قەھرىمان غوجامبەردى: ‘قازاقىستاندا خىتايغا ئىشەنمەسلىك، خىتايدىن ئاگاھ بولۇش دەيدىغان ئاڭ مەۋجۇت’

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھازىر قازاقىستاننىڭ ماتىبۇلاق ھەربىي مانېۋىر مەيدانىدا مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ھازىر قازاقىستاندا تۇرۇۋاتقان قەھرىمان غوجامبەردى خىتاي قىسىملىرىنىڭ قازاقىستان زېمىنىغا كىرگۈزۈلۈشىنى، قازاقىستان رەھبەرلىرىنىڭ خاتالىقى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شاڭخەي رادىئو ئىستانسىسى ۋە شاڭخەي شەرق ئۇچۇر گۇرۇھىنىڭ سمگ دەپ ئاتىلىدىغان تور گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوراللىق كۈچلىرى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانېۋىر 13 ‏- سېنتەبىر كۈنى قازاقىستاندا باشلانغان.

بۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ تۇنجى قېتىم قازاقىستان زېمىنىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭمۇ ئۇزۇن تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم قازاقىستان زېمىنىغا كىرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر قازاقىستاننىڭ ماتىبۇلاق ھەربىي مانېۋىر مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان “تىنچلىق بۇرچى 2010 ” دەپ ئاتالغان بۇ مانېۋىر، “ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك يەنىلا مۇشۇ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن ئاساسى خەۋپ. بۇ بىر مەزگىل ئىچىدە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم بۇرچى” دېگەن چۈشەنچىگە ئاساسەن ئۇيۇشتۇرۇلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ “شىنجاڭ خەۋەر تورى” دا بايان قىلىشىچە، بۇ مانېۋىرنىڭ قوماندانلىق شتابى ھازىر قازاقىستان، خىتاي، قىرغىزىستان، رۇسىيە ۋە تاجىكىستاندىن ئىبارەت بەش دۆلەت قىسىملىرىنى “ئۈچ خىل كۈچلەر”گە قارشى تۇرىدىغان 4 خىل تاكتىكا بويىچە مەشىق قىلدۇرماقتا ئىكەن. نەق مەيداندىن تارتىلغان فوتو سۈرەتلەرگە “خىتاي كوماندىرلىرى ھازىر قازاقىستاننىڭ يەر – شاراىتى بىلەن تونۇشۇۋاتىدۇ” دەپ ئىزاھات يېزىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ھازىر قازاقىستاندا تۇرۇۋاتقان قەھرىمان غوجامبەردى خىتاي قىسىملىرىنىڭ قازاقىستان زېمىنىغا كىرىپ مانېۋىر ئۆتكۈزۈشىگە قەتىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، قازاقىستاندا “خىتايغا ئىشەنمەسلىك، خىتايدىن ئاگاھ بولۇش” دەيدىغان ئاڭ مەۋجۇت ئىكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن، خىتاي قازاقىستاندىن يەر ئىجارىگە ئېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، قازاق زىيالىيلىرى قارشىلىق بىلدۈرۈپ كېلىشىم ئىمزالىنىشىنى توسۇپ قالغان ئىدى.

قەھرىمان غوجامبەردى مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ھېيتلىق سالام يوللىدى ۋە ئۇلارنى ئۈمىد بىلەن ياشاشقا چاقىردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/qazaqistan-xitay-munasiwiti-09142010192932.html/story_main?encoding=latin