ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت رابىيە خانىمنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلدى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكىنىڭ ئۇتا شتاتىدىكى ئۇتا ۋە ئۇتا ۋېللا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە ئاساسەن، بۇ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتىكى خىتاي مەسىلىسى ھەققىدە تەلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلارغا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئىلمىي دوكلات بېرىش ئۈچۈن 9 – ئاينىڭ 23 – كۈنى د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى ئالىم سەيتوف ئەپەندىمنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۇتا شتاتىغا يۈرۈپ كەتتى.

بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇتا ۋەللەي ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى دانني دامرون تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، پەقەتلا ئۇتا ۋەللەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىلا 30 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچىسى بار.

جەمئىي 3 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا رابىيە خانىم ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قىزىقىشىغا ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەن شەرەپ مېھمانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، يىغىن جەريانىدا رابىيە خانىم، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش ۋە  ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى … قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات بېرىدۇ.

كېيىنكى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە تەتقىقات مەركەزلىرىدە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققۇچىلار زور دەرىجىدە كۆپەيمەكتە.