ۋەتىنىگە قايتقان روھ: مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ ھايات بايانى (4)

ر ف ئا يازمىسى
2017 – يىلى 5– ئاپرىل

husen-hesen-ependi-germaniye

ئۆزبېكىستاندىن قايتىپ، قورغاس ئېغىزىغا كەلگىنىمدە تاموژنىدىكى خىتاي ساقچىلىرى مېنى غۇلجىغا كىرگۈزمىدى. كەينىمگە قايتىپ ئۇدۇل موسكۋاغا باردىم. ئۇ يەردىكى ئاۋسترالىيە ئەلچىخانىسىدىن خەت ئېلىپ، قايتا خىتاينىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا كىردىم. چۈنكى قولۇمدىكى ئاۋسترالىيە پاسپورتىدا خىتاينىڭ ۋىزىسى بار ئىدى. ئۇلار چېگرادىن كىرسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. شۇنداق قىلىپ، ئىككىنچى قېتىم قورغاس ئېغىزىغا كېلىپ چېگرادىكىلەر بىلەن زاكونلاشتىم. ئۇلاردىن موسكۋاغا بېرىپ كېلىشتە كەتكەن يول چىقىملىرىم ئۈچۈن 3000 ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلدىم. بۇ سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى پارچىلىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ۋاقىتلار بولغاچقا خىتاي بىرئاز ئېھتىيات قىلىدىغان ۋاقىتلىرى بولسا كېرەك. ئاخىرى تەلەپ قىلغان تۆلەمنى بېرىپ، مېنى ئىككىنچى قېتىم چېگرادىن كىرگۈزدى.

سىرتقا چىقسام، بىزنىڭ سۇدەرۋازىدىكى مەھەللىمىزدە ئولتۇرىدىغان تاشمەمەت دېگەن كىشى بولىدىغان. ئۇ كىشى ئالدىمغا كېلىپ: «ھۈسەن ئەپەندى، سىزنى بىز ئالغاچ كېتەيلى،» دېدى. مەنمۇ ئۇلارنى قورغاس ئېغىزىغا بىرەر مېھماننى ئۇزىتىپ كەلگەن بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ ماشىنىسىغا چىقتىم. نەدىن بىلەي، ئۇلار ئەسلىدە غۇلجا شەھەرلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن مېنى ئالغىلى چىققان كىشىلەر ئىكەن. مېنى ئۇدۇل ئىلى مېھمانخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ، بىر ياتاقتا بىرقانچە سائەت سوراق قىلدى.

ئۇلار مېنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى پۈتۈن پائالىيەتلىرىمنى بىلىدىغانلىقىنى، مۇھاجىر بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ قېتىم ئېتىبار بېرىپ چېگرادىن كىرگۈزگەنلىكىنى، لېكىن ۋەتەندە پەقەتلا ئىككى ھەپتە تۇرالايدىغانلىقىمنى، بۇ جەرياندا ھەرقانداق ئىجتىمائىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا سۆز قىلسام بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇپ بەردى.

غۇلجىدا بىرقانچە كۈن تۇرۇپ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلەر بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ھۆكۈمەت تەرەپتىن كۆز-قۇلاق بولىدىغان كىشىلەر مېنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئۇ يەردىن پولات ئىسىملىك ئۇيغۇر بالا ماڭا مەسئۇل بولۇپ، مۇھاجىرلار مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشتۇردى-دە، بىر ھەپتىدىن كېيىن بېيجىڭغىچە بىللە بېرىپ، مېنى ئاۋسترالىيەگە يولغا سېلىۋەتتى.

ئاۋسترالىيەگە قايتىپ كەلسەم، ئادېلايد شەھىرىدىكى جامائەت مىللەت ئايرىمىسى بويىچە جەمئىيەت قۇرۇشقا باشلاپتۇ. ئىلگىرى تاتارلارنىڭ بىر جەمئىيىتى بار ئىدى. ئەمدىلىكتە بۇ يەردىكى بىرقانچە ئائىلىلىك ئۆزبېكلەرنى ئاساس قىلىپ ئاۋسترالىيە ئۆزبېك جەمئىيىتى قۇرۇلۇپتۇ. ئەخمەت ئىگەمبەردى رەئىس، ئۆزبېكلەردىن بىرى مۇئاۋىن رەئىس بوپتۇ.

مەن بېرىپلا بۇنداق ئۇششاق مىللىي ئايرىمىلىقنى ئاساس قىلىپ، جامائەتنى بۆلىدىغان ۋە مىللەت ئايرىمىسى بويىچە ئۆز ئالدىغان جەمئىيەت قۇرۇش ئىشىغا قارشى تۇردۇم. چۈنكى مۇستەقىللىقنىڭ ئۇپۇق سىزىقىدا تۇرۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە، بولۇپمۇ ئۆزبېكىستاندىكى سەرخىللەر ئارىسىدا قايتىدىن تۈركىي خەلقلەر ئىتتىپاقى قۇرۇش ۋە تۈركچىلىك ئىدېئولوگىيەسىنى تۇرغۇزۇش ئىدىيىسى ئويغىنىۋاتقان ئىكەن. بۇ ھال ماڭىمۇ كۈچلۈك تەسىر قىلىپ، داۋا يولۇمدا ۋە ئىدىيەمدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولغان ئىدى.

ھارماي-تالماي چۈشەندۈرۈش ۋە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە ئاخىرى ئۆزبېك جەمئىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاۋسترالىيە تۈركىستان جەمئىيىتىنى قۇردۇق. ئەخمەت ئىگەمبەردى يەنە رەئىس بولدى. مەنمۇ جەمئىيەتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە تەپتىشلىكىگە سايلاندىم. بۇ جەمئىيىتىمىزدە ئۇيغۇرلارمۇ، ئۆزبېكلەرمۇ، تاتارلارمۇ بار ئىدى. بىر ئۆيلۈك قازاق بىلەن بىر ئۆيلۈك قىرغىزمۇ بار ئىدى. پۈتۈن پائالىيەتلىرىمىز، ھېيت-بايرام، توي-تۆكۈن ۋە نەزىر-چىراغلىرىمىز بىللە ئىدى. ئارىدىن بىر ئىككى يىل ئۆتۈپ شەخسىي مۇناسىۋەتلەردىكى زىددىيەت تۈپەيلى ئاخىرى بۇ جەمئىيىتىمىز تارقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى.

بۇ يىللاردا مەن نىكاھىدىن ئاجرىشىش، يالغۇزلۇق ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىمىزنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى قاتارلىق بىر قاتار بېسىملار ئىلىكىدە چۈشكۈنلىشىپ كەتتىم….

كېيىن ئادېلايد شەھىرىدىن ئايرىلىپ سىدنېيگە كۆچۈپ باردىم. ئۇ يىللاردا سىدنېيدا بىزنىڭ جامائىتىمىز يوق دېيەرلىك ئىدى. بارى-يوقى بىرقانچە ئائىلىلىك ئۇيغۇر ئىدى. مەن بۇ يەردە يېڭى ھاياتىمنى قايتا باشلاش، چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلۇش، ئىگىلىك تىكلەپ مەۋجۇت ھالىتىمنى ئۆزگەرتىش ھەمدە ۋەتەن ۋە مىللەت ئالدىدىكى بۇرچۇمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تىرىشتىم.

شۇ يىللاردا سىدنېيدىكى بىرقانچە ئۆيلۈك قېرىنداشلارنى جەم قىلىپ، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قۇردۇم. چۈنكى ئىلگىرىكى تۈركىستان جەمئىيىتىمىز پارچىلىنىپ، ئۇيغۇر، تاتار، ئۆزبېك ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مۇھاجىرلارنى توپلاپ بىر گەۋدىگە ئۇيۇشتۇرۇش مۇمكىن بولماي قالغان ئىدى. 1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىپ، چەتئەللەردىكى پۈتۈن قېرىنداشلارنى تەۋرىتىۋەتتى. بىز شۇ يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى سىدنېيدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزمەكچى بولدۇق.

سىدنېيدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار كۆپ بولمىساقمۇ، لېكىن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ نامايىش تەييارلىقىنى جىددىي ئېلىپ باردۇق. ئۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك تەييار بايراقلىرىمىز بولمىغاچقا، ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراق، لوزۇنكا، تەشۋىقات ۋاراقچىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىز ياساپ چىقتۇق. ئويلىمىغان يەردىن شۇ يىلى 19-فېۋرال كۈنى دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرى تارقالدى. بىز نامايىش قىلىپ، سىدنېيدىكى خىتاي كونسۇلى ئالدىغا توپلىنىشىمىزغا ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىغا دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلىش پائالىيىتىگە دۇچ كېلىپ قالدۇق.

مەن قولۇمغا كاناي ئېلىپ سۆزلەۋاتىمەن، يىغلاۋاتىمەن، خىتايغا قارشى شوئار توۋلاۋاتىمەن… سۆزلىرىمنى نەق مەيداندا 3 كىشى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ ئاڭلىتىپ تۇردى. بىزگە ياردەم قىلغانلارنىڭ ئىچىدە تۈرك قېرىنداشلارمۇ، بىزنىڭ ۋەتەنگە بېرىپ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىپ كەلگەن ئاۋسترالىيەلىكلەرمۇ بار ئىدى. نامايىشىمىز ئەۋجىگە چىقىپ ھەممىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدىكى گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلىش مۇراسىمى بىزنىڭ نامايىشنىڭ سۈرەن-چۇقانلىرى ئىچىدە قالدى. نەچچە مىڭ كىشى يىغىلىپ نامايىشنى كۆردى. ھەتتا بەزىلىرى سېپىمىزگە قوشۇلۇپ بىزگە مەدەت بەردى. بۇ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق تەسىرى زور بولغان بىر مەيدان خىتايغا قارشى نامايىش ئىدى.

ئاۋسترالىيەدىكى 3 چوڭ تېلېۋىزىيە قانىلى، ھەرقايسى رادىيو ۋە گېزىتلەرنىڭ مۇخبىرلىرى نەق مەيداندىن خەۋەر تارقاتتى. دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سىدنېيدىكى دىپلوماتىك رەسمىيەتلەر ۋە خەلقئارا سىياسىي ھاۋادىن بۇ قېتىم ئۈنۈملۈك پايدىلاندۇق. ئەسلىشىمچە، بۇ قېتىملىق نامايىشىمىز ئەينى يىللاردىكى غەرب دۇنياسىدا تەسىرى زور بولغان نامايىشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى….

شۇ يىللاردا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇپ ئۆتتى. ھەممىسىگە بېرىپ قاتناشتىم. چەتئەللەردىكى سىياسىي پائالىيەتلىرىمىز جانلىنىشقا باشلىدى. ئاۋسترالىيەدىكى جامائىتىمىزمۇ يىلدىن-يىلغا زورايدى.

1999-يىلى مەن تۈركىيەگە باردىم. بۇ يەردە ئەينى ۋاقىتتا مەن غۇلجىدا ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىم گۈلبوستان بىلەن ئۇچراشتىم. تەقدىر بىزنى بىر كېمىدە مېڭىشقا بۇيرۇپتۇ. گۈلبوستان بىلەن توي قىلىپ يېڭى ھاياتىمنى باشلىدىم. گۈلبوستاننىڭ ئاۋسترالىيەگە كېلىشى ۋە ئىككىمىزنىڭ يېڭى ھاياتىمىزنى باشلىشىمىز ماڭا زور تەسەللى ۋە مەدەت بەردى. مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن بىر تەرەپتىن ئۆزۈم قۇرغان قۇرۇلۇش شىركىتىمنى راۋاجلاندۇردۇم، يەنە بىر تەرەپتىن سىياسىي داۋا يولىدا پائالىيەت ئېلىپ باردىم. بىرقانچە يىللىق تىرىشچانلىقتىن كېيىن شىركىتىمىز تەرەققىي قىلىپ، بىرقانچە مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرى مەبلىغى بولغان بىر شىركەتكە ئايلاندى. ئىقتىسادىي جەھەتتىن شارائىت ھازىرلانغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە ۋەتەن ئىچىدىكى مائارىپ ئىشلىرىغا، خەير-ئېھسان ئىشلىرىغا ھەر خىل يوللار بىلەن ياردەم قىلدۇق. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا، جۈملىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلىرىگىمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولدۇق.

ئومۇمەن، ۋەتىنىمنىڭ بىر سادىق ئوغلى بولۇشتەك باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىم ئالدىدا تىنىمسىز چاپتىم… چوڭ ئىش قىلالمىغان بولساممۇ، ئەمما ھاياتىمنى بىھۇدە ئۆتكۈزمىگەنلىكىمنى، ئىمكانىيىتىمنىڭ بارىچە تىرىشىپ-تىرمىشىپ يول ئىزدىگەنلىكىمدىن خۇشالمەن….

(داۋامى بار)

http://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/husen-hesen-04042017154809.html