شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدۇر !

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى

ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتى، “شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى، ئۇيغۇرلار ھېچ بىر ۋاقىت مۇستەقىل بولۇپ باققان ئەمەس “دېگەن سەپسەتىنى تەشۋىق ۋە تەرغىب قىلىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا تارىخىي رېئاللىقلارنى بۇرمىلاش ئارقىلىق بۇ ئىدىيىنى ئۇيغۇرلارغا زورلاپ قوبۇل قىلدۇرۇشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.

خۇددى مۇستەقىل ۋە تەرەپسىز چەتئەل تارىخچىلىرىنىڭ تەكىتلەپ كەلگىنىدەك،  شەرقىي تۈركىستان، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن ئىبارەت، بۇ رېئاللىقنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ !

ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ “ئاز سانلىق مىللەت “ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش سالاھىيىتىگە ( Self-determination) ئىگە يەرلىك خەلقىدۇر.

شۇ نوختىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتمەكچىمىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن، “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى “دەپ ئاتالغان شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ ھازىرقى كۆلىمى،  1 مىليون 828 مىڭ 416 كۋادرات كىلومېتىر ( خىتاينىڭ ستاتىستىكىسى بويىچە ) بولۇپ، پۈتۈن خىتاينىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانىنىڭ 6 دەن 1 قىسمىنى تەشكىل قىلماقتا.

قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ ئاساسلىق تۈگۈنى ھېسابلانغان شەرقىي تۈركىستان، خىتاي، تىبەت، موڭغۇلىيە، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ھىندىستان، پاكىستان، ئافغانىستان قاتارلىق 10 دۆلەت بىلەن چېگرىداش بولۇپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلار – مەركىزى ئاسىيادا ياشاپ كەلگەن بىرقانچە مىڭ يىللىق يازما تارىخقا ئىگە، ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن ھازىرقى جەنۇبىي سىبىرىيە، ئالتاي ئېتەكلىرى، موڭغۇل دالاسى، جۇڭغارىيە دالاسى، تارىم ۋادىسى ۋە “يەتتە سۇ “دەپ ئاتىلىدىغان جۇغراپىيىلىك دائىرىلەرگە تارقالغان..
ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ناھايىتى سەلتەنەتلىك دەۋرلەرنى بېسىپ ئوتكەن بولۇپ، بۇ مىللەت دەسلىپىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى  ھېسابلانغان  ھونلارنىڭ ئۇلۇغ ئوغۇز – ھون تەڭرىقۇتلىرى، ئۇلۇغ كۆكتۈرك خاقانلىرى تەركىبىدە ياشىغان بولسا، كېيىن مۇستەقىل ھالدا ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقى ( مىلادى 646 – 845 )، قاراخانىيلار خانلىقى ( 850 – 1212 )، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى ( 850 – 1335 )، كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلىقى ( 870 – 1036 )، سەئىدىيە خانلىقى ( 1504 – 1678 ) قاتارلىق قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرغان.

ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان مۇستەقىل دۆلەتلەر تارىختىن بۇيان خىتاي دۆلىتى بىلەن بىۋاسىتە قوشنا بولۇپ، گەرچە تارىختا ئۇيغۇرلار خىتايلار تەرىپىدىن كوپ قېتىم بېسىۋېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خۇددى خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ تىلغا ئېلىپ كەلگىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتايلارنى بېسىۋالغان مەزگىللىرى كوپ بولغان.

