“شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ” يىغىنىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

”  شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ” تەييارلىق كومىتېتى
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى

ئەزىز قېرىنداشلار، سىزلەرگە ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە شۇنى ئۇقتۇرماقچىمىزكى، ئەسلىدە 2011 – يىلى 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 6 – كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېچىش قارار قىلىنغان “شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ” يىغىنى بەزى ئوبيېكتىپ قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن كېچىكتۈرۈلدى.

يىغىننىڭ رەسمىي ئېچىلىش ۋاقتى : 2011 – يىلى 5 – ئاينىڭ 2 – كۈنىدىن 8 – كۈنىگىچە.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۈتۈن ۋەتەنداشلىرىمىزدىن ئۆزرە سورايمىز ! تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىدىكى تۈپ سەۋەب بولسا، يىغىننىڭ تېخىمۇ غەلىبىلىك ۋە ئوڭۇشلۇق چاقىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت، چۈنكى خەلقىمىز بۇ قېتىمقى يىغىنىمىزدىن زور ئۈمىد كۈتمەكتە.

يىغىننىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىدىكى كونكرېتنى سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە :

1)بۇ قېتىمقى يىغىن، چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي كۈرىشىمىز تارىخىدا كۆلىمى ئەڭ زور، قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ، ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەرنىڭ سالمىقى ئەڭ ئېغىر بولغان بىر سىياسىي مۇنبەر بولۇپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چاقىرىلىشنىڭ ھەرقايسى ئەللەردىكى ۋەكىللەرنىڭ تولۇق ئىشتىراك قىلىشى ناھايىتى مۇھىم، ئەپسۇسكى، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق تەييارلىق خىزمەتلىرى ۋە ئېچىلىش ۋاقتى روژىستىۋا بايرىمىغا ۋە يېڭى يىلغا توغرا كەلگىنى ئۈچۈن، بەزى رايونلاردىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ بايرام تەتىلىگە چىقىشى سەۋەبىدىن خېلى كۆپ ۋەكىللىرىمىزنىڭ ئامېرىكىغا ۋىزا ئېلىش ئىشلىرى بەلگىلىك توسالغۇلارغا ئۇچرىدى.

2)بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلار كۆپ، سالمىقى ئېغىر بولغىنى ئۈچۈن، ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان لايىھە، تەكلىپ ۋە پىلان – پروگراممىلارنى ھازىرلاش خىزمەتلىرى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ، بەزى مۇھىم لايىھىلەر تېخى تولۇق تاماملانمىدى، ئۇنۇڭ ئۈستىگە ۋەكىللىرىمىزدىن مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە ئۈزلۈكسىز ھالدا يېڭى تەكلىپ – پىكىرلەر ۋە تۈزىتىشلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىنمەكتە، بۇ سەۋەبتىن يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىنى قايتا – قايتا ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتىمىز.

3)بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ كۆلىمى زور، قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سانى كۆپ، يىغىننىڭ ۋاقتى ئۇزۇن بولغىنى ئۈچۈن، يىغىننىڭ ئىقتىسادى چىقىمىمۇ ناھايىتى زور بولماقتا، ئۇنۇڭ ئۈستىگە بۇ قېتىمقى يىغىننى پۈتۈنلەي ئۆزىمىزنىڭ كۈچىگە تايىنىپ چاقىرىۋاتىمىز، چەتئەل فوند جەمئىيەتلىرىدىن يىغىن ئۈچۈن ئاجرىتىلغان  ئىقتىساد يوق، گەرچە ھازىرغا قەدەر يىغىنغا زۆرۈر كېرەكلىك بولغان ئىقتىسادنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ھازىرلىغان بولساقمۇ، ئەمما يەنىلا كەم قىسمىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ۋاقىتقا ئېھتىياجىمىز بار، چۈنكى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىدە ئىقتىسادنىڭ رولىمۇ ناھايىتى مۇھىم.

4)بۇ قېتىمقى يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان چەتئەللىك بەزى مۇھىم ئەربابلار ۋە يىغىندا ئىلمىي تەكلىپ، لايىھە ۋە پىلان – پروگراممىلارنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلىرىمىزنىڭ خىزمەت ۋە تەتىل پروگراممىلىرى يىغىن ۋاقتىغا ماس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يىغىنىمىزغا تولۇق قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يىغىننىڭ ۋاقتىنى تەڭشەشكە مەجبۇر بولدۇق !

ئەزىز قېرىنداشلار، خۇددى ئىلگىرى تەكىتلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ قېتىمقى يىغىن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك زور بىر يىغىن، ئۇنۇڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە نەتىجىلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلۈشى پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا،قوللىشىغا، ياردىمىگە ۋە مەدىتىگە باغلىق، شۇڭا بىز مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بارلىق يۇرتداشلىرىمىزنى ئورتاق سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، يىغىنىمىزنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئاكتىپلىق بىلەن قوللاپ – قۇۋۋەتلەشكە چاقىرىمىز !

”  شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ” تەييارلىق كومىتېتى