ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر 2016-يىلى ئۇيغۇرلار ھاياتىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە توختالدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى

rabiye-kechurum-teshkilati-12016-يىلنىڭ ئاخىرقى ئايلىرىدا ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تاراتقۇلار 2016-يىلدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر ھەققىدە خۇلاسە-باياناتلارنى ئېلان قىلماقتا. چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 2016-يىلى خەلقئارا تاراتقۇلاردا سۆز تېمىسى بولغان ئۇيغۇرلارغا دائىر ۋەقەلەرنى تىلغا ئېلىپ، 2016-يىلنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

29-دېكابىر كۈنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەت ئەپەندىلەر رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2016-يىلى خەلقئارا تاراتقۇلاردا سۆز تېمىسى بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ۋەقەلەر ھەققىدە توختالدى.

قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بايانىدا، 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ « تېررورلۇققا زەربە بېرىش قانۇنى» نى 2389rwue23hofnئېلا قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى ۋە تۇتقۇن قىلىش سىياسىتى كۈچەيگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ يۈز بېرىپ تۇرغانلىقى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرى كۈچەيگەنلىكى، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھەتتا غەرب دېموكراتىك دۆلەت، ھۆكۈمەتلىرى، ب د ت، ياۋروپا بىرلىكى قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇھىم قارار ۋە باياناتلارنى ئېلان قىلىنغانلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-يىلى 30-مارت كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيساغا ترومان رېگان ئەركىنلىك مۇكاپاتى بەرگەنلىكى، 2016-يىلى 11-ئايدا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا مارتېن ئەننالىست كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بېرىلگەنلىكى قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىپ، 2016-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادا قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى ۋە پەرھات مۇھەممەت ئەپەندىلەرنىڭ بايانلىرىدا 2016-يىلى خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئىنكاس قوزغىغان ۋەقەلەردىن تۆۋەندىكىلەرنىڭ خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ مۇھىم سۆز تېمىسى بولغانلىقى مەلۇم بولدى.

1. 2016-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى « تېررورلۇققا زەربە بېرىش قانۇنى» ۋە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەرگە بېرىلىدىغان مۇكاپات سوممىسىنى ئېلان 32489fzheoifقىلدى.

2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2015-يىلى 29-دېكابىر ماقۇللىغان « تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. مەزكۇر قانۇن خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشنى نىشانلىق مەقسەت قىلغان قانۇن دەپ تەنقىدلەندى. دائىرىلەر 2016-يىلى 11‏-ئاپرېل كۈنى يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت نامىدا «زوراۋان تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلىغان كىشىلەرنى مۇكاپاتلاش چارە تەدبىرى» ئېلان قىلىنىپ، «تېررورلۇق» ھەرىكىتى ھەققىدە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن كىشىلەرگە، تەمىنلىگەن ئۇچۇرنىڭ قىممىتىگە قاراپ، خىتاي پۇلى ھېسابىغا 200 مىڭ سومدىن 5 مىليون سومغا قەدەر مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2. خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ كۈچەيگەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ سۆز تېمىسى بولدى

14، 15-ئاپرېل كۈنلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ مەلۇم ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن 3 ياشلىق ئۇيغۇر بالىسىنىڭ خىتاي بازار باشقۇرۇش خادىملىرىغا ھەيۋە كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدىكى سىنئالغۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور غۇلغۇلا قوزغىدى. ئارقىدىنلا ئاممىۋى تاراتقۇلاردا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، 3 ياشلىق ئۇيغۇر گۆدەكنىڭ، خىتاي بازار باشقۇرۇش خادىملىرىغا تاياق كۆتۈرۈپ، قارشىلىق قىلغان سىنئالغۇ فىلىمىنىڭ تارقىلىشىنى چەكلىگەنلىكى ۋە بۇ فىلىمنىڭ چەكلىنىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ئانالىزلار كەڭ يەر ئالدى. خىتاي دائىرىلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەزكۇر سىنئالغۇ فىلىمىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەدىن كېيىن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن مەزكۇر سىنئالغۇ ھەققىدىكى ئىنگلىزچە فىلىمنى كۆرۈش قېتىم سانى ئىككى ئاي ئىچىدە 750 مىڭدىن ئېشىپ ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

2016-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى پاسپورتنى تەكشۈرۈش نامىدا بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى ئومۇميۈزلۈك يىغىۋېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

2016-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش نامىدا چېقىش ھەرىكىتى باشلاندى، رادىيومىز دەسلەپ ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن قەشقەر ۋە خوتەندە چېقىلغان مەسچىتلەرنىڭ نەچچە يۈزگە يەتكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ ۋەقە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

2016-يىلى يىل ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنە كۈچەيگەنلىكى ئاشكارىلاندى

خىتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 28-دېكابىر چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن شۇ جاي ۋاقتى ۋاقتى سائەت 2 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، 3 نەپەر ھۇجۇمچى پارتكوم قورۇسىغا ئاپتوموبىل بىلەن بېسىپ كىرگەن ۋە بومبا پارتلاتقان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھۇجۇمدا خىتاي تەرەپتىن ئىككى كىشى ئۆلگەن، 2 كىشى يارىلانغان؛ 3 نەپەر ھۇجۇمچىنى قوشقاندا ۋەقەدە 5 كىشى نەق مەيداندا ئۆلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ۋەقە 2016-يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرى يېڭى ئەمەلدار چېن چۈەنگو تەختكە چىققاندىن كېيىن سىرتقا ئاشكارىلىغان ئىككىنچى چوڭ قانلىق ۋەقە بولۇپ، 2016-يىلى 9-ئايدا گۇما ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۆي تەكشۈرۈش داۋامىدا گەمىدىكى بىر بومبا پارتلاپ ئۆلگەن ئىدى.

3. دولقۇن ئەيسا، ئىلھام توختى قاتارلىق خەلقئارادا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرى بېرىلدى

2016-يىلى 30 -مارت كۈنى د ئۇ ق ئىجرائىيە مۇدىرى دولقۇن ئەيساغا ئامېرىكا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى ۋەخپىسى» نىڭ «ترۇمان -رېگان ئەركىنلىك مېدالى» بېرىلدى. 27-ئاپرېل كۈنى جەنۋەدىكى مارتېن ئەننال فوندى ئىلھام توختىنىڭ 2016-يىللىق مارتېن ئاننال كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا نامزات بولۇپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، 10-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر شىۋىتىسارىيەگە بېرىپ دادىسىغا ۋاكالىتەن مەزكۇر مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدى.

يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان دولقۇن ئەيسا ۋە خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختىغا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىنىڭ بېرىلىشى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن دولقۇن ئەيسا، ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي تەلەپلىرى ۋە كۈرەشلىرىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپقا ئېرىشكەنلىكى دەپ تەرىپلەندى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنى نارازى قىلدى.