دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ماتەم كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

ۋاشىنگتوندا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1 – ئۆكتەبىرنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ماتەم كۈنى  ۋە يېڭى بىر زۇلۇمنىڭ باشلىنىشى دەپ ئېلان قىلغان، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى 1 – ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۈرلۈك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ  تەشكىللىشى بىلەن خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى نامايىش ئامېرىكا ۋاقتى سائەت 14:00 باشلاندى، نامايىشچىلار قوشۇنى قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم، بېسىم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى پاش قىلىنغان، شۇنداقلا 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن رەسىملىك تاختا ۋە لوزۇنكىلارنى ئېگىز كۆتۈرۈشۈپ، جاراڭلىق ھالدا شوئار توۋلاپ، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىنى زىل – زىلىگە سالدى.

نامايىش جەريانىدا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ۋە د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى ئالىم سەيتوف ئەپەندىلەر سوز قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى، بولۇپمۇ ياشلىرىمىزنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشقا ۋە خەلقىمىزنىڭ قايغۇسى ۋە شاتلىقىغا ئورتاق بولۇشقا چاقىردى.

نامايىش باشتىن – ئاخىرى ئىنتايىن جانلىق ۋە كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتتا ئۆتتى.

بۇندىن باشقا يەنە بۈگۈن مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىم، 1 – ئۆكتەبىر مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەللىك بەزى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالى … قاتارلىق ناھايىتى كەڭ مەزمۇنلاردا ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

گوللاندىيىدە نامايىش

بۈگۈن 1-ئۆكتەبىر كۈنى، د ئۇ ق نىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن “گوللاندىيە شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىك تەشكىلاتى” يېتەكچىلىكىدە ئامىستېردام دام مەيدانىدا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى نامايىش ئىلىپ بېرىلدى.

بۇ نامايىشقا گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار، ئايال-قىزلار، ياشلار قاتارلىق بولۇپ 70دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى، نامايىش سائەت 2 دىن 4 گىچە داۋام قىلدى، بۇ نامايىش مۇخبىرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى، 500 پارچە دىن ئارتۇق تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىلدى، نامايىش پىلان بويىچە ياخشى ئاخىرلاشتى.