ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئامىللار

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى

11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى بولسا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن بولۇپ، 1933 – يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، يەنە 1944 – يىلى ئوخشاش ئاي ۋە ئوخشاش كۈندە ئىلىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ئىدى.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنىنى، ” ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بايرام كۈنى ” دەپ جاكارلاپ، بۇ كۈندە تۈرلۈك شەكىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتى بولسا دەل يۇقىرىقى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن مىللىي ئىنقىلابلارنىڭ داۋامى بولۇپ، خاراكتېر، غايە ۋە مەقسەت جەھەتتە بىردەكلىككە ئىگە.

گەرچە بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت ئەينى چاغدىكى ئىمپېرىئالىست كۈچلەرنىڭ سىياسىي سۇيىقەستى نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتتىن ئۇيغۇر خەلقىگە ئىنتايىن قىممەتلىك ئەڭگۈشتەرلەر مىراس قالغان ئىدى، بۇ ئەڭگۈشتەرلەر – مىللىي مۇستەقىللىقنىڭ سىمۋولى ھېسابلانغان ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، ئىستىقلال مارشى، دۆلەت گېربى ۋە بۇ ئەڭگۈشتەرلەرنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرۇش يولىدا قۇربان بولغان سانسىزلىغان قەھرىمانلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسى ئىدى.

بۈگۈن چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ 1933 – يىلى قۇرۇلغان تۇنجى جۇمھۇرىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى سۈپىتىدە جەۋلان قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىمۇ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ، ئەينى چاغدىكى مىللىي ئىنقىلابنىڭ ۋارىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

بۇ نۇقتىنى خىتاي ھاكىمىيىتىمۇ ئىنكار قىلغىنى يوق، مەسىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان ۋە ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىدارە – جەمئىيەتلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سىياسىي ئۆگىنىش ماتېرىيالى ھېسابلانغان، ” ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ھەققىدە قىسقىچە ئوقۇشلۇق ” ناملىق كىتابچىدا، 1933 – يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بولسا، ” مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى نەزەرىيىسىدىن ئىبارەت بۇ ئەكسىيەتچىل ئىدېئولوگىيىنىڭ تۈپ مەنبەسى ” دەپ تونۇشتۇرۇلغان ۋە ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئەينى چاغدا شەكىللەنگەن بۇ خىل ئىدېئولوگىيە ئاساسىدا جەريان قىلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.

33 – يىلىدىكى تۇنجى جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئامىللار

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى بولسا، 33 – يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنلىرى قۇرۇلغان تۇنجى جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىغا بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قولدىن كەتكەن ھەق – ھوقۇقلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ۋە مىللىي مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئىرادىسى، غايىسى ۋە ئارزۇسى سەۋەب بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، شۇ دەۋردە ئۆتكەن مۇستەملىكىچى ۋە دىكتاتور كۈچلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان چېكىدىن ئاشقان بېسىم، زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبچى بولغانلىقىنى، چۈنكى 30 – يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، دىنى ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ ئىنسان چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلىشماقتا.

ئەمما كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، 1933 – يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئامىللار ھەققىدە ئىزاھات بەرگەندە، ھېچبىر ۋاقىت ئەينى چاغدىكى ياڭ زېڭشىڭ ۋە جىن شۇرىن قاتارلىق مۇستەبىت دىكتاتورلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا سالغان زۇلۇملىرىنى تىلغا ئېلىپ باققان ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىنى تامامەن تاشقى كۈچلەرنىڭ قۇترىتىشىغا باغلاپ، بۇ ئىككى دىكتاتور زالىمغا چاپان يېپىش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ كەلمەكتە.

مەسىلەن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان، ” ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ھەققىدە قىسقىچە ئوقۇشلۇق ” ناملىق كىتابچىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، ” 30 – يىللاردا، شىنجاڭ چېگراسى ئىچىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى داۋالغۇشتىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى دېگەن بايراقنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، 1933 – يىلى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قەپەستىن چىقاردى ” دەپ ئىزاھات بېرىلگەن ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەنگلىيىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ سەپسەتىسى ئۇيغۇر تارىخچىلىرى تەرىپىدىنلا ئەمەس، ھەتتا چەتئەللىك تارىخچى ۋە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىنمۇ قەتئىي تۈردە رەت قىلىنىپ كېلىنمەكتە.

مەسىلەن، ئەنگلىيىلىك تارىخچى دوكتور ئاندرىيۇ فوربىس ئەپەندى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1911 – يىلىدىن 1949 – يىلىغىچە بولغان سىياسىي تارىخى ھەققىدە يېزىلغان كىتابتا، 33 – يىلى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنىڭ پۈتۈنلەي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن قۇرۇلغانلىقى، ھېچبىر دۆلەتنىڭ بىۋاسىتە ئارىلىشىشىغا ياكى تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلىقى، ئەنگلىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەمەس، ئەكسىچە ئەينى چاغدا ئۆزلىرىنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى قوللىغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.

بۇ كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى ئەنگلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇمھۇرىيەتنى ئېتىراپ قىلىشنى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى، ” ئىتتىپاقدىشىمىز بولغان جۇڭگونىڭ بۆلۈنۈشىنى خالىمايمىز ” دەپ جاۋاب بېرىپ رەت قىلغان. ئەكسىچە بۇ جەرياندا، ھىندىستاندىكى ئەنگلىيە دائىرىلىرى مىللىي ئىنقىلابنى باستۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىڭ شۇرىن ھۆكۈمىتىگە 4 مىڭ تال مىلتىق ۋە 4 مىليون پاي ئوق سېتىپ بەرگەن. دېمەك، ئەينى چاغدىكى تارىخىي رېئاللىق، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۈگۈن دەۋاتقىنىنىڭ دەل ئەكسىچە بولغان.

تارىخچى دوكتور ئاندرىيۇ فوربىس ئەپەندى ئۆز كىتابىدا، ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىشىنىڭ،1933 – يىلىدىكى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇنى تۆۋەندىكى مۇنداق بىر قانچە نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرگەن: 1911 – يىلى مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى يوقىلىپ، جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلغاندا، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باش ۋالىسى ياڭ زېڭشىڭ ئىدى، 1928 – يىلى ياڭ زېڭشىڭ ئۈرۈمچىدە قەستكە ئۇچراپ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جىڭ شۇرىن باش ۋالىي بولغان.

جىڭ شۇرىننىڭ ھاكىمىيەتكە چىقىپ قىلغان تۇنجى ئىشى بولسا، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ مائاشىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇش ۋە مەخپىي ساقچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش بولغان. ئىككىنچى ئىشى بولسا، ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن ئالىدىغان يەر بېجىنى ياڭ زېڭشىڭ دەۋرىدىكىدىن ئىككى ھەسسە ئاشۇرغان. ئارقىدىنلا خوتەندىكى قاشتېشى كانلىرىنى، كېرىيىدىكى ئالتۇن كانلارنى پۈتۈنلەي ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان كان مەھسۇلاتلىرىنى بازاردا ھېچبىر قىممىتى بولمىغان قەغەز پۇلغا سېتىپ بېرىشكە قىستىغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجگە بېرىشىنى چەكلەپ، ئۇلارنى ھەر بىر كەسكەن قوي بېشىغا باج تۆلەشكە مەجبۇرلىغان. بازاردا پۇل بولىدىغان يۇڭ ۋە تېرە سودىسىنى پۈتۈنلەي جىڭ شۇرىن ۋە ئۇنىڭ بىر يۇرتلۇق ھەقەم – سايىلىرى كونترول قىلىۋالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىنى توسۇش ۋە بىر رايوندا ئىسيان چىققاندا باشقا رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىشىپ ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،شەرقىي تۈركىستاننى 4 رايونغا بۆلۈپ، ھەر رايوندا ئايرىم 4 خىل قەغەز پۇل بېسىپ تارقاتقان ۋە قايسى رايوندا ئىسيان چىقسا، شۇ رايوندىكى پۇلنى ئىناۋەتسىز دەپ ئېلان قىلىپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خانىۋەيران بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان.

ئىلگىرىكى ياڭ زېڭشىڭ بازارغا ھېچبىر قىممىتى يوق 10 مىليون سوم قەغەز پۇل بېسىپ تارقاتقان بولسا، جىڭ شۇرىن 45 مىليون سوم قەغەز پۇل بېسىپ تارقىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى مال – دۇنيانى بۇ قەغەز پۇلغا بىكارنىڭ ئورنىدا سېتىۋېلىپ، يەنە ئۇلارغا ياندۇرۇپ ئالتۇن – كۈمۈشكە ساتقان. بازاردىكى ئالتۇن سودىسىنىڭ 78 پىرسەنتىنى پۈتۈنلەي جىن شۇرىن ۋە ئۇنىڭ يۇرتلۇقلىرى ئىگىلىۋالغان بولۇپ، قاقتى – سوقتى قىلىپ تاپقان ئالتۇنلىرىنى ئۇدۇللۇق ئۆز يۇرتلىرىغا ۋە چەتئەلدىكى بانكا ھېسابلىرىغا ئەۋەتىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالتۇن بازىرىدا قەھەتچىلىك پەيدا قىلغان.

جىڭ شۇرىن دەۋرىدە مەخپىي ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نازارەتچىلىكى شۇ دەرىجىدە كۈچەيگەنكى، ھەتتا ئۇيغۇرلار ئۆيلىرىدىمۇ ھۆكۈمەت توغرىلىق ئۈنلۈكرەك گەپ قىلالمايدىغان، چايخانىلارغا كىرىشتىنمۇ ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان. جىڭ شۇرىن دەۋرىدە، ” ھۆكۈمەتكە قارشى چىققان ” دېگەن بەتنام بىلەن قولغا ئېلىنغان، پۇت – قولى كېسىلگەن ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى، زو زۇڭتاڭ، يۈەن داخۇا ۋە ياڭ زېڭشىڭ دەۋرىدىكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان.

جىڭ شۇرىن يەنە باج كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، 1930 – يىلى 3 – ئايدا قۇمۇل ۋاڭى مەخسۇت شاھ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مىڭ سۇلالىسىدىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن قۇمۇل ۋاڭلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ۋاڭنىڭ ئوغلى ناسىربەگنى ئۈرۈمچىدە نەزەربەند ئاستىغا ئالغان ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ئۆز – ئۆزىنى ئىدارە قىلىپ كەلگەن بىردىن – بىر رايون ھېسابلانغان قۇمۇل ۋاڭلىقىنى، خامى، ئايخۇ ۋە ئايۋۇ دېگەندەك 3 ۋىلايەتكە بۆلۈپ، بۇ ۋىلايەتلەرگە خىتاي ئەمەلدارلارنى تەيىنلىگەن.

مەخسۇت شاھ دەۋرىدە قۇمۇل ۋاڭلىقى بولسا شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى جاي ھېسابلىناتتى، چۈنكى باج باشقا رايونلارغا قارىغاندا يەڭگىل بولۇپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەمەس، بەلكى قۇمۇل ۋاڭغا باج تۆلەيتتى. ۋاڭلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە تاپشۇرىدىغان بېجى بىراقلا نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. جىڭ شۇرىن يەنە قۇمۇل رايونىنى كۆچمەن يۆتكەش نۇقتىسى قىلىپ، ئۆز يۇرتىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ قۇمۇلغا يەرلەشتۈرگەن، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مۇنبەت يەرلىرى تارتىپ ئېلىنىپ بۇ خىتاي كۆچمەنلىرىگە بۆلۈپ بېرىلگەن ۋە ئۇلاردىن 3 يىل باج ئالماسلىق تۈزۈمىنى يولغا قويغان، ئەمما قاقاس جايلارغا ھەيدەلگەن قۇمۇللۇق دېھقانلاردىن ئېلىنىدىغان يەر بېجىنى ئۆزگەرتمىگەن.

يەنە كېلىپ جىڭ شۇرىن دەۋرىدە، خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇق ۋە كۈچىگە تايىنىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي خوتۇن قىلىۋېلىش ئەھۋاللىرىمۇ ئەۋج ئالغان بولۇپ، مەسىلەن، قۇمۇل ئىنقىلابىنىڭ پارتلاپ چىقىشىدا، 1931 – يىلى 4 – ئاينىڭ 4 – كۈنى قۇمۇلدىكى چاڭ فامىلىلىك بىر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ بىر ئۇيغۇر قىزنى مەجبۇرىي خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغانلىق ۋەقەسى مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.

قىسقىسى، يۇقىرىقى ھادىسىلەردىن، 1933 – يىلىدىكى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتلەرنىڭ يەرلىك خەلققە سالغان زۇلۇم ۋە كۈلپەتلىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. يەنە دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر بىلەن، بۈگۈن تارتىۋاتقان كۈلپەتلىرى ئوتتۇرىسىدا زور ئوخشاشلىقنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يېتەلەيمىز !
44 – يىلىدىكى ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئامىللار
ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، 1944 – يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئىلىدا قۇرۇلغان ” شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ” بولسا، ئۇندىن 11 يىل بۇرۇن قۇرۇلغان، يەنى 1933 – يىلى قەشقەردە ئېلان قىلىنغان ” شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ” نىڭ داۋامى بولۇپ، 30 – يىللاردا چېچىلغان مىللىي ئىنقىلاب ئۇچقۇنلىرىنىڭ قايتىدىن يالقۇنلىنىشى ئىدى.

بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭمۇ دەل، ئىلگىرى تۇنجى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان ئوخشاش ئاي ۋە ئوخشاش كۈندە ئېلان قىلىنغانلىقى ۋە تۇنجى جۇمھۇرىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئاي – يۇلتۇزلۇق بايراققا ۋارىسلىق قىلغانلىقىمۇ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. قىزىق يېرى شۇكى، ئەينى چاغدا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ پېشۋاسى ماۋ زېدۇڭ، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان 3 ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىنى، ” جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى ” دەپ ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقنى غايە قىلغان بۇ مىللىي ھەرىكىتىنى، كوممۇنىست خىتاي بىلەن مىللەتچى خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشىنىڭ تەركىبى قىسمى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان ئىدى. ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىلا ئەمەس، چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارمۇ ماۋ زېدۇڭنىڭ يۇقىرىقى قارىشىغا، ” مەنتىقسىز ۋە ئەخمىقانە قاراش ” دەپ باھا بېرىپ كەلمەكتە.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىرقى ھۆججەت – ماتېرىياللىرىدا، 44 – يىلىدىكى ” شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ” نىڭ، تامامەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇترىتىشى ۋە ياردىمى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەنلىكى، كېيىن ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباس قاتارلىق مىللىي رەھبەرلەرنىڭ بۇ خاتالىقنى تۈزىتىپ، ” 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ” دەپ ئۆزگەرتكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە. ئەمەلىيەتتە بولسا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن باشلىتىلغان ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت ئىنقىلابى كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى ۋە دەخلى – تەرۇزى تۈپەيلىدىن ئەسلى غايىسىدىن قىسمەن ئۇزاقلاشقان، بۇ جۇمھۇرىيەت ۋە مىللىي ئىنقىلابمۇ دەل سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ ئېلىپ بارغان سىياسىي سۇيىقەستى نەتىجىسىدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قېتىمقى مىللىي ئىنقىلابنى بىر مەھەل قوللىشىدىكى ۋە ئۇنىڭغا ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشىدىكى ئاساسى مەقسىتى خۇددى چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ بايان قىلغىنىدەك، ئۇنى تامامەن كونترول ئاستىغا ئېلىش ۋە ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى مەقسەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئىدى. چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەقسىتى، 3 ۋىلايەت ئىنقىلابىنى كوزىر قىلىپ تۇرۇپ، خىتايغا تاشقى موڭغۇلنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئىدى.

دەرۋەقە، 1945 – يىلى 2 – ئايدا چاقىرىلغان يالتا يىغىنىدا ستالىن، ئەگەر خىتاي تەرەپ تاشقى موڭغۇلنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان تەقدىردە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي توقۇنۇشلارغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ تۇپراق پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، يالتا يىغىنى ئاساسىدا 1945 – يىلى 8 – ئاينىڭ 14 – كۈنى خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا، ” خىتاي – سوۋېت دوستلۇق ئەھدىنامىسى ” تۈزۈلۈپ، تاشقى موڭغۇلنىڭ مۇستەقىللىقى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى 3 ۋىلايەت مىللىي ھەرىكىتىگە قىلىۋاتقان بارلىق ياردەملىرىنى توختىتىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلىخان تۆرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاچۇرۇپ كەتكەن، مىللىي ئارمىيىمۇ ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىشقا مەجبۇر بولغان، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن 3 ۋىلايەت ھۆكۈمىتى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، 11 بېتىم ئاساسىدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرغان ئىدى.

تارىخچى دوكتور ئاندرېف فوربىس ئەپەندى تەرىپىدىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1911 – يىلىدىن 1949 – يىلىغىچە بولغان سىياسىي تارىخى ھەققىدە يېزىلغان كىتابتىمۇ، 44 – يىلى قۇرۇلغان ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭمۇ خۇددى 33 – يىلىدىكى تۇنجى جۇمھۇرىيەتكە ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كەمسىتىشكە، تالان – تاراج، زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىققا قارشى كۈرەش ئىرادىسىنىڭ ۋە مۇستەقىللىق،ھۆرلۈككە بولغان تەشنالىقىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، 3 ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىنىڭ پارتلاپ چىقىشىغا يەنە ئوخشاشلا مۇستەبىت دىكتاتور شىڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمى سەۋەبچى بولغان ئىدى.

مەزكۇر كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، 1933 – يىلى 4 – ئايدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مىلىتارىست جىڭ شۇرىن ھەربىي ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن خىتايغا قاچقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن، ” شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا ئۆتكەن ئەڭ قانخور دىكتاتور ” دەپ ئاتالغان شىڭ شىسەي باش ۋالىي بولغان ئىدى. شىڭ شىسەي 1933 – يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان تۇنجى جۇمھۇرىيەتنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىۋاسىتە ھەربىي ياردىمى بىلەن يوقاتقاندىن كېيىن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، ئۆزىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوينىغا ئاتقان ۋە سوۋېتنىڭ كوممۇنىستىك تۈزۈمىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. ھەتتا يەنئەندىن ماۋ زېمىن، چېن تيەنچۇ قاتارلىق خىتاي كوممۇنىست ۋەكىللىرىنى ئۈرۈمچىگە چىللاپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىگە شېرىك قىلغان ئىدى.

34 – يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى يوقىتىلغاندىن كېيىنمۇ، تاكى 37 – يىلىغا قەدەر جەنۇبىي رايونلاردا مىللىي ئىنقىلاب يالقۇنلىرى ئۆچمىدى. شىڭ شىسەي بىر تەرەپتىن جەنۇبىي رايونلاردا ئۇيغۇرلارغا قارىتا رەھىمسىزلەرچە قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيىنى تەرغىب قىلىپ، ئۇيغۇر بايلىرىنى، يەر ئىگىلىرىنى ۋە ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنى مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ تۈرمىلەرگە تاشلىدى ۋە يەرلىك خەلقنى خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش دىنسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى.

يۇقىرىقى كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، شىڭ شىسەي مەزگىلىدە ئۇيغۇر بايلىرى، دىنىي ئۆلىمالار ۋە ئوقۇمۇشلۇق زاتلارنىڭ ئاساسەن ھەممىسى دېگۈدەك قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇلارنى ئالتايدىكى ئالتۇن كانلىرىغا ۋە ھەربىي ئىستىھكاملارغا يۆتكەپ كېلىپ ئېغىر جىسمانىي ئەمگەككە سالغان. شىڭ شىسەي مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرىگە شۇ دەرىجىدە قاتتىق چەكلىمە قويۇلغانكى، ئۇيغۇرلار ئادەتتە تاۋۇز – قوغۇننىڭ ۋە دېھقانچىلىقنىڭ گېپىدىن باشقا سۆز قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ھالغا چۈشكەن. شىڭ شىسەي، ” مۇسادىرە ” دېگەن نامدا بۇلاڭ – تالاڭ قىلىش، ئېغىر ئالۋان – ياساق ۋە باج تۈزۈمى ئارقىلىق يەرلىك خەلقنىڭ قېنىنى شوراش بىلەن بىرگە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كان بايلىقلىرىدىن خالىغانچە پايدىلىنىش ھوقۇقىنى بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئالغان پايدىنى ئۆزىنىڭ چۆنتىكىگە تاشلىغان.

1941 – يىلى گىتلېر ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر مەھەل ئۈستۈنلۈكنى ساقلىغاندىن كېيىن، چوتنى خاتا سوققان شىڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ، نەنجىڭدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇپ، ” كوممۇنىستلارنى تازىلاش ” دېگەن نامدا يەنە شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن بىرگە يەنە كۆپلىگەن ئۇيغۇر زاتلىرىنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىغان ياكى سۈرگۈن قىلغان.

تارىخچى دوكتور ئاندرېف فوربىس ئەپەندىنىڭ كىتابىدا نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، شىڭ شىسەينىڭ 10 يىللىق ھاكىمىيىتى جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان، قىيىن – قىستاققا ئۇچرىغان، سۈرگۈن قىلىنغان ۋە مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغانلارنىڭ ئومۇمى سانى تەخمىنەن 100 مىڭدىن ئاشىدۇ.

گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىڭ شىسەينى 1944 – يىلى 9 – ئايدا ئورمانچىلىق مىنىستىرى قىلىپ نەنجىڭگە يۆتكەپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا گومىنداڭ پارتىيىسى ئىچىدىكى ئۇچىغا چىققان شوۋىنىست ۋە چوڭ خىتايچى ۋۇ جۇڭشىننى ئۆلكە رەئىسى قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى. ئىلگىرى ” گومىنداڭ چېگرا رايون كومىتېتى ” نىڭ رەئىسى بولغان ۋۇ جىڭشىن، خىتاي تېررىتورىيىسى ئىچىدىكى پۈتۈن مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئىرق، دىنىي ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ، بۈيۈك خىتاي مىللىتىگە قوشۇلۇپ كېتىشكە مەھكۇم ئىكەنلىكىنى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشكە جىددىي ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلاتتى.

ئەينى چاغدا نەنجىڭدە تۇرۇۋاتقان ۋە تارىختا ” 3 ئەپەندى ” دەپ ئاتالغان مەسئۇد سابىرى بايقۇزى، مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىندۇر ۋۇڭ جۇڭشىننىڭ بۇ خاراكتېرىنى ياخشى بىلگىنى ئۈچۈن، جىياڭ جېشىغا مۇراجىئەتنامە يېزىپ، ۋۇ جۇڭشىننىڭ ئۆلكە رەئىسى بولۇشىغا قارشى چىققان، ئەمما جىياڭ جېشى ئۇلارنىڭ ئېتىرازىغا قۇلاق سالمىغان ئىدى. شىڭ شىسەي نەنجىڭگە يولغا چىقىشتىن بۇرۇن يەنە مەخپىي ساقچى تەشكىلاتىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ۋۇ جۇڭشىن كېلىشتىن بۇرۇن تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان 500 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي تۇتقۇننى ئۆلتۈرۈشنى تاپشۇرغان ئىدى، ساقچى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى لى يىچېڭ ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈردى.

ۋۇ جۇڭشىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنچە كۈچلۈك تەلىپىگە قارىماستىن، ساقچى باشلىقى لى يىچېڭنى جازالىماي مۇھاپىزەت قىلدى، سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ئومۇمىي كەچۈرۈم ئېلان قىلىپ، 500 – 600 سىياسىي مەھبۇسنى قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي سىياسىي جىنايەتچىلەر بولۇپ، ئۇيغۇر مەھبۇسلار يەنىلا تۈرمىدە قېلىۋەردى. ۋۇ جۇڭشىن، يەرلىك خەلقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان مەخپىي ساقچى ۋە تۈرمە تۈزۈمىنى بىكار قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچەيتتى.

شىڭ شىسەي مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 20 مىڭ ئەتراپىدا ئىدى، ۋۇ جۇڭشىن ئۆلكە رەئىسى بولغاندىن كېيىن، ئىچكى ئۆلكىلەردىن جىددىي ئەسكەر يۆتكەپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى 100 مىڭغا يەتكۈزدى ۋە بۇ ئەسكەرلەرنىڭ تەمىناتى ئۈچۈن يەرلىك خەلققە قوشۇمچە ئالۋان – سىلىق يۈكلەندى. يەنە قازاق چارۋىچىلارغا ئەسكەرلەر ئۈچۈن 20 مىڭ ئات بېرىش سېلىقى تاپشۇرۇلغان.

ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا خىتاي كۆچمىنى يۆتكەش سىياسىتىنىڭ باشلامچىسى بولغان ۋۇ جۇڭشىن، ئىچكى ئۆلكىلەردە قەھەتچىلىككە ئۇچرىغان رايونلاردىن 10 مىڭ كۆچمەننى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇلارنى شىمالىي رايونلاردىكى قازاق چارۋىچىلاردىن تارتىۋېلىنغان يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئۇلارنى ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن قىلغان. يەنە كېلىپ ۋۇ جۇڭشىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مالىيە تۈزۈمىنى ۋە پۇلىنى بىكار قىلىپ، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ پاخال پۇلىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ بازارغا سالغان، نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستاندا تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئىقتىسادى بوھران ۋە قەھەتچىلىك پەيدا بولغان. شۇڭا يەرلىك خەلق ئارىسىدا، ” بىر شىڭ شىسەي كەتتى، ئەمما ئىككى شىڭ شىسەي كەلدى ” دېگەن سۆز پەيدا بولغان.

قىسقىسى، 1933 – يىلىدىكى تۇنجى جۇمھۇرىيەت بىلەن، 1944 – يىلىدىكى ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئامىللار ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، تۈپ يىلتىزى زۇلۇم، بېسىم ۋە تالان – تاراج ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتىنىڭمۇ 30 – ۋە 40 – يىللاردىكى خىتاي دىكتاتورلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدىن ھېچبىر پەرقىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەكسىچە ھازىرقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىلگىرىكى مۇستەملىكىچى كۈچلەردىنمۇ ئېشىپ چۈشكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى