رابىيە قادىر خانىم يۇتا شتاتىدىكى پائالىيەتلىرىنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتۇردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۈچ كۈندىن بۇيان، يۇتا شتاتىدىكى پائالىيەتلىرىنى نەتىجىلىك ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، 23 ‏- سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى كەچتە ۋاشىڭتونغا قايتىپ كەلدى.

رابىيە قادىر خانىم يۇتا شتاتىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەن ئىدى.

رابىيە خانىم بىلەن بىرگە يۇتا شتاتىدا ئېلىپ بېرىلغان پاالىيەتلەرگە قاتناشقان، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، ۋاشىڭتونغا كېلىش ئالدىدا، يۇتادا تۇرۇپ بىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، رابىيە خانىمنىڭ چارشەنبە كۈنى يۇتادىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت ھېسابلانغان يۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتقى ھەمدە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ رابىيە خانىمنىڭ نۇتقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئادالەتسىز سىياسىتى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەۋاتقان پەيتتە، بىر خىتاي ئوقۇغۇچى رابىيە خانىمدىن سوئال سوراش باھانىسى بىلەن ناھايىتى يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ، رابىيە خانىمغا “يالغانچى” دېگەڭە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن ھۇجۇم قىلغان.

بىراق رابىيە قادىر خانىم بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىغا دېموكراتىك بىر دۆلەتتە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى بارلىقىنى، مۇشۇنداق دادىللىق بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا بولمىغان سىياسىتى ئۈستىدىن نارازىلىق بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئەتراپلىق جاۋاب بەرگەن.

ئالىم سېيىتوف ئەپەندى يەنە، يىغىننىڭ تەرتىپىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغان خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ رابىيە قادىر خانىمدىن سورىغان سوالى ۋە بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يىغىننى تەرتىپىنى بۇزۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىدا يەنە، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەڭەن “مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى” ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلغان. فىلىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رابىيە قادىر خانىم يۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەۋە ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق ئىنستىتۇتىنىڭ پرېزىدېنت، دوكتور ۋە پروفېسسورلىرى بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ يۇتا شتاتىدىكى پائالىيەتلىرى، يۇتادىكى نوپۇزلۇق گېزىت – ژۇرنال رادىئو ۋە تېلېۋىزىيىلەردە بېرىلگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/rabiye-xanim-yutah-ziyariti-09232010191011.html/story_main?encoding=latin