ئامېرىكىدا ” شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ” يىغىنىنى چاقىرىش ھەققىدە مۇراجىئەت

2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى

شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى تەييارلىق كومىتېتى

2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئېچىلماقچى بولغان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسىي ھەرىكىتىگە ئىستراتېگىيە بەلگىلەش بويىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈرلۈك ئوخشىمىغان سىياسىي قاراشلارغا ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ باش قوشۇشى بىلەن ئېچىلىدىغان بىر خەلقئارالىق كېڭەشتۇر.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، نۆۋەتتە خەلقىمىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە زور يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تىنىمسىز كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى تۈپەيلىدىن خەلقىمىز ھازىر ئوز ۋەتىنىدە ئازسانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى ؛ مىللىي مائارىپىمىز پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنىپ ، خەلقىمىز زور ئاسسىمىلياتسىيە خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە ؛ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى سۈرگۈن قىلىنغان مىليونلىغان قىز – يىگىتلىرىمىز خورلۇق ۋە زۇلۇم ئىچىدە جان تالاشماقتا ؛ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى تۈپەيلىدىن ياش ئەۋلادلىرىمىز ئىمانىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەتىرىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ ؛ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان مىليونلىغان بوۋاقلىرىمىز ئانىسىنىڭ قورسىقىدا ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ ؛ سانسىزلىغان بىگۇناھ ئىنسانلىرىمىز قاراڭغۇ زىندانلارغا تاشلىنىۋاتىدۇ ؛ تەبىئىي بايلىقلىرىمىز ئېغىر دەرىجىدە تالان – تاراج قىلىنىپ ، خەلقىمىز ئاچلىق ۋە نامراتچىلىق ئىچىدە جان تالىشىۋاتىدۇ ؛ خىتاينىڭ دۆلەت تېررورلۇق سىياسىتى تۈپەيلىدىن ، ھازىر خەلقىمىز ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقىدىن ، ھەتتا بىر – بىرى بىلەن ئەركىن ئۇچرىشىشتىنمۇ مەھرۇم قالدى .

قىسقىسى، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ خەلقىمىزگە كەلتۈرۈۋاتقان بالاسى – ئاپەتلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ ، خەلقىمىز بۈگۈن ھايات – ماماتلىق خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە .

ئەينى چاغدا ، خىتاي ھاكىمىيىتى 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ ، خەلقىمىزگە قاراتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان ئىدى ، بۈگۈنكى كۈندە يەنە خەلقئارادىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى كرىزىسلارنى پۇرسەت بىلىپ ، خەلقىمىزگە قاراتقان يوقىتىش سىياسىتىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يۇقىرى پەللىگە كۆكەرمەكتە ، ” 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ” بۇنىڭ جانلىق دەلىلىدىن ئىبارەت !

خىتاي ھاكىمىيىتى ، ھازىر ھەتتا ، خەلقىمىزگە قاراتقان يوقىتىش سىياسىتىنى بۇرۇنقى يوشۇرۇن ھالەتتىن ھېچنېمىدىن تەپتارتماي ، ئوچۇق – ئاشكارا ھالەتكە يۆتكەپ ، خەلقىمىزنى كەڭ كۆلەمدە ئوچۇق – ئاشكارا قىرغىن قىلىش باسقۇچىغا ئۆتتى.
دېمەك ، مۇشۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە بىز مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىننى چاقىرىشنى قارار قىلدۇق.

ھەممىمىزگە مەلۇمكى ، بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ، مىللىي مۇستەقىللىقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ، ئۆز نومۇسىمىزنى ئاقلاش ۋە ئەركىنلىكىمىز ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىپ كەلدۇق. بولۇپمۇ ، شەرقىي تۈركىستان خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان 61 يىل ئىچىدە ، ئازادلىق كۈرىشىمىز ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ ، قەھرىمانلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە بارلىق ئىمكانى بىلەن بۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇردى.

دۈشمىنىمىزنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشى ھەم ئۇنىڭ ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرەشلىرىمىزنى باستۇرۇشلىرىنىڭ قانچىلىك ۋەھشىي بولۇش ، بىزنى بىر قەدەممۇ ئارقىغا چېكىندۈرەلمىدى ۋە ئۈمىدسىزلەندۈرەلمىدى . مۇستەقىلچى رەھبەرلىرىمىز ، زىيالىيلىرىمىز ، يازغۇچى-شائىر ، تارىخچىلىرىمىز ، سىياسەتچىلىرىمىز ۋە ۋەتەنپەرۋەر زاتلىرىمىز ھەرقايسىسى ئۆز دەۋرىدە ئۆز ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇقەددەس مەقسىتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدى ۋە كۈرەشچان ئەۋلادلارنى يېتىشتۈردى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك كۈرەشلىرى ئارقىلىق بىزلەرگە يېتەكچى ئىدىيە ۋە ئېگىلمەس – سۇنماس كۈرەش روھىنى قالدۇرۇپ كەتتى. گەرچە ئۇلار ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالماي ، ئازادلىق ، نىجاتلىق دېگەننى يادلاپ ، تامچە – تامچە ياشلارنى ئېقىتىپ ، لەختە – لەختە قانلارنى تۆكۈپ پۈتۈن ياشلىق ئۆمرىنى تۈرمىلەردە ئۆتكۈزۈپ ، « ئاھ ئازادلىق » دەپ يورۇق دۇنياغا تەشنا بولۇپ ئۇ ئالەمگە كەتكەن بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ يۈكسەك غايىسى ، پولاتتەك ئىرادىسى ، ئۆلمەس روھى بىزنى يېتىلدۈردى . ئۇلار پۈتۈن ئارمان ۋە مەقسەتلىرىنى بىزگە ئامانەت قويۇپ كەتتى .

بىز ئازادلىق ۋارىسلىرى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە قولىمىزدىن كېلىشىچە ، ئۆز ئىمكانلىرىمىز بىلەن خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتىمىز .

نۆۋەتتە ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى بارغانسېرى غالجىرلىشىپ، خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولماقتا . ھازىر ۋاقىت ئىنتايىن قىسقا ، تەقدىرىمىز بىر نەپەس ئۈستىدە قالدى. شۇڭا ، جىددىي تەدبىر قوللىنىپ ، تەشكىلىي ھەم ئىدىيىۋى بىرلىكنى زور دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرمىساق ھەمدە كەلگۈسىمىز ئۈچۈن چىقىش يولى تاپمىساق بولمايدىغان ۋاقتىمىز كەلدى . بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك زاتلىرىنىڭ ئەقىل-پىكرىگە ، ھەمكارلىقىغا موھتاج . بىز پۈتۈن دۇنيادىكى خەلقىمىزنىڭ ئورتاق ئاۋازىنى ئېلىش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلماقتىمىز.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كېلىدىغان ۋەكىللەرنىڭ قاتنىشىشىدا پەۋقۇلئاددە كېڭەش چاقىرىش قارارىغا كەلدۇق . بۇ كېڭەشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ھەرقايسى رايون ۋە ھەر ساھە كىشىلىرىدىن تەشكىل تاپقان ” شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ” گە تەييارلىق قىلىش كومىتېتى قۇرۇپ چىقىلدى . بۇ تەييارلىق كومىتېتى مەزكۇر كېڭەشنىڭ بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

بىز ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلارنىڭ بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق كېڭەشكە ئەستايىدىل كۆڭۈل بۆلۈش ، ئۇنىڭغا جىددىي مۇئامىلە قىلىش ۋە قىزغىن ئىشتىراك قىلىشنى بىر مۇقەددەس مىللىي مەجبۇرىيەت دەپ قارىشىنى ھەمدە شۇ ئاساستا ئىش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

ئالدى بىلەن ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەت ، شەھەرلەرنى ئاساس قىلىپ ، شۇ جايدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن شۇ جايدىكى خەلقىمىزنىڭ سانىغا ۋە مىللىي دەۋايىمىزدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنىغا قاراپ دېموكراتىك ئاساستا ۋەكىل سايلايدۇ . ۋەكىللەر د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللىرىدىن ۋە شۇ يەردىكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن سىرت ، يەنە خەلق ۋەكىلى نامى بىلەن يىغىنغا قاتنىشىدۇ .

ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ :
1. خەلق ۋەكىللىرى (ھەر بىر دۆلەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردىن دېموكراتىك ئاساستا سايلىنىپ چىقىلغان خەلق ۋەكىللىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابلىرى ، سودا – سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەربابلار ، ياشلار ۋە ئاياللار ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپىدۇ ).
2. زىيالىيلار
3. دىنى ئەربابلار
4. شۇ دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ( مەيلى د ئۇ ق تەركىبىدە بولسۇن – بولمىسۇن )
5. شۇ دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللىرى ۋە رەھبەرلىرى

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ، ھەر بىر دۆلەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ۋەكىللەرنى سايلاپ چىقىش ۋە يىغىنغا كەلگۈچىلەرنىڭ نامزات تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش گۇرۇپپىسىنى دەرھال تەشكىللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھەر بىر دۆلەتتىن مەزكۇر كېڭەشكە قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر تىزىملىكىنىڭ مەزكۇر تەييارلىق كومىتېتىغا ۋاقتى قەرەلىدە يوللىنىشى ئىنتايىن مۇھىم.

بىز بۇ قېتىمقى يىغىندا تۆۋەندىكى ئەمەلىي ھەم جىددىي بولغان تېمىلارغا ئورتاق كېڭىشىش ئارقىلىق جاۋاب تاپىمىز :

– مىللىي تەقدىرىمىزنى قانداق ھەل قىلىمىز ؟
– بىز خەلقىمىزنى قانداق قۇتۇلدۇرماقچى ؟
– ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئوخشىغان جىددىي پاجىئەلەردە بىز خەلقىمىزگە قانداق ياردەملەرنى قىلماقچى ؟
– مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىستراتېگىيىسىنى قانداق ئېلىپ بارىمىز ؟
– قايسى خىل يول مىللىي ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق ؟
– نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچى – سىرتىدا جىددىي ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك پائالىيەتلەر قايسى ؟
– سىياسىي كۆزقاراشلىرى بىر – بىرىگە ئوخشىمىغان تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر قانداق بولۇشى كېرەك ؟ ئۇلار قانداق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى لازىم ؟
– ھەرقايسى تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئۆزئارا قانداق ھەمكارلىشىمىز ؟
– ئىچكى-تاشقى تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى قانداق كۈچەيتىمىز ؟
– ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىمىز ؟
– ئىچكى – تاشقى ھۇجۇملارغا قانداق تاقابىل تۇرىمىز ؟
– خىتاينىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىگە قاراتقان ئىچكى جەھەتتىن سىڭىپ كىرىش ، پارچىلاش ۋە ئاخىرىدا ئاستا – ئاستا يوقىتىش سىياسىتىگە قانداق قارشى تۇرۇش كېرەك ؟

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ، تۆۋەندىكىچە مۇھاكىمە ۋە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ:

نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئانالىزى :
ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسىي تاللىشى – يەنى ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسى نىشانى ؛
مەزكۇر نىشانغا يېتىشتىكى ئىستراتېگىيە ؛
تەشۋىقات خىزمىتى ؛
ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ ئىشەنچلىك ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئىقتىسادىي مەنبەسىنى قۇرۇش ۋە ماڭدۇرۇش ؛
ئىنقىلابى ھوشيارلىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ؛
ئومۇمىي بىرلىكسەپ قۇرۇش ؛

بۇ قېتىمقى كېڭەش ئارقىلىق يۇقىرىقى سوئاللارغا ھەممىمىز بىرلىكتە جاۋاب تاپىمىز . ھەممىمىز ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، مەۋجۇت زىددىيەتلەرگە خاتىمە بېرىپ ، ئىتتىپاقلىق ۋە ئورتاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ، ھەممىمىز بىرگە بۇنىڭدىن كېيىنكى يېتەكچى ئىدىيە ۋە شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ماڭىدىغان يۆنىلىشىنى بەلگىلەشنى مەقسەت قىلىمىز.

ئاخىرىدا ، بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلارنىڭ بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق كېڭەشكە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قىزغىن ئىشتىراك قىلىشىنى بىر مۇقەددەس مىللىي مەجبۇرىيەت دەپ قارىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن :

شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى تەييارلىق كومىتېتى
2010 – يىلى 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنى