رابىيە قادىر خانىم شۋېتسىيە زىيارىتى ئۈچۈن ستوكھولىمغا يېتىپ كەلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى

رابىيە قادىر خانىم شۋېتسىيە زىيارىتى ئۈچۈن بۈگۈن، 6 – ئۆكتەبىر كۈنى، ئەتىگەندە ستوكھولىمغا يىتىپ كەلدى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتىنىڭ ئاساسى مەقسىتى شۋېتسىيە نارىن نەشرىياتى تەرىپىدىن شىۋېت تىلىدا نەشر قىلىنغان “ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقۇچى ئايال” ناملىق كىتابنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش.

رابىيە قادىر خانىم بۇ جەرياندا يەنە، شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەردە بولىدۇ.

رابىيە قادىر خانىمنى شۋېتسىيىگە نارىن نەشرىياتى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، نارىن نەشرىياتىنىڭ باشلىقى لاش ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمنى ئايرودرومدا كۈتۈۋېلىش جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ سورىغان سواللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

لاش ئەپەندى: “مەن ئۆتكەن يىلى بۇ كىتاب ھەققىدە ئۇچۇر ئاڭلاپ كىتابتىن بىرنى سېتىۋالغان ئىدىم. كىتابنى ئۇقۇپ چىققاندىن كېيىن، شىۋېت تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم. شىۋېت خەلقىنىڭ ماڭا ئوخشاش بۇ كىتابقا قىزىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى بۇ كىتابتا تەسۋىرلەڭىنى يالغۇز رابىيە قادىرنىڭلا ھاياتى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ خەلقى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدۇر. مانا بۇ، كىتابنىڭ كىشىلەردە قىزىقىش قوزغايدىغان مۇھىم تەرىپىدۇر.”

لاش ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: “مەن ئۇيغۇرلارنى تونۇغىلى 20 يىللارچە بولدى. مەن ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى كۈزۈتۈپ كېلىۋاتىمەن. ئاز سانلىق دەپ ئاتالغان خەلقلەرنىڭ تەقدىرى داۋاملىق قىيىن بولىدۇ، مەن كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن، بۇنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم.”

رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىم شۋېتسىيىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا شۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر قىسىم پاالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ ۋە رادىئو – تېلېۋىزىيە، گېزىت مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ قېتىمقى شۋېتسىيە زىيارىتى ھەققىدە توختالدى.

“ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقۇچى ئايال” ناملىق بۇ كىتاب بۇندىن ئىلگىرىمۇ بىر قانچە تىلدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتابنىڭ شىۋېت تىلىدا نەشر قىلىنىشى 8 – خىل تىلدا نەشر قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/rabiye-xanim-shiwetsiyide-10062010194708.html/story_main?encoding=latin