ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى: «بىر بەلۋاغ، بىر يول سىياسىتى» ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلمىغان

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 10 – مارت

5d11030f-e47f-4f11-a3d8-7dcbcaab28ad

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بېيجىڭدا چاقىرىلغان ئىككى قۇرۇلتىيىغا ئائىت خەۋەرلەردە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ غەربكە ئېچىلىدىغان دەرۋازىسى بولۇشى سۈپىتى بىلەن مەزكۇر ئىستراتېگىيىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئورۇنلارنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا زور مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مەخسۇس دوكلاتىدا بۇنى رەت قىلىپ، بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چەتكە قېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دۈشەنبە كۈنى «يولنىڭ ئاخىرى : بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيەسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادتا چەتكە قېقىلىشىنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ مېڭىشى» ناملىق بىر يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى. بۇ دوكلات دەل بېيجىڭدا چاقىرىلىۋاتقان ئىككى يىغىنىدا خىتاي رەھبەرلىرى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قاتتىق تەكىتلەۋاتقان، شۇنداقلا قۇرۇلتايغا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسى» نىڭ ئۆزلىرىگە ئەپ كېلىدىغان پايدىسىنى قىزغىن مۇنازىرە قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئالدىنقى كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋەكىللىرىنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ پىلاننىڭ چېگرا رايونلارغا غايەت زور نەپ ئەپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقانلىقىنى داۋراڭ قىلغان. ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئەكسىنى سۆزلىمەكتە. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى 47 بەتلىك دوكلات ئارقىلىق بۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئىقتىسادىي جەھەتتىن چەتكە قېقىلىشىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنىڭمۇ ئىلگىرىلەپ دەپسەندە قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز بۇ دوكلاتنىڭ تەييارلىغۇچىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكىنى زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭدىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىدۇق. ئۇ سۆزىدە، شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنى ئۇيغۇرلارغا نەپ ئېلىپ كەلمەيدۇ، دەپ قاراشتىكى سەۋەب ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختالغاندا بىز ئالدى بىلەن بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسىدە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قانچىلىك نەرسە بار دېگەنگە قارىدۇق ۋە بىز بۇ يەردە ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە چېتىلىدىغان ياكى ئۇيغۇرلارنى ئالاقىدار قىلىدىغان ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پىلانغا بىۋاسىتە قول تىققانلىقىغا ئائىت ھېچبىر نەرسە كۆرمىدۇق. مەسىلە مانا مۇشۇ يەردە. ئۇيغۇرلار ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشتۇرۇلمىغان بۇنداق بىر ئىستراتېگىيە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭلا مەنپەئەتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئىككىنچىسى، بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېڭى بىر نەرسە ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن ئىلگىرىمۇ، مەسىلەن، 1992-يىلىدا غەربىي شىمالنى ئېچىش، 2000-يىلىدا غەربنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، 2010-يىلىدا «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى»نى ئېلان قىلغان ۋە ئەمدىلىكتە «بىر يول بىر بەلۋاغ» ئىستراتېگىيىسىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. پۈتۈن بۇ پىلانلار ئوتتۇرىغا قويۇلغىلى 27 يىلدىن ئاشتى، ئەمما بۇ يىللار جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرگىنى پەقەت يەنىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەن، تەبىئىي بايلىقلارنىڭ شىددەت بىلەن ئېچىلىشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن يەنىمۇ كۆپ چەتكە قېقىلىش بولدى. جۈملىدىن بۇ سىياسەتلەر ھەممىسى پارتىيە ئۈچۈن، دۆلەت ئۈچۈن ۋە جۈملىدىن خىتايلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. شۇڭا بۇ بىر يېڭى نەرسە ئەمەس دەيمىز.»

