د ئۇ ق باياناتى : خەلقىمىز غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئەسلا ئۇنتۇمايدۇ !

2011-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى

ئەزىز يۇرتداشلار،

بۇ يىل 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى بولسا مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1997 – يىلى 5 – فېۋرالدا غۇلجىدا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنىڭ 14 – يىللىقىدىن ئىبارەت. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىغا مەھكۇم بولغان قەھرىمان ئوغۇل – قىزلىرىمىزغا يەنە قايتا ئالىي ئېھتىرامىمىزنى، سېغىنىشىمىزنى ۋە سۆيگۈمىزنى ئىزھار قىلىمىز !

ۋاپادار خەلقىمىز ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقى ۋە مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئىسسىق قېنىنى ۋە قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى ئەسلا ئۇنتۇمايدۇ!

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نەزىرىدە بۇ ۋەقە ھەرگىزمۇ دائىرىسى مەلۇم بىر رايون بىلەنلا چەكلەنگەن ۋە قارىغۇلارچە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى ئۇ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ  كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ  يەرلىك خەلققە قاراتقان مىللىي زۇلۇمىغا، مىللىي كەمسىتىشىگە، سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىكى ئادالەتسىزلىكىگە قارشى كۆرسەتكەن ئورتاق  ئىنكاسى  ۋە نارازىلىقىدىن ئىبارەت. ” 5 – فېۋرال ” ھەرىكىتىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى پەقەت نوقۇل ھالدا غۇلجا خەلقىنىڭ ئارزۇ – ئىستەك ۋە تەلەپلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈرىكىدىكى ئورتاق دەردىنى مەيدانلارغا ئىدى، بۇ ھادىسىدىن بۇيان ھەر يىلى ” 5 – فېۋرال ” كۈنىنىڭ  ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك كۈن تەرىقىسىدە خاتىرىلىنىپ كېلىنىۋاتقانلىقىمۇ، ” 5– فېۋرال غۇلجا ھەرىكىتى ” نىڭ  ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنىڭ ۋە زۇلۇمغا ئەسلا تىز پۈكمەيدىغان قەيسەر ھەم كۈرەشچان  ئىرادىسىنىڭ سىمۋولىغا  ۋە شەرقىي تۈركىستان  ئومۇمىي مىللىي ھەرىكىتىنىڭ مەشئىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئېنىق شەرھلەپ تۇرماقتا.

غۇلجا ۋەقەسى يۈز بەرگەن 14 يىلدىن بۇيان، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە، تۈرلۈك نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ئارقىلىق، ھەم بۇ قانلىق ھادىسىنى خاتىرىلەش، ھەم ۋەھشىي خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ياۋۇز قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

” 5 – فېۋرال > غۇلجا ۋەقەسى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ تىپىك ئۆرنىكى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىپ كېلىنمەكتە، شۇنداقلا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بىرقانچە قېتىملىق چوڭ ھەجىملىك دوكلاتلىرىدىمۇ، غۇلجا ۋەقەسىگە دائىر ھۆججەت –ماتېرىياللار ئاساسلىق مەنبە سۈپىتىدە دەلىل قىلىپ كۆرسىتىپ كېلىنگەن ئىدى.

گەرچە غۇلجا ۋەقەسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق تىنچلىق شەكلىدىكى نارازىلىق ھەرىكىتى ھېسابلانسىمۇ، ئەمما كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن “11 – سېنتەبىر ” تېررور ۋەقەسىدىن بۇيان، غۇلجا ۋەقەسىنىڭ شەكلىنى ۋە خاراكتېرىنى قەستەن بۇرمىلاپ، بۇ ھەرىكەتنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە “تېررورىستىك ھەرىكەت” قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىلەردىكى بۇ سىياسىي تۆھمەتلىرى پۇت تىرەپ تۇرالىغىنى يوق، ئەكسىچە دۇنيا جامائەتچىلىكى ” 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ” نى، ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، دېموكراتىك ۋە كىشىلىك ھەقلىرىنى قوغداش ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەپ ياشاش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەققانىي ھەرىكىتى دەپ قارىماقتا ھەمدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان غۇلجا خەلقىنىڭ بۇ ھەققانىي ھەرىكىتىنى ۋەھشىيلەرچە قانلىق باستۇرغانلىقىنى ئىزچىل تۈردە ئەيىبلەپ كەلمەكتە. مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2009 – يىلى 5 – ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىقى، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ قانخورلۇقىنى، ۋەھشىيلىكىنى ۋە رەھىمسىزلىكىنى پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ بەردى.

ئەمما، كۈرەشچان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھېچ بىر زامان زۇلۇم، بېسىم ۋە قىرغىنچىلىققا تىز پۈككىنى يوق، بىرى شېھىت بولسا ئۇنۇڭ ئىزىنى يەنە بىر بېسىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنى ھازىرغىچە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ! غۇلجا قەھرىمانلىرىنىڭ روھى شاد بولسۇن !

د ئۇ ق مەركىزى ئورگىنى