ئابدۇۋەلى ئايۇپ: قۇتۇلۇش قەدەملىرى (2)

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى

abduweli-ayup-gulen

قاماقتىن تۇيۇقسىز قويۇپ بېرىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا چۈشۈرۈپ قويۇلغىنىمدا شام ۋاقتى بولغان ئىدى. ئۆرە تۇرۇپلا ئىشارەت بىلەن ئوقۇغان نامىزىمدا زۇلمەتتە قالغان قېرىنداشلارغا ئاسانلىق، سەبىر ۋە سالامەتلىك تىلىدىم. زۇلۇم قىلغانلارغا بۇزۇق تۈزۈمنىڭ قۇربانلىرى دەپ قاراپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىدىم.زالىم تۈزۈمدىن باشقا ھەممىنى كەچۈرۈۋەتتىم. ھەتتا مېنى قەشقەردە تۇتۇپ قاماپ قويغان، كىيىملىرىمنىڭ سالدۇرۇلۇشىغا، نەچچە ئون ئادەمنىڭ ئالدىدا قىپ يالىڭغاچ مايمۇندەك سەكرىتىشلەرگە، ئېشەكتەك تۆت پۇتلۇق قىلىشلارغا قاراپ تۇرغان ساقچىلارنىمۇ ئەپۇ قىلدىم.

ئۇلار ئەرتىسى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ ماڭغاندا ماڭا قىلىنغان خورلۇققا ئەپسۇسلانغاندەك بىر گەپلەرنى دېيىشكەن ئىدى. ئۇلاردىن بىرى «ھەي بىر كۈنلەردە زامان بىز خورلىغان مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ قولىغا ئۆتسە، بىزنىمۇ مايمۇندەك سەكرىتىپ، ئېشەكتەك دوڭغايتىۋىتەرمۇ؟» دېدى. ئىچىمدە ئۇلارنىڭ زالىملىقنىڭ گۇم بولىدىغانلىقىنى بىلگىنىگە ئاپىرىن ئېيتتىم ۋە ئويلىدىم، «ئاللاھ ساقلىسۇن، بۇنداق زۇلۇم قىلىش سىلەرنىڭ ھۆكۈمىتىڭلار بىلەن قوشۇلۇپ كۈل بولسۇنكى، بىزگە مىراس قالمىسۇن. سىلەر قىلغاننى بىزمۇ قىلساق، بىزنىڭ سىلەردىن پەرقىمىز قالامدۇ؟ زالىملىق ئىنسانلىق ئەمەس، ھايۋانلىقتۇر. ئۇنىڭ تەبىئىتى چىشلەش، پاچىقى چىشلەنگەن بىر ئىنساننىڭ شۇ ئاچچىقىدا يەنە بىر ئىنساننى ياكى ھايۋاننى چىشلىگىنى نەدە بار؟» تۈرمىدىن چىققان كۈنىدىكى شام نامىزىمدا شۇلارنى ئويلىغىنىم ۋە بارلىق غەزەپلىرىمنى تۈرمىنىڭ بەتبۇي خېيىنى تاشلىغاندەك ئەخلەتكە تاشلىۋەتكىنىم ئېسىمدە.

قۇتۇلۇش قەدەملىرىم ئەركىنلىكتە تىمسىقلاپ داۋام قىلىۋاتىدۇ. مەن ئاللاھتىن زۇلۇم، تەڭسىزلىك، زوراۋانلىق ۋە مەھكۇملۇقلار ئاياغلاشسۇن دەپ تىلەيمەن.چۈنكى، قۇتۇلۇش قەدەملىرىمدە زوراۋانلىق سەۋەبلىك يېتىلگەن قورقۇنچاقلىق دائىم پۇتلاپ تۇرىدۇ. روھۇمنى مەھكۇملۇققا، قۇللۇققا چۈشۈرۈپ قويغان زۇلۇم ۋە تەڭسىزلىكنىڭ سايىسى مەردانە بولۇشۇمغا يول قويمايدۇ. ئەركىن ياشاپ تۇرۇپ ئەركىنلىككە كۆنەلمەي خۇدۈكسىرەيمەن، گۇمانسىرايمەن، سەۋەبسىز ئۈركۈيمەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى زالىم تۈزۈمنىڭ قەلبىمدىكى پۈتمەس يارىسى، ئاسارىتىدۇر. بۇنداق قۇللۇقتىن قۇتۇلغان، لېكىن قۇل مىجەزلىكتىن ئازاد بولالمىغان، زالىمدىن قۇتۇلغان، لېكىن زالىملىقنى سىڭدۈرۈۋالغان مەنلا ئەمەس، بەلكى مەندەك كەچمىشنى باشتىن كەچۈرگەن بىر توپ بار. مەسىلەن، قىرغىزلار مۇستەملىكە چاغلاردا مىللىي زۇلۇمغا ئۇچرايتتى. قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، شۇ زۇلۇمغا ئۇچرىغان قىرغىزلار ئۆزبېك مىللىتىگە مىللىي زۇلۇم قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئېغىلغا مەھكۇم بولۇپ ھايۋاننىڭ خۇيىنى ئالغان، زالىمنىڭ قولىدا ياشاپ زالىمنىڭ خۇيىنى ئۆگەنگەن بولماي نېمە؟

نامىزىمدا قۇتۇلۇش يولىدىكى قەدەملىرىمىزنىڭ سەبىر، سۆيگۈ ۋە كەچۈرۈم بىلەن مەزمۇت بولۇشىنى ئاللاھتىن تىلىدىم. ئاللاھ زالىمنىڭ قولىدا بىزنى سىنىسۇن، تاۋلىسۇن، مەغپىرەت قىلسۇن ۋە گۇناھلىرىمىزدىن پاكلىنىشقا پۇرسەتلىك قىلسۇنكى، زالىمنىڭ قولىدا قۇللۇققا كۆنۈشتىن، زۇلۇمغا زالىملىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشتىن، زالىمنىڭ خۇيىنى سىڭدۈرۈۋېلىشتىن ساقلىسۇن.

مەن خورلۇقنىڭ، ئازابنىڭ، ئازارلاشنىڭ تۈرمىسىدىن قۇتۇلدۇم، ئەگەر ئادىللىق مىزانىم بولمىسا، كەچۈرۈم ماڭا يار بولمىسا، مېھىر يۆلەك بولمىسا، يەنە شۇ قىساسخورلۇق ۋە نەپرەت ئەقىدەمنىڭ تايانچى بولىدۇ، تىلىمدىن تىغ، دىلىمدىن زەھەر تارايدۇ. نەتىجىدە بېسىقماس ئاداۋەت، زىددىيەت ۋە غەزەپنىڭ يۈكىنى روھىمغا يۈكلىگەن بولىمەن، تېنىم ئەركىن بولغان بىلەن قەلبىمنى دۈشمەنلىك زىندانلىرىغا بەند قىلغان بولىمەن. قاماقتىن ھۆر دۇنياغا چىقتىم، ئەمما ھۆرلۈككە چىققىنىم يوق. چۈنكى ئۇيغۇر بولۇش ئەركىم، ئۇيغۇرلۇق ھوقۇقۇم تېخىچە قاماقتا.

قۇتۇلۇش قەدەملىرى ماڭىلا خاس ئەمەس. شەخس سۈپىتىدە مەنلا ئەمەس، ھەممىمىز نېمىلەردىندۇر قۇتۇلساق دەيمىز. ئويغاق پىكىرلىك ھەر بىرىمىز كونا ئادەت، يامان خۇي، چىركىن مۇھىت، مەزلۇم تەبىئەتنىڭ بىزنى قۇل قىلماسلىقىنى تىلەيمىز. ئەمما شۇنى ئويلىدىم، قۇتۇلۇش قەدەملىرىنى باشلاش، داۋام قىلىشلا ئەمەس، ساناشمۇ مۇھىمكەن. چۈنكى، بىز ھەر تىنىقىمىزدىن ھېساب بېرىدىغانلىمىزغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەر ئىكەنمىز. تۈرمىدىن چىقىپ قۇتۇلۇش قەدەملىرىنى ساناپ باقمىدىم، ئەمما داۋام قىلىۋاتىمەن، بۇ يولدا ھەر تىنىق بىر پۇرسەت، ھەر مۇسىبەت بىر ئېمتىھان، ھەر ئۇتۇق بىر سىناق ئىكەن. ساناپ ئالغان قەدەم، ھېسابلىق تۈزۈلگەن پىلاندىن كۆزلىگەن نەتىجە بەش بارمىقىمىزدەك ئېنىق چىقىدىكەن. قۇتۇلۇش ئۈچۈن دۇئا قىلغانلىق نىيەت قىلغانغا تەڭ، سەۋەب قىلىش ھەرىكەتكە ئۆتكەنگە باراۋەر ئىكەن، ھەر دائىم تەييارلىق ۋە تەپەككۇردا بولۇش؛ ئىجتىھات ۋە ئىزچىللىق قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئالغان قەدەملىرىمىزنى ئاللاھ كۆرۈنمەس رىزىق ۋە نېسىۋە بىلەن تارتۇقلايدىكەن. قاماقتا ھەر كۈنى ھېسابلىق ئېلىنىدىغان قۇتۇلۇش قەدەملىرى ماڭا مۇشۇلارنى ئۆگەتكەن بولسا كېرەك.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/abduweli-ayup-02142017174429.html