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ «بىر يول بىر بەلۋاغ» ئىستراتېگىيىسى ئەگەر ئىشقا ئاشقان تەقدىردە خىتايغا زور كۈچ قاتىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قانچىلىك پايدىسى بار، دېگەن مەسىلىگە كەلگەندە ئوخشاش سۆزنى قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ھەرخىل ناملار ئاستىدا يولغا قويۇۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىياسەتلىرىگە قارىماي، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامراتلىق مەسىلىسى يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتىنىڭ 2016-يىلى 23-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاينىڭ شەرقىي رايونلىرىدا نامراتلىق نىسبىتى 8.1 پىرسەنت، غەربىي رايونلىرىدا 10 پىرسەنت، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى نامراتلىق نىسبىتىنىڭ بولسا 12 پىرسەنتتىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئىكەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ ھەقتە توختىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە نۇرغۇن خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردۇق، دەپ ماختانسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ھەممە مىللەتلەرگە قارىتا ئادىللىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدە بىر نېمە دېيىشتىن ئۆزىنى تارتماقتا» دەپ يازغان.

ئۇنداقتا، مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ سىياسەتلەرنىڭ يەرلىكتە قانداق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىدىن، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن يەرلىكتىكى ئۇيغۇرلارغا نەپ بەرگەن-بەرمەيۋاتقانلىقىدىن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋىرى يوقمۇ ياكى ئۇلار بىلىشنى خالىمامدۇ؟ مەسىلە زادى نەدە؟ ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، چىققان نەتىجىگە قاراپ تۇرۇپ باھا بەرگەندە، بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نەپ يەتكۈزۈش ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقىقەتەن مۇھىم بىر سوئال. ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۈستىدە ئويلانماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسەتلەرنى زادى نېمىنى ئويلاپ تۇرۇپ ئىجرا قىلدى؟ مەقسىتى نېمە ئىدى؟ ئەلۋەتتە بىز ئۇلارنىڭ نىيىتىنى بىلەلمەيمىز. ئەمما سىياسەتلەردىن چىققان نەتىجە ئېتىبارى بىلەن قاراپ تۇرۇپ باھا بەرگىنىمىزدە، بۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانلىرىنىڭ ئەسلىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ يولغا قويۇلمىغانلىقى ئېنىق. ئۇ ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى يىپەك يولى ئىستراتېگىيىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قوشنا رايون ۋە دۆلەتلەردىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇش، ئۇ يەردىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان. خىتاي بۇ پىلاندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيىسى يەنى زېمىننىڭ مۇھىملىقىدىن سۆز ئېتىۋاتىدۇ. ئەمما، ئۇ زېمىندىكى خەلقنى تىلغا ئالمايۋاتىدۇ. جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەردە پەقەت ئۆز مەنپەئەتى ۋە ئۆز نىشان-مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭلا كويىدا.»

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي ئۈچۈن بىر يول بىر بەلۋاغ ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىكى ھالقىلىق ئورۇن بولغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىملىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تونۇپ يېتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندىمۇ سۆزىدە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن ئۆزى تەشۋىق قىلغاندەك بۇ سىياسەتتىن ئۇيغۇر قاتارلىق چېگرا رايون خەلقلىرىگە نەپ بېرىمەن دەيدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ ئىستراتېگىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ: «مەن ھەر قېتىمقى سۆزۈمدە يەرلىكتىكى سىياسەتلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ قاتناشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلدىم. ئۇيغۇرلارغا نەپ بېرىشنىڭ بىردىن-بىر يولى خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىدە بولسۇن ۋە ياكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي، دىنىي ۋە باشقا سىياسەتلىرىدە بولسۇن، ھەممىسىگە ئۇيغۇرلارنى قاتناشتۇرۇشى، داخىل قىلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا بۇ سىياسەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولماي تۇرۇپ بىر يول بىر بەلۋاغ سىياسىتى ئوخشاش داۋام قىلىدىغان بولسا، نەتىجىدە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېسىم ئاستىدا قالغانلىقىنى، يەنىمۇ چەتكە قېقىلغانلىقىنى، يەنىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز خالاس» دېدى.

بىر بەلۋاغ، بىر يول سىياسىتى مۇرەككەپ جۇغراپىيىلىك ئورۇندا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم بىر ئىستراتېگىيە دەپ قارىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. بىز ئالدىمىزدىكى پروگراممىلاردا يەنە بۇ ھەقتە سىلەرگە داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/shi-jinping-03072017153157.html