تارىخىي ماتېرىياللارغا باققىنىمىزدا، مىلادى 762 – يىلىدىن تاكى 1759 – يىلىغا قەدەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان رايونىغا قارىتا جىددىي بىر ئىستېلاسى بولمىغان، بۇ رايون مانجۇلار تەرىپىدىن 1759 – يىلى ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، 1862 – يىلى ئۇيغۇرلار قايتىدىن مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، 1877 – يىلى يەنە تەكرار مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان ۋە 1884 – يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامى، “يېڭىدىن قوشۇۋېلىنغان زېمىن “ياكى “يېڭى چېگرا “دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان “شىنجاڭ “دېگەن نامغا ئۆزگەرتىلدى.
بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامىنىڭ “شىنجاڭ “دەپ ئاتىلىشىمۇ، بۇ رايوننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا ئوچۇقچە كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى گۇمران بولغان 1911 – يىلىدىن، تاكى خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 1949 – يىلىغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاي مىلىتارىستلىرى تەرىپىدىن مۇستەقىل ھالدا ئىدارە قىلىندى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىدارىسى مەلۇم رايونلار بىلەنلا چەكلەندى، بۇ باسقۇچتا شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆزىنىڭ يېرىم مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالغان ۋە ئىچكى جەھەتتە پۈتۈنلەي ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان بىر ۋەزىيەتتە ئىدى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامى “شىنجاڭ “دەپ ئۆزگەرتىلگەن ۋە مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ رەسمىي بىر مەمۇرى ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىنغان 1884 – يىلىدىن، مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى گۇمران بولغان 1911 – يىلىغا قەدەر، گەرچە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەمۇرى جەھەتتىكى ھەق – ھوقۇقلىرى مەلۇم دەرىجىدە دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى ھەربىي كۈچ بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى ساقلاپ قېلىش ۋە ئىدارە قىلىشنى  تۈپ سىياسەت قىلغىنى ئۈچۈن، بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى ئالاھىدىلىكلىرى ئاساسى جەھەتتىن تەھدىتكە ئۇچرىمىدى. چۈنكى مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ئومۇمى يۈزلۈك كۆچمەن يۆتكەش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى يوق ئىدى.

مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى گۇمران بولغان 1911 – يىلىغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندىكى مانجۇ – خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە كۆچمەنلىرىنىڭ ئومۇمى سانى ئاران 30 – 40 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ پەقەتلا 3 – 4 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلاتتى.

ئۇنۇڭ ئۈستىگە ئۇلار يەرلىكلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشىماي، بەلكى ھەرقايسى جايلاردا تەسىس قىلىنغان ھەربىي لاگېرلاردا توپلىشىپ ئايرىم ياشايتتى.

بۇ دەۋردە، ئۆلكە، ۋىلايەت ۋە ناھىيە دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرى پۈتۈنلەي مانجۇ – خىتايلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغىنى بىلەن، يەرلىك خەلق ئارىسىدا بەگلىك، ۋاڭلىق، قادىلىق ۋە قازىلىق  تۈزۈمى ساقلىنىپ قالغان، قانۇنى ۋە مەمۇرى جەھەتتە يېرىم مۇستەقىل، مىللىي مائارىپ، مەدەنىيەت، دىنى ئېتىقاد جەھەتتە ھېچ بىر چەكلىمە يوق ئىدى.

مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ تۈپ سىياسىتى، ئىقتىسادى جەھەتتىن تالان – تاراج قىلىش، قاتتىق ھەربىي سىستېما ۋە سىياسىي بېسىم  ئارقىلىق مىللىي ئىسيانلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قارشى چىققۇچىلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.
1911 – يىلى مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى خىتاي مىللىي ھەرىكىتى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ ، “جۇڭخۇا مىنگو “دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان پۈتۈنلەي مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ قالدۇق ئەمەلدارلىرىدىن تەشكىل تاپقان ھەربىي مىلىتارىستلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى. بۇ مۇستەبىت مىلىتارىستلار خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشى ۋە سىياسىي تەسىرىدىن مۇستەسنا ھالدا، ئۆزى بەگ، ئۆزى خان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل ھالدا ئىدارە قىلدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەمۇرى باشقۇرۇش شەكلىمۇ يەنە مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن سىستېمىنىڭ داۋامى بولۇپ، يەرلىكلەر ئىچكى جەھەتتە ئاساسى جەھەتتىن ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلاتتى.

ياڭ زېڭشىڭ دەۋرى ( 1911 – 1928 ) :

ياڭ زېڭشىنمۇ شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىشتا مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ئاخىرقى ئومۇمى ۋالىسى يۈەن داخۇنىڭ سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىگە قارشى ھېچ بىر دەخلى – تەرۇزى بولمىدى. ئۇنۇڭ 10 نەچچە يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەتتىكى ئورنىنى ۋە ھەربىي كۈچىنى مۇستەھكەملەش، ئىقتىسادى جەھەتتە يەرلىكلەرنى تالان – تاراج قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋە مۇرىتلىرىنىڭ يانچۇقىنى توملاش، مەركىزى ھۆكۈمەتتىن ئۇزاق تۇرۇپ، ئۆزى بەگ، ئۆزى خان بولۇپ راھەت – پاراغەت ئىچىدە ياشاش بىلەن ئۆتتى.

