋەبىنى سىرتقى كۈچكە ئارتىپ قويدۇ، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ سىياسەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ. خىتاي دىنىي ئىبادەتلەر بىلەن «ئەسەبىيلىك»نى ئۆز – ئارا باغلاشنى كۈنسايىن كۈچەپ داۋراڭ سېلىۋاتىدۇ. خىتاي دۆلەت ئاخباراتى شىنجاڭدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ: «شىنجاڭدا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ مەنبەسى بۆلگۈنچىلىك، ئۇنىڭ ئىدىيەۋى مەنبەسى بولسا ئەسەبىزىم» دېگەن سۆزىنى نەقىل قىلغان.

يېڭى چەكلىمە شەرقىي تۈركىستان چېگراسى ئىچىدە ئاللىبۇرۇن يولغا قويۇلغان نۇرغۇن چەكلىمە سىياسەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرغان بولۇپ، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ سالمىقىنىمۇ كۈچەيتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا نىسبەتەن بىخەتەر ۋە مۇقىم مۇھىت يارىتىپ، ئۇنى ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانىنىڭ تۈگۈنى قىلىش خىيالىدا بولماقتا. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، يۇقىرى تېخنىكىلىق ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ بېرىشتىن تارتىپ، ئاپتوموبىللارغا يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ئورنىتىش، دۇكانچىلارنى تېررورىزمغا قارشى مانىۋېرغا قاتناشتۇرۇش، ئۆيمۇ ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، تەستىقتىن ئۆتمىگەن كىتاب ۋە كىيىم – كېچەكلەر قاتارلىق «قانۇنسىز بويۇملار»نى مۇسادىرە قىلىشقىچە بولغان بىر قاتار  سىياسەتلەرنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى شەكىللەندۈرەلىشى ناتايىن.

2017- يىلىدىن بۇيان، خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەققىدىكى سۆزلىرى بارغانسىرى ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرىنى ئېلىشقا باشلىدى. 2- ئايدا قوراللىق ساقچى قىسىم باشئەترىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك كۈچ كۆرسىتىش ئېلىپ بېرىشى، 3- ئايدا شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا بۇ رايوندا «پولات قۇرغان» قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان سۆزلىرى ۋە دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش بىخەتەرلىك يىغىنىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى «خىتاينىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئەڭ چوڭ خىرىس» دەپ  سۈپەتلىشى شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

تۈركىستان ۋاقتى تەرجىمىسى