گېرمانىيدىكى نامايىشلار ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى

خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچىياڭ، 1 – ئاينىڭ 6 – كۈنى 100 نەچچە كىشىلىك سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ گېرمانىيىگە 3 كۈنلۈك رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن ئىدى.

د ئۇ ق نىڭ مەركىزى ئورگىنى جايلاشقان ۋە گېرمانىيدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئولتۇراقلاشقان ميۇنخېن شەھرى بولسا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ، بۈگۈن، يەنى، 1 – ئاينىڭ 8 – كۈنى لى كېچىياڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ئۆمىكى ميۇنخېن شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، گېرمانىيە ۋاقتى سائەت 14:30 دا دۇنياغا مەشھۇر ئاپتوموبىل شىركىتى بمۋ نىڭ مەركىزىنى ۋە بمۋ مۇزېيىنى زىيارەت قىلغان ئىدى.
دەل مۇشۇ پەيتتە، د ئۇ ق مەركىزى ئورگىنى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ۋە گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بمۋ مەركىزى بىناسى ۋە بمۋ مۇزېيىنىڭ ئالدىدا خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

دۇنياغا تونۇلغان كۆركەملىك بمۋ مەركىزى بىناسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن بېزەلگەن ئىدى.

لى كېچىياڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى ساقچىلارنىڭ يول ئېچىشى بىلەن بمۋ مەركىزى بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇيغۇر نامايىشچىلار كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن جاراڭلىق شوئار توۋلاپ ئەتراپنى زىل – زىلىگە سالدى.
خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ ئارىلىقى پەقەتلا 40 – 50 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆمەكتىكى خىتايلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەتراپقا يېيىلغان نامايىشچىلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قولىدا جەۋلان قىلىپ تۇرغان كۆك بايراقنى كۆردى، خىتايچە توۋلانغان، ” قاتىل خىتاي “، ” تېررورىست خىتاي “، ” بالا قاتىلى خىتاي “، ” يوقالسۇن خىتاي كوممۇنىستلىرى “، ” خىتايلار ۋەتىنىمىزدىن يوقالسۇن “، ” ياشىسۇن مۇستەقىللىق “، ” ياشىسۇن ئەركىنلىك ” … دېگەندەك شوئارلارنى ئاڭلاشتى ۋە نامايىشچىلارغا نەپرەتلىك ھومىيىشىپ بىر – بىرلەپ بمۋ مەركىزى بىناسىغا كىرىپ كېتىشتى.

ئۇيغۇر نامايىشچىلار خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى يېتىپ كېلىپ تاكى قايتقۇچە  بولغان بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە شوئار توۋلاشنى ھېچ توختىتىپ قويمىدى.

نامايىش مەيدانىڭ ئۆپ – چۆرىسىدىكى يول ئېغىزلىرى  پۈتۈنلەي گېرمانىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن قامال قىلىنغان ئىدى.

بۇ قېتىمقى نامايىش گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ ئالاھىدە دىققىتىنى جەلپ قىلغان بولۇپ، نامايىش مەيدانىدا گېرمانىيدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۆپ ساندىكى مۇخبىرى بار ئىدى، ئۇلار بەس – بەس بىلەن د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى ۋە نامايىشچىلارنى زىيارەت قىلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتى.

ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ يېرىمى ئانىلار ۋە بالىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بەزى خانىملار سوغۇققا قارىماي ھەتتا قۇچاقتىكى بالىلىرىنى كۆتۈرۈپ كەلگەن ئىدى.

پۈتۈن نامايىشچىلارنىڭ قولىدا بايراق، لوزۇنكا ۋە رەسىملىك تاختىلار بار ئىدى.

بۈگۈن شەنبە بولغىنى ئۈچۈن، بمۋ مۇزېيىنى زىيارەت قىلغۇچى ساياھەتچىلەرمۇ ناھايىتى كۆپ ئىدى، ئەتراپتا نامايىشنى كۆزىتىۋاتقان ئاممىغا د ئۇ ق مەركىزى ئورگىنى تەرىپىدىن ھازىرلانغان ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم، بېسىم ۋە قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى پاش قىلىنغان تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىپ بېرىلدى.

نامايىش جەريانىدا د ئۇ ق نىڭ گېرمانىيدىكى رەھبەرلىرى مۇخبىرلارغا ۋە ئەتراپتىكى ئاممىغا خىتابەن گېرمان تىلىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە ئېتىرازلىرىغا پىسەنت قىلماي، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتا رەھىمسىزلەرچە قاتتىق باستۇرۇش، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش سىياسىتىنى كۈچەيتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن، خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەسلىكنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
بمۋ مەركىزى بىناسى ئالدىدىكى نامايىش باشتىن – ئاخىرى ئىنتايىن تەرتىپلىك ۋە جانلىق كەيپىياتتا ئۆتتى.

ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىدىن يەنە ھېرىپ – چارچىغىنىغا ۋە سوغۇققا قارىماستىن، بۈگۈن كەچتە يەنە گېرمانىيە باۋارىيا ئۆلكىلىك باش مىنىستىرلىق بىناسى ئالدىدا لى كېچىياڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتىگە قارشى نامايىش ئېلىپ باردى.

بۇ قېتىمقى نامايىش گېرمانىيە ۋاقتى 17:30 دا باشلاندى.

چۈنكى دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى باۋارىيا ئۆلكىلىك باش مىنىستىرلىق بىناسىغا زىيارەتكە كەلگەن ئىدى.

خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى توشۇغان ماشىنىلار ساقچىلارنىڭ يول باشلىشىدا نامايىشچىلار تۇرغان كوچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، پۈتۈن نامايىشچىلار قوشۇنى جېنىنىڭ بارىچە خىتايغا قارشى جاراڭلىق شوئار توۋلاشتى.
خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى كۈتۈۋېلىنغان مىنىستىرلىق زالى يىراقتىن نامايىشچىلارغا كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز تىنماستىن شوئار توۋلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىغا بولغان قوللىشى ۋە سۆيگۈسىنى، مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نەپرىتىنى نامايان قىلىشتى.

كەچتىكى نامايىش جەريانىدىمۇ د ئۇ ق رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ئاممىغا نۇتۇقلار سۆزلەندى، تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىلدى، مۇخبىرلارغا مەلۇماتلار بېرىلدى.

د ئۇ ق مەركىزى ئورگىنى يۇقىرىقى ئىككى نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغاندىن سىرت يەنە خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچىياڭنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيدىكى ھەرقايسى پارتىيە – گۇرۇھلارغا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا، پارلامېنت ئەزالىرىغا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا مەخسۇس مۇراجىئەتنامىلەرنى يوللاپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تېخىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلدى.

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى