ياپونىيىدە ‘شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسى’ ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى

9 – ئاينىڭ 26 – كۈنى توكيودا، “شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسى” ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىننىڭ ئاساسى مەزمۇنى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ئەپەندى، بۇ يىغىننىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، 9 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىن 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە، ياپونىيىدە يەنە بىر قىسىم سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىكەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق ئۇچۇر بېرىپ، ياپونىيىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ياپونىيىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرشۇناسلار د ئۇ ق ۋەكىلى ئۈچۈن بىر قىسىم سىياسىي ئۇچۇرۇشۇشلار ھەم يىغىنلارنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان.

78 – نۆۋەتلىك خەلقئارا قەلەمكەشلەر يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان د ئۇ ق باش كاتىپى، قەلەمكەشلەر يىغىنىغا كۆزەتكۈچى سۈپىتى بىلەن قاتناشقاندىن سىرت، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر مىللىي مەسىلىسىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ياپونىيە – خىتاي ئوتتۇرىسىدا داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي سۈركىلىشلەر، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان ھېسداشلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى بىر پەللىگە كۆتۈرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/yaponda-Sht-muhakime-yighini-09282010203443.html/story_main?encoding=latin