ئابدۇۋەلى ئايۇپ: جىم تۇرۇۋېلىش تاكتىكىسى

ر ف ئا يازمىسى
2017-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى

abduweli-ayup-305

2016-يىلى داڭلىق يازغۇچى ۋە تەرجىمان ئۆمەرجان ھەسەن، تور يازغۇچىسى تۇرسۇنجان مۇھەممەت مارشال، يازغۇچى تۇنىياز ئوسمان، تور ساھىبى ئادىل رىشىت، «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسەد، ئوبزورچى يالقۇن روزى قاتارلىقلار قولغا ئېلىندى. بۇلاردىن ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ۋە تۇرسۇنجان مۇھەممەت مارشال ھەققىدە ئايرىم خەۋەرلەر بېرىلگەن بولسىمۇ، قالغانلارغا ئائىت تەپسىلىي ئۇچۇرلار ھېلىمۇ مەتبۇئاتتىن مەخپىي تۇتۇلماقتا ھەمدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ خەۋەرنى مەخپىي تۇتۇش ھەققىدە چاقىرىقلارمۇ ئېقىپ يۈرمەكتە.

ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر بىلەن بىللە تۇتۇلغان، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا «كىملىكى ئېنىقلانمىدى» دېيىلگەن، بوزقىر تورىنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ ئىسمى ئادىل رىشىت بولۇپ مائارىپ نازارىتىدە ئىشلەيتتى. بوزقىر تورى، قاماقتىن چىققىنىمنى تۇنجى بولۇپ خەۋەر قىلغان، يازمىلىرىمنى توختىماي ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. مەن يۇقىرىقى زىيالىيلارنىڭ رەسىملىرىنى، ئەسەرلىرىنى، نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى، نەگە قامالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتىم. ئەمما ماڭا يەتكۈزگۈچىلەر جاھانغا يەتكۈزۈشۈمگە رۇخسەت قىلىشمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرنىڭ پىچاق بىلەن قىلىۋاتقان قارشىلىقى ئالەمگە ئايان بولۇپ، قەلەم بىلەن قىلىۋاتقان كۈرىشى ئەركىن ئاخباراتتىن مەھرۇم، يىراق بوزقىرلارغا كۆمۈلگەن پېتى قالدى.

ماڭا خەۋەر يەتكۈزگۈچىگە ھەر قانچە چۈشەندۈرۈپمۇ مەھبۇسلار ھەققىدە دۇنياغا جاكارلانغان ئۇچۇرلارنىڭ خەۋپلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرەلمىدىم. بۇ مەسىلە ھەققىدە باشقا بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغىنىمدا، ئاشكارىلىماي جىم بولۇۋېلىشنىڭ ئاقىلانىلىك ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. نەتىجىدە ۋەتەندە بىرەر كىشى تۇتۇلۇپ، بىرەر ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەي تەكرارلىنىدىغان «جىم يۈرسە بولمامدۇ؟» دېگەن سۆزنىڭ چەتئەللەردىمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. كىشىلەر ۋەتەن سىرتىدا ۋەتەندىكىدەك «جىم يۈرسە بولمامدۇ؟» دېگەننى تېشىغا چىقىرالمايدىكەن. ئەمما ۋەتەندە كىشىلەرنىڭ جىم يۈرمىگىنىدىن ئاغرىنىپ كۆنگەن كىشىلەر سىرتقا چىققاندا جىم يۈرمەيدىغان ئورگان ۋە كىشىلەرنى «ئۇيغۇرلارنى بالاغا قويۇۋاتىدۇ»، «دوللار ئۈچۈن كىشىلەرنى قۇربان قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلەيدىكەن. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە زۇلۇمنىڭ سىرتقا ئاڭلىنىشى زۇلۇمنى تېخىمۇ ۋەھشىيلەشتۈرۈپ ئۇلغايتارمىش.

يېقىندا ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ «يولۇم ۋە غايەم» ناملىق كىتابى تۈركىيەدە نەشر قىلىندى. تۈركىيەدىكى بىر سورۇندا بۇ ھەقتە گەپ بولۇپ كىتابنىڭ چىقىشى تەنقىدلەندى. تەنقىدچىلەرچە، بۇ ئىلھام توختىنى «تۈركىيەدىكى بۆلگۈنچىلەر بىلەن ئالاقىسى بار» قىلىپ كۆرسىتىش بولۇپ، خەۋپلىك ئىكەن. ھەتتا ئۇلارچە، كىتابنىڭ مۇقاۋىسى كۆك، خەتلەرنىڭ ئاق بولۇشىمۇ خەۋپنىڭ زورىيىشىغا باھانە بولارمىش. ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئىلھام توختى ھەققىدە دۇنيادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈرلۈك نامايىش ۋە باشقا پائالىيەتلەر ئۇنىڭ ھالىنى تېخىمۇ خاراب قىلارمىش. مېنىڭ بۇ يەردە چۈشەنمىگىنىم، ئاللىقاچان تۈرمىگە قامالغان بىر كىشى يەنە قانداق خاراب بولار، يەنە قانداق خەۋپكە قالار؟

مەنچە كىشىلەرنىڭ يۇقىرىقىدەك ئويلاشلىرىغا سەۋەب بولىدىغان بىر قانچە قاراش بار. بىرى، خىتاينى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھەممە ئىشنى بىلىپ تۇرىدۇ، دەپ قاراش. بۇ قاراش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. مەسىلەن، 2016-يىلى تۈركىيەدىكى بىر تەشكىلات تەرىپىدىن ئەرەبچە تارقىتىلغان بىر تەشۋىقاتتا مېنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىم بايان قىلىنىپتۇ. ھەتتا بۇندىن ئۈچ يىللار بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن دىيارىم تورىنىڭ قۇرغۇچىسى دىلشاتنىڭ رەسىمىمۇ مەھبۇسلار تىزىملىكىدە تۇرۇپتۇ. ئەگەر خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيەتلىرىگە دىققەت قىلغان بولسا، يىلدا نەچچە قېتىم ئۆتكۈزىدىغان نامايىشلىرىغا، دۇنياغا تارقىتىدىغان تەشۋىقاتىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلسا ئىدى، يۇقىرىقىلارنى ئالدامچىلىقنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە جاھانغا يېيىپ تەشكىلاتلىرىمىزنى مات قىلغان بولاتتى. شۇڭا خىتاينى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ، مەھبۇسلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئاشكارىلانسا خەۋپلىك دېگەن قاراشتا كۆپتۈرمىچىلىك ئېغىر.

ئىككىنچى خىل قاراش، چەتئەلدىكى سادا ۋەتەندىكى جازانى ئېغىرلاشتۇرىدۇ، دەپ قاراش. مەنچە ئۇنداق بولمايدۇ. ئەگەر سىرتتىكى سادا ئىچىدىكى جازانى ئېغىرلاشتۇرسا ئىدى، دىيارىم تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، «ياۋا كەپتەر» نىڭ يازغۇچىسى، رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى، ئانا تىل ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلمىگەن بولاتتى. ئەمەلىيەتتە يالقۇن روزى، تۇنىياز ئوسمان، ئادىل رىشىت، ئەكبەر ئەسەد قاتارلىق قەلەمكەش زىيالىيلارنىڭ تۇتۇلۇشى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى تازىلاشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئۇلارنى جازالاش كومپارتىيەنىڭ يەرلىك سىياسى-قانۇن كومىتېتىنىڭ يوليورۇقى بىلەن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قانچىلىك جازالىنىشى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسىغا قاراپ بېكىتىلمەيدۇ. شۇڭا جىم تۇرۇۋېلىش جازانى يېنىكلىتەلمەيدۇ.

ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، پۇقرالىق ھوقۇقى، ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى پاكىت. نۆۋەتتە بۇنداق زۇلۇمغا قارشى ئىنكاس ئۇيغۇرلاردا ئاساسلىقى پىچاق ۋە قەلەم بىلەن ئىپادە قىلىنىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا پىچاق بىلەن بىلدۈرۈلگەن ئىنكاس مەتبۇئاتلاردىن ئورۇن ئېلىپ، قەلەم بىلەن، سۆز بىلەن بىلدۈرۈلگەن ئىنكاس مەخپىي تۇتۇلۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى چەتئەلدىكى بىر قىسىملارنىڭ جىم تۇرۇۋېلىش تاكتىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇنى بىلىش كېرەككى، قاماققا مەھكۇملار زالىملىققا سۈكۈتنى، ئادالەتسىزلىككە بىپەرۋالىقنى، زوراۋانلىققا جىم تۇرۇشنى تاللىغان ئەمەس. ئەگەر شۇلار بىزدەك جىم تۇرۇشنى تاللىغان بولسا ئىدى، قاماققا مەھكۇم قىلىنمىغان بولاتتى. شۇڭا چەتئەللەردە جىم تۇرۇش تاكتىكىسىنى ياقلاپ پىكىر بايان قىلىۋاتقانلاردىكى كەيپىيات ۋەتەندىكى «جىم يۈرسە بولمامدۇ؟» دېگەن زەيپانە قاقشاشنىڭ داۋامى بولۇپ، ئۇلار قاماقتىكى مەھبۇس ئەزىمەتلىرىمىزدىن ئەمەس، ئەركىنلىكتىكى ئۆزىدىن بەكرەك ئەنسىرەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

http://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/jim-turuwelish-03072017161641.html