بۇ دەۋردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي كېسىلگەن، ياڭ زېڭشىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ يەرلىكلەرنى ئىدارە قىلىش دائىرىسىمۇ ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇمۇل رايونى قۇمۇل ۋاڭنىڭ باشقۇرۇشىدا، قازاقلار ۋە قىرغىزلار ئۆزلىرىنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىدارىسى ئاستىدا، موڭغۇللارمۇ موڭغۇل ۋاڭ ۋە خوفۇ ( تىرىك ئەۋلىيا )نىڭ ئىدارىسى ئاستىدا، جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئاساسى جەھەتتىن ئۇيغۇر بەگلىرى ۋە قازى – قادىلىرىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولۇپ، ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەردىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىپىسى پەقەتلا قورال كۈچى ئارقىلىق يەرلىكلەردىن غەللە – پاراق توپلاش ۋە مىللىي ئىسيانلاردىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىدى.

جىڭ شۇرىن ( 1928 – 1934 ) :

جىڭ شۇرىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، يەرلىك خەلقنىڭ مەمۇرى ھوقۇق دائىرىسىنى تارايتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلىدىكى مەمۇرى شەكلىدە بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ باردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى جەھەتتە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇندى.

مەسىلەن، قۇمۇل ۋاڭلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، موڭغۇللارنىڭ خوفۇسىنى ( تىرىك ئەۋلىياسى ) قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، قازاق ۋە قىرغىز چارۋىچىلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا بىۋاسىتە خىتاي مەمۇرى خادىملىرىنى تەيىنلەش، ناھىيىدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇيغۇر بەگلىرىنىڭ نوپۇزىنى تۆۋەنلىتىش .. قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

جىڭ شۇرىن يەنە 1930 – يىلىدىن ئېتىبارەن ئىچكى ئۆلكىلەردىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش سىياسىتىنى باشلاپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى قۇمۇل رايونىغا يەرلەشتۈرۈشكە باشلىدى.

جىڭ شۇرىننىڭ بۇ سىياسىتى، 1931 – يىلى قۇمۇل ئىنقىلابىنىڭ ۋە ئارقىدىنلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن رايونلىرىدا مىللىي ئىسيانلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەبچى بولدى.

بۇ مىللىي ئىنقىلابلار نەتىجىسىدە، 1933 – يىلى 11 – ئايدا قەشقەردە مۇستەقىل “شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى “قۇرۇلدى، بۇ دەۋردە جىڭ شۇرىننىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسى پەقەتلا ئۈرۈمچى ۋە ئۇنۇڭ ئەتراپى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغىنى ئۈچۈن، ئۇنۇڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ۋە يەرلىكلەرنىڭ مەمۇرى ھوقۇق دائىرىسىنى تۆۋەنلىتىش پىلانى  مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.
تاكى 1937 – يىلىغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبى رايونلىرىنىڭ خېلى كوپ قىسمى “شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى “نىڭ قالدۇق ئەزالىرىدىن مەخمۇت مۇھىتى قاتارلىقلارنىڭ ئەمىلى باشقۇرۇشىدا بولدى.

شىڭشىسەي ( 1934–  1944 ) :

شىڭشىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا، خوتەن رايونى ماخوسەن باشچىلىقىدىكى تۇڭگانلارنىڭ، قەشقەر رايونى مەخمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى مىللىي كۈچلەرنىڭ، ئىلى رايونى بولسا جاڭ پەييۈەن باشچىلىقىدىكى گومىنداڭچى خىتاي مىلىتارىستلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولۇپ، شىڭشىسەينىڭ ئەمىلى كونتروللۇقىدىكى رايونلار تولىمۇ چەكلىك ئىدى.

شىڭشىسەينىڭمۇ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى يوق بولۇپ، بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلق يەنىلا ئىچكى جەھەتتە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلاتتى.

شىڭشىسەي بولسا يەرلىكلەرنى ئىدارە قىلىشتا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۈچىگە ئەمەس، بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۈچىگە تايىنىش سىياسىتىنى تاللىدى.

بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلار ئىچىدە داۋام قىلىپ كەلگەن بەگلىك ۋە قادى – قازىلىق تۈزۈمىگە دەخلى – تەرز قىلمىدى.
گەرچە كېيىن ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بەزى كوممۇنىستىك تۈزۈملىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قارىتا قىسمەن چەكلەش ۋە قاتتىق نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنۇڭ بۇ سىياسىتى پەقەتلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالى ۋە شەرقىي رايونلىرى بىلەنلا چەكلەنگەن، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبى رايونلارغا ئانچە زور بىر دەخلى – تەرۇزى بولمىغان ئىدى.

گومىنداڭ دەۋرى ( 1944 – 1949 )

1944 – يىلى شىڭشىسەينىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن، بۇ رايوندا ئۇزۇن يىل داۋام قىلىپ كەلگەن مىلىتارىست ئومۇمى ۋالىلار دەۋرىگە خاتىمە بېرىلىپ، شەرقىي تۈركىستان تۇنجى قېتىم گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمىلى باشقۇرۇشىغا ئۆتتى، ئەمما مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىلى كونتروللۇقى ئۇزۇن داۋام قىلالمىدى.

ئەپسۇسكى، 1944 – يىلى شىڭشىسەينىڭ ئورنىغا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىگەن ۋۇ چۇڭشىن شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپلا بىرىنچى بولۇپ بۇ رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى جىددىي ئاشۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەن – ئەنىۋىي مىللىي مائارىپ سىستېمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس خىتايچە مەكتەپلەرنى تەسىس قىلىش، خىتايلارنى يەرلىكلەر بىلەن توي قىلىشقا تەشۋىق قىلىش، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىغا ۋە ئاساسى قاتلاملارغا بولغان باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش … قاتارلىق بىر قاتار ئاسسىمىلياتسىيە ھەرىكىتىنى باشلىدى.

ئۇنۇڭ بۇ سىياسىتى نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەسسىلەپ ئېشىشقا باشلىدى.

نەتىجىدە ئۇنۇڭ بۇ سىياسىتى ئىلى ئىنقىلابىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ۋە 1944 – يىلى 11 – ئايدا ئىككىنچى مۇستەقىل  “شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى “نىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەبچى بولدى.

1944 – يىلىدىن 1949 – يىلىغىچە بولغان گومىنداڭ دەۋرىدە، خىتايدىكى ئىچكى ئۇرۇش ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىي داۋالغۇچىلار، گومىنداڭ  مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا سىستېمىلىق بىر ئاسسىمىلياتسىيە يۈرگۈزۈشىگە پۇرسەت بەرمىدى. ئۇنۇڭ ئۈستىگە 44 – يىلىدىن تاكى 49 – يىلىغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپلىگەن رايونلىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، بۇ رايوندىكى خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە كۆچمەنلىرى ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ جېنىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئىدى.

دېمەك، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامى “شىنجاڭ “دەپ ئۆزگەرتىلگەن 1884 – يىلىدىن، تاكى كوممۇنىست خىتايلارنىڭ ئىشغالىغا ئۇچرىغان 1949 – يىلىغىچە بولغان ئومۇمى جەريانغا قىسقىچە نەزەر سالغىنىمىزچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئانچە زور بىر خەۋپكە دۇچ كەلمىگەنلىكىنى، يەرلىكلەرگە قارىتىلغان ئاسسىمىلياتسىيە ھەرىكىتىنىڭمۇ ئىنتايىن چەكلىك ۋە جانسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

مەسىلەن، “شىنجاڭ ستاتىستىكا ئىدارىسى “نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1949 – يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئومۇمى سانى ئەسكەرلەرنى قوشقاندا جەمئىي 291 مىڭ نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى 1944 – يىلىدىن كېيىنكى گومىنداڭ دەۋرىدە كېلىپ يەرلەشكەنلەرنىڭ ئىبارەت.

خىتاي كوممۇنىستلىرى 1949 – يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندا، بۇ رايوننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم رايونلىرى ئىلىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىدى ۋە بۇ كونتروللۇق تاكى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى شىمالى رايونلارنى ئىشغال قىلغان 1950 – يىلى 1 – ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر داۋام قىلغان ئىدى.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ رىيال تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، تاجىك، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقلىرى، جۈملىدىن بۇ رايوننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە خەلقلىرى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ !

خۇددى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ستاتىستىكىلىرىدىمۇ كۆرسىتىلگىنىدەك، 1949 – يىلى 10 – ئايدا شەرقىي تۈركىستان خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان مەزگىلدە، بۇ رايوندا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يۇقىرىقى يەرلىك خەلقلەرنىڭ توپلام نوپۇسى ئومۇمى نوپۇسنىڭ 90 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلاتتى، خىتاي، مانجۇ، تۇڭگان، شېۋە، رۇس ۋە باشقا كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 10 پىرسەنتكىمۇ يېتىپ بارمايتتى، 1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى “قۇرۇلغاندا، ئۇيغۇرلار ئومۇمى نوپۇسنىڭ 80 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغىنى ئۈچۈن، بۇ ئاپتونوم رايونغا، “ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى “دەپ نام قويۇلغان ئىدى.

ئەپسۇسكى خىتاي ھاكىمىيىتى ھازىر، ” شىنجاڭدا 53 مىللەت بار، بۇ رايوندا بۇرۇندىن تارتىپ 13 مىللەت ياشاپ كەلگەن ” دېگەن سەپسەتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ زېمىننىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارنىمۇ بۇ مىللەتلەر قاتارىدا ” ئاز سانلىق مىللەت ” دەپ ئاتاپ بىر تاياقتا ھەيدەپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە بۇ، ھېچ بىر مەنتىقىگە سىغمايدىغان ۋە رېئاللىقتىن چەتنىگەن ئەخمىقانە بىر قاراشتىن ئىبارەت !

ئەلۋەتتىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ھازىرقى تېررىتورىيىسى ئىچىدىكى بىر ئازسانلىق مىللەتكە ئايلىنىپ قېلىنىشىنىڭ ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە قوبۇل قىلدۇرىۋىتەلىشىنىڭ بەلگىلىك تارىخىي سەۋەبلىرى بار، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن تامامەن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ، پەقەتلا ئاپتونومىيىلىك سالاھىيەتكە ئىگە خەلق كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلۈشى، ماھىيەت جەھەتتە 2 – دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا چىققان مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ بىۋاسىتە مەھسۇلىدىن ئىبارەت.

1945 – يىلى 4-فېۋرالدىن 11- فېۋرالغىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئەنگلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دۆلەت رەھبەرلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىغا توپلىنىپ، دۇنيانىڭ سىياسىي تەرتىپىنى بەلگىلەيدىغان مەشھۇر “يالتا يىغىنى” نى ئېچىپ، ئاخىرىدا بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى مەزكۇر يالتا كېلىشىمى بىلەن مەلۇم نۇقتىدىن باغلىنىشلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىق قوزغىلاڭلىرى نەتىجىسىدە 1944-يىلى 12-نويابىردا قۇرۇلغان “شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى” نىڭ تەقدىرى ئەنە شۇ ستالىن، چېچىل ۋە رۇزۋېتلار ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن يالتا كېلىشىمىنىڭ جۇڭگو ۋە موڭغۇلىيىگە ئائىت ماددىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

يالتا يىغىنىدا ستالىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەنپەئەتلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مەنپەئەتلىرىنى ساقلاپ قالغان ئىدى.

1945-يىلى 8-ئىيۇن كۈنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى، يالتا كېلىشىمىدىكى ماددىلارغا ئاساسەن “ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال ۋە شىنجاڭدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ھەم زېمىن پۈتۈنلۈكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلسا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە شىنجاڭدىكى قوزغىلاڭلارنى داۋاملىق قوللىماسلىققا كاپالەتلىك قىلسىلا، ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى بىلەن موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ … “دېگەن قارارىنى رەسمىي سوۋېت ئىتتىپاقىغا بىلدۈرگەن ئىدى.

نەتىجىدە، ستالىن ئاخىرىدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ بارلىق شەرتلىرىگە كۆندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 14-ئاۋغۇست كۈنى جۇڭگو –سوۋېت دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىدى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارمىيىسىنىڭ پايتەخت ئۈرۈمچىگە ئىلگىرىلىشىنى توختىتىپ قويۇپ، “شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى”نى گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە قىستىدى.

يالتا كېلىشىمىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالاش قارارى ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭمۇ ئۇرۇش توختىتىپ، جۇڭگو مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن بىتىم تۈزۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ  تارىخىنى بۇرمىلاش ۋە يېڭى تارىخ ئويدۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە ۋە بۇ ھەرىكەت جەريانىدا كوپ ساندىكى خىتاي تارىخچىلىرى ۋە ئارخېئولوگلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مەقسەتلىرى ئۈچۈن مەجبۇرى خىزمەت قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

گەرچە ئۇلار ئويدۇرۇپ چىقارغان ئاتالمىش “تارىخلار “ۋە “ئارخېئولوگىيىلىك قازمىلار “ئىشەنچلىك دەلىل – ئىسپاتلار بىلەن ئارقا – ئارقىدىن رەت قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما  خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ ئەسلى نىيىتىدىن يانغىنى يوق.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ قىلمىشى ھەم چەتئەل تارىخچىلىرىنى، ھەم ھەقىقىي ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرۇپ كەلمەكتە ۋە ئۇلارنىڭ، خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ تارىخىي مەنبەلىرىگە بولغان ئىشەنچىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرماقتا.

چۈنكى يىللاردىن بۇيان مەيلى چەتئەل تارىخچىلىرى بولسۇن، ياكى ئۇيغۇر تارىخچىلىرى بولسۇن، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي تۈركىستان تارىخى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغاندا، ئۆتمۈشتىكى  خىتاي تارىخچىلىرى يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلەرنى مۇھىم مەنبە سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلگەن ئىدى، ئەمما، ھازىرقى بىر تۈركۈم خىتاي تارىخچىلىرى ۋە ئارخېئولوگلىرى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ كىرالىق تارىخچىسىغا ئايلىنىپ، ساختا تارىخ ئويدۇرۇپ چىقىرىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزۈپ كەلمەكتە.

بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاساسى كۈچىنى ئۇيغۇر تارىخچى ۋە ئارخېئولوگلىرى سىياسىي جەھەتتىن قاتتىق بېسىم ئىشلىتىش، يېزىش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش دائىرىسىگە چەكلىمە قويۇش، ئۇلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تارىخىي ئىسپاتلارنى ئىنكار قىلىش ۋە تەنقىدلەش، باشقا كەسىپلەرگە يۈزلەندۈرۈش، ۋىجدانى ئاجىزراقلىرىنى سېتىۋېلىپ ۋە تەقدىرلەپ، ئۇلارنى يالغان تارىخ يېزىشقا ۋە راست تارىخ يازغانلارنى تەنقىدلەشكە سېلىش … قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللاندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىك تارىخچىلار تەرىپىدىن يېزىلغان خاتىرە ئەسەرلەر ۋە كلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ نەشر قىلىنىشىغا زور چەكلىمە قويۇپ، ھەممىنى سىياسىيۋىلىككە كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇر نەشرىياتلىرىنى پەيدىن – پەي خىتايلار تەرىپىدىن يېزىپ چىقىلغان تارىخىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىشقا يۈزلەندۈردى. بۇنىڭغا ئېتىراز قىلغانلار ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى ياكى باشقا ئورۇنغا يۆتكىۋېتىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى زور بىر تۈركۈم خىتاي تارىخچىلىرىنى  سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى خىتاي دۆلىتىنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلغان ھالدا يالغان تارىخ يېزىپ چىقىشقا، ئارخېئولوگىيىلىك مەنبە توقۇپ چىقىشقا ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھېقىقى تارىخىي پاكىتلارنى رەت قىلىشقا سالدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر دەرىجىلىك ئۇيغۇرچە ئالىي، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئائىت لېكسىيىلەرنى ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىغا دائىر ماقالىلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ يېرىگە خىتايلار تەرىپىدىن يېزىلغان  ئۇيغۇرلارنىڭ ساختا تارىخىنى، خىتاي تارىخىنى ۋە خىتاينىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرىنى كىرگۈزدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن  شەرقىي تۈركىستاندا، “ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش “دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي ھەرىكەت،  خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، بۇ جەرياندا تارىخىي ۋە كلاسسىك ئەسەرلەر ئاساس قىلىنغان مىليونلىغان كىتابلارنىڭ كۆيدۈرىلىۋاتقانلىقى، “شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى “دېگەن سەپسەتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا  تارىختا ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە قاتتىق سىياسىي بېسىم ئىچىدە زورلاپ تېڭىلىۋاتقان، ئۇيغۇر نەشرىياتلىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئارقا – ئارقىدىن تەرتىپكە سېلىنىۋاتقانلىقى پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلىنىپ كېلىنمەكتە.

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى