نورۋېگىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى

دۇنيا  ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ “ماتەم كۈنى” ھەققىدىكى چاقىرىقى ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2-ئۆكتەبىر كۈنى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە    خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

ئوسلو شەھرى ۋە نورۋېگىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۈگۈنكى بۇ نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن يىغىلغان نامايىشچىلار قوشۇنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۇچ بولغان پەيتتە ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش مەركىزى پويىز ئىستانسىسى ئالدىدىن يولغا چىقتى. نامايىشچىلار قوشۇنى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە پلاكاتلارنى كۆتۈرگەن ھالدا ، ساياھەتچىلەر ۋە يەرلىكلەر  ئەڭ كوپ يىغىلىدىغان چوڭ- كىچىك كوچىلارنى بويلاپ يۈرۈش قىلدى ۋە يول بويى ئىنگلىزچە ۋە نورۋېگچە تىللاردا : ”خىتاي دىكتاتور””خىتاي تېررورىست””ئۇيغۇرلارغا بىزگە ئەركىنلىك كېرەك” ”شەرقىي تۈركىستانغا  ئەركىنلىك كېرەك” ”خىتاي، ئۇيغۇرلارنى ئولتۇرۇشنى،قولغا ئېلىشنى توختات” دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ ئۆتتى. كىچىك بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەردىن تەشكىل تاپقان تەشۋىقات گۇرۇپپىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە خىتاينىڭ 61 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتى قىسقا تونۇشتۇرۇلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى قىزىققۇچى ئاممىغا تارقىتىپ ماڭدى.

نامايىشچىلار  كوچا يۈرۈشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دېڭىز بويىغا جايلاشقان نوبېل  تىنچلىق سارىيى ئالدىغا ھەيۋەتلىك شوئارلارنى توۋلاپ كەلگەندە بۇ يەرگە يىغىلغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. تەشۋىق ۋەرەقىسىنى تارقىتىشقا مەسئۇل بولغان ياش –ئۆسمۈرلەر بىر ياقتىن ۋەرەقىلەرنى تارقاتقاچ يەنە بىر ياقتىن نامايىشقا قىزىققۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

نوبېل تىنچلىق سارىيىنىڭ ئالدىدا يەنە خىتاي  ھۆكۈمىتىنىڭ 61 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زوراۋان سىياسىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن  رەسىم كۆرگەزمىسى كۆرسىتىلدى.

بۈگۈنكى  نامايىشقا  ئوز قىزغىنلىقى بىلەن كېلىپ قاتناشقان پەلەستىن ئازادلىق ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئابدۇللا  ئۇيغۇرلارغا  بولغان  ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەپ  ئۇيغۇر خەلقى بىلەن پەلەستىن خەلقىنىڭ تەقدىرداشلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ  ئوز ئەركىنلىكى  يولىدا  بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەكلىرىنى شۇنداقلا پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەر قاچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سوز قىلدى.

بەلگىلىگەن ۋاقىتتىن ئاشۇرۇپ ئېلىپ بېرىلغان  نامايىش  كۈن تەرتىپلەرنى تولۇق ئورۇنداپ جاراڭلىق شوئارلار بىلەن  غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.