تۈركىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى تانېر يىلدىز شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىغا كېلىپ ئۇيغۇرلار بىلەن ھېيتلاشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى

تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى تانېر يىلدىز ئەپەندى بىلەن قەيسەرى قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بېكىر يىلدىز ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ، يەنى روزى ھېيتنىڭ 3 – كۈنى قەيسەرى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە كېلىپ ئۇيغۇرلار بىلەن ھېيتلاشتى.

مىنىستىر تانېر يىلدىز ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنىڭ ئىشخانىسىدىكى ھېيت داستىخىنىغا داخىل بولۇپ، روزى ھېيت ئۈچۈن تەييارلانغان نازۇ – نېمەتلەرگە ئېغىز تەگدى، كېيىن سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە كېلىشىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختالغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

تانېر ئەپەندىنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز “ئۇنىڭدىن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رەىس جۇمھۇرى ئابدۇللا گۈل ۋە سىز ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ ئۇلاردىن ھال سورىدىڭلار، بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار ئىنتايىن خۇرسەن بولدى. ئەمما تۈركىيە رابىيە قادىر خانىمغا تېخىغىچە ۋىزا بەرمىدى، بۇ ھەقتە بىرەر يېڭىلىق بارمۇ؟ ” دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ سوالىمىزدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ ئېنىق بىر جاۋاب بەرمىدى.

تۈركىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى تانېر يىلدىز ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى، قەيسەرى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە كېلىپ ئۇيغۇرلار بىلەن ھېيتلاشقان بولۇپ، سۈرەتتە، مىنىستىر تانېر يىلدىز ئەپەندى ئۇيغۇرنىڭ ھېيتلىق داستىرخېنى ئۈستىدە.

بىز ئۇ كۈنى تەپسىلىي ئەھۋالنى ئىگىلەش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلدۇق.

تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى تانېر يىلدىز ۋە قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بېكىر يىلدىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىشخانىسىدا ئۇيغۇرلار بىلەن ھېيىتلىشىش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:

“مىنىستىرىمىزنىڭ تەشكىلاتىمىزغا ھېيتلاپ كېلىشى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنىڭ، ھېچ بىر زامان قېرىنداشلىرىنى يالغۇز تاشلاپ قويمايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بېكىر يىلدىز ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تۈركىيىدە تونۇتۇش جەھەتتىكى تۆھپىسى ئىنتايىن چوڭ. مەن بۇ يەردە ئۇنىڭغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. مەن ئۇلارنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى ئىپادە قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى سۆزگە تەكلىپ قىلىمەن.”

قەيسەرى قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بېكىر يىلدىز ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەپ مۇنداق دېدى:

“مەن ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ روزا ھېيتىڭلارنى تەبرىكلەيمەن. بۇ يەردە سىلەر ئۇنتۇمايدىغان بىر نەرسە بار. جىددىدە، مەدىنەدە، ئىستانبۇلدا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا 1960 – يىللاردا خىتاي زۇلۇمدىن قېچىپ چىققان كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار بار. ئۇلار بىر مەھەللىگە جايلىشالمىغاچقا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى دۇنيا سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىش كۈچىنى يوقىتىپ قويدى. باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى جان بېقىشنىڭ كويىغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆز داۋاسىدىن ئۇزاقلىشىپ كەتتى. سىلەرنىڭ بىر ئەۋزەللىكىڭلار بار. دەسلەپتە بۇ يەرگە 100 ئەتراپىدا ئائىلە كېلىپ جايلاشقان ئىدىڭلار، ھازىر بالا – چاقىلىرىڭلار بىلەن قوشۇلۇپ تېخىمۇ كۆپەيدىڭلار. سىلەردە بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق بار، بۇنى قوغداش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. چۈنكى، سىلەرنىڭ بۇ ئىتتىپاقلىقىڭلاردىن كۈچ – قۇۋۋەت ۋە مىللىي ئىنقىلاب مەيدانغا كەلمەكتە. مېنىڭ بىلىشىمچە دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە سىلەرگە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن داۋاملىق ژۇرنال چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى داۋاملىق ھالدا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقان باشقا بىر مەركەز يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنىڭ بۇ مەھەللىدە بىرلىكتە ياشىشىڭلار ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا بۇ ئىتتىپاقلىقنى بۇزىدىغان ئىشلاردىن ئۇزاق تۇرۇشۇڭلارنى، ھەقلىق داۋايىڭلارنى داۋاملىق ھالدا ئېلىپ بېرىشىڭلارنى تىلەيمەن. ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيادىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن.”

كېيىن، تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى تانېر يىلدىز ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

“شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىم، ئالدى بىلەن سىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۆزۈمنى باشلايمەن. روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. سىلەر بىلەن بىرلىكتە بولغانلىقىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىمنى ئىپادىلىمەكچىمەن. سىلەرنىڭ مەھەللەڭلەرگە كېلىشىمدە مۇنداق ئىككى تۈرلۈك سەۋەب بار. بىرىنچىسى سىلەرنىڭ ھېيتىڭلارنى تەبرىكلەش ۋە سىلەر بىلەن مۇڭدىشىش. ئىككىنچى سەۋەب بولسا، ئەتە يەنى 9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تۈركىيە بويىچە ئاساسىي قانۇننىڭ بەزى ماددىلىرى ئۆزگەرتىلسۇنمۇ ئۆزگەرتىلمىسۇنمۇ دەپ راي سىناش ئېلىپ بېرىلماقچى. سىلەر بۇرۇنلا ئاساسىي قانۇننىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى ياقىلايدىغانلىقىڭلارنى بايان قىلدىڭلار، بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن كەلدىم. بىز تۈركىيىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىۋاتىمىز، سىلەر بىلەن بىرلىكتە كۈچلۈك بىر تۈركىيە قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز. مەن مىنىستىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەرنىڭ قوشقان تۆھپەڭلەر ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن.”

تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى تانېر يىلدىزنىڭ نۇتقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز ئۇنىڭغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيىگە كېلىش ۋىزاسى ھەققىدە سوئال سورىدۇق.

بىزنىڭ، “ھۆرمەتلىك مىنىستىر سىز مىنىستىر بولۇشتىن بۇرۇنمۇ ئۇيغۇر مەھەللىسىگە كېلەتتىڭىز، مىنىستىر بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇمىدىڭىز. تۈركىيە رەىس جۇمھۇرى ئابدۇللا گۈلمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ھال سورىدى. ئەمما رابىيە قادىر خانىمغا تۈركىيە تېخىغىچە ۋىزا بەرمىدى، بۇ ھەقتە بىر يېڭىلىق بارمۇ؟ ” دېگەن سوالىمىزغا مىنىستىر تانېر يىلدىز ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:

“بىز ھەر دائىم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىللە. بىز ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ قانداق ياردەم قىلىشىمىز كېرەك بولسا شۇنداق قىلىۋاتىمىز. پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن. خۇدادىن سىلەرنىڭ سالامەتلىك ئىچىدە كۆپلەپ ھېيت ۋە بايرام ئۆتكۈزۈشۈڭلارنى تىلەيمەن.”

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/turkiye-ministiri-heytlidi-09132010203903.html/story_main?encoding